ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

Algha
جەمئىي مىكروبلوگ 771 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • altun ئۈلۈشكۈن 04:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەھرى يوق ئەر بولغۇچە مىھرىبان خۇتۇن بول،ۋاپاسىز قىزۋالىغا كۆيگىچە مەشتىكى ئوتۇن بول،خەھخەھخەھە ھاھاھاھاھ[e ...

  • رىۋايەت 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    تور نامىمنى خەقمۇ قويۋاپتۇ ،بۈگۈن مۇنبەردە ھەقسىز نەرسىنى ھەقلىق قىلىپ تارقاتقان ‹‹رىۋايەت3››بىرسى تۇ...   ...

  • kara_iz 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئانا تىل مۇنبىرى ئېچىلدى . ئانا تىل يەسلىسى قەدەملىرىنى www.anatil.net  كە كىرىپ كۆرىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن .

  • alip 2013-7-28 16:42 [ئىنكاس(0)] [...]

    باش سۈرەت يوللىغىلى بولماسلىق مەسلىسى ئوڭشالدى

  • mustafakarajim 2013-7-21 06:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    13565064045  دادام

  • ئەلشