كۆرۈش: 401|ئىنكاس: 0

بالىلىرىڭىز يىتىم بولمىسۇن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئاقچا
5
جۇغلانما
50
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
5
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-19 00:58:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                            بالىلىرىڭىز  يىتىم  بولمىسۇن   
   
ئەر-خوتۇننىڭ ئازارلىشىپ قىلىشى ئادەتتىكى ئىش ،ئەمما ئاجرىشىپ كىتىش ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس.چۈنكى ئۇ ھالال نەپىس-نەپەسلەرنى يەنە قايتىدىن ھارام قىلىشتۇر.ئاجرىشىش ئەر بىلەن ئايالنىڭ قەلبىگە ۋە كېيىنكى كىشىلىك تۇرمۇشىغا  ئىنتايىن ئېغىر جاراھەت ھەمدە نىكاھتىن ئەندىشە قىلىش ،تۇرمۇشتىن رايى قايتىش ،ئۈمىدسىزلىكتەك ئېغىر   دەرد-ئەلەملەرنى پەيدا قىلغۇچى زىيانلىق ئىشتۇر : ئارىغا  زىددىيەت ئۇرۇقلىرىنى تېرىپ،كىشىلەرنى ئۆچمەنلىك،غەزەپ، ئاداۋەتكە باشلىغۇچى نىزا ئۇرۇقىدۇر. ئەگەردە ئارىدا بالا بۇلۇپلا قالسا ،ئاشۇ بىغۇبار، سەبىي،يۇمران قەلىبلەرنى لەختە-لەختە قىلغۇچى زەھەرلىك خەنجەر ،مېھىر  ئېقىن-تاراملىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغۇچى قورقۇنچلۇق ھاڭ-توسمىسىدۇر.   
بۇرادەر ،ئاجرىشىشتىن  بۇرۇن قاتتىق ئويلىنىڭ ،مەيلى نىزا-زىددىيەت قانچىلىك چوڭقۇر بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئالدىراقسانلىق قىلماڭ. ئۆزىڭىزنى ئويلىمىسىڭىزمۇ بالىڭىزنى، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كېلەچىكىنى ئويلاڭ .توغرا، بىر-بىرىگە بولغان ئەقىدە ،ئىشەنچى سۇنغان ئىككى تەننىڭ بىر بالىنى دەپلا بىر ئۆيگە سولىنىپ ئولتۇرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس .‹‹بالا ئاتا-ئانىنى مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىنلا بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان زەنجىرگە ئايلىنىپ قالسا ،بۇنى بىر پاجىئە دېيىش كېرەك››(ئاپتورنىڭ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيتى››ژورنىلىنىڭ2005-يىللىق5-سانىدائېلان قىلىنغان‹‹ئەقىدە ئېھتىرامى››ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن) ._  
مەن ئەزەلدىنئىشەنچ ئاساسى بۇزۇلغان ،بىر-بىرىگە بولغان ساداقىتىگە دەز كەتكەن ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىر ئۆيدە بىر-بىرىگە رەقىبلەرچە ھومىيىشىپ ئولتۇرىشىنى قوللاپ كەلگەن ئەمەس.ئەمما،بالا ئالدىدا، ئاللا تائالانىڭ ئىنسانغا بەخش ئەتكەن بۇ بۈيۈك ئامانەت- سوۋغىسى  ۋە ئۇنىڭغا قۇشۇپ بەرگەن مەجبۇرىيىتى ئالدىدا مەن ئاجىزمەن،تىلىم-دىلىمنى يىغىشىغا مەجبۇرمەن ۋە ئەي ،ئەر-ئاياللار ،بالىلارنى ،ئائىلىنى دەپ بولسىمۇ ئەڭ زور دەرىجىدە كۈچەپ بېقىڭلار،دەيمەن.چۈنكى يىتىم بالىلارنىڭ قەلبىدىكى تولدۇرۇپ بولغۇسىز  ئاچلىق ۋەمېھىر تەشنالىقىنى باشقا ھىچقانداق نەرسە بىلەن تولدۇرۇپ-تويدۇرۇپ بولۇش مۇمكىن ئەمەس.
14 يىشىمدا ئانامنىڭ ۋاپاتى تۈپەيلى باشلانغان شۇخىل مېھىر ئاچارچىلىقى  مېنى يىتىملار ، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىسى بار تۇرۇپ يىتىم قالغان بىگۇناھ ،بەچارە بالىلارنىڭ غەمكىن تۇرقىغا قاراپ يىغلىتىدۇ . تۇغۇلۇش ئۇلارنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىى ۋە گۇناھى ئەمەس .ئەرلەر،ئاياللار، ئويۇن ۋە كۆڭۈل خۇشلۇقىدا  قالغان ئەي ئىنسانلار،بارلىق ئويۇنلىرىڭلارنى ئەمدى بولسىمۇ يىغىشتۇرۇڭل.مەن بىر ساغلام ئەقلگە  ئىگە ئەر-ئايالنىڭ  تىرىشسىلا ئۆي تۇتالايدىغانلىقىغا ۋە ھەتتا ئىنتايىن بەخىتلىك تۇرمۇش قۇرالايدىغانلىقىغا گەپ-سۆزسىز ئىشىنىدىغان بەندىمەن . بىر-بىرىڭلارغا ئىشەنچ ۋە ئەپۇ -رەھمەت نەزىرىڭلار بىلەن بېقىڭلار . نىكاھ ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتسىز بارلىق ھەۋەسلەرنى قايرىپ قويۇپ ، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى ئەمەلىي مەنىسىگە يۈزلىنىڭلار ۋە بالىلىرىڭلارغا مېھىرلىك كۆزلىرىڭلار بىلەن بېقىڭلار . پۈتكۈل بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە كۆيىنىشىنى ئۈنىد قىلماقتا .پۈتكۈل بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن تۈپ مەنىدىكى مەسئۇلىيەت تەلەپ قىلماقتا .پۈتكۈل بالىلارنىڭ قەلبى مېھىر ئاچارچىلىقىدا قاغجىراپ ياتماقتا...   
                                 ئەي ئەرلەر ،پەرزەنتلەرنىڭ ئۇۋالىغا قالمايلى.
ئەي ،ئاجرىشىش ئالدىدا تۇرغان ئەر، ئۆز پەرزەنتىڭنى ياتلارنىڭ ئالدىدا يەرگە قاراتما، ئۇنىڭ سەبىي يۈرىكىنى تىلما ،ئۇنىڭ بوينىنى قىسما .بىر ئەرنىڭ پەرزەنت ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ئۇنىڭغا تېرەك ،يۆلەك، مەدەت،كۈچ بولۇش. ئۇ يىقىلغاندا يۆلەكسىز ،ھالسىرىغاندا مەدەتسىز قالمىسۇن.ئېغىر كۈنلەردە ‹‹دادا ،سەن نەدە؟››ياكى‹‹خۇدا،ماڭا قانداق دادا بەرگەن ئىدىڭ،_ھە؟››ۋە ياكى‹‹خۇدا ،نىمىشقىمۇ مىنى بۇ دۇنياغا ،مۇشۇنداق بىر ئائىلىدە تۆرەلدۈرگەنىدىڭ›› دەپ سالمىسۇن .پەرزەنتلەرنىڭ ئاھى بەك يامان .‹‹دادىنىڭ قارغىشى ئوق››دەيدۇ .بالىنىڭ قارغىشىنى بومبا دېيىش مۇمكىن .سەبىي بالىلارنىڭ ئاھى ئىزچىل شۇ :‹‹ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار،يىتىم بولمىسۇن سەبىي بالىلار ››.   
B6u /mo<  
       دۇنيا بار كۈچى بىلەن :‹‹ئەر››دەپ ۋارقىرىماقتا : .
     ئەقىدە -ئەخلاق ئەرلەر ئۈچۈن چوڭقۇر ئاھسىنماقتا:   
     قىز-ئاياللار :‹‹ئەركەكلەر،قېنى سىلەر؟››دەپ ئاچچىق سۈرەن سالماقتا :  
   بالىلار:‹‹دادىلار،سىلەر نەدە ؟›› دەپ تېنەپ-تەمتىرەپ ھەريان تەلمۈرمەكتە ...  
   ئەرلەر،زاتى ئەركەكلەر!قېنى سىلەر؟...   
                                   (  نۇر مۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ ‹‹ئەرلەرگە101 تەكلىپ››ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى)

مەنبە:مىسرانىم تورى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.
bottom

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 冀ICP备12010643号 )

, Processed in 0.066330 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) © 2001-2011 Comsenz Inc. GMT+8, 2012-7-25 01:00

چوققىغا قايتىش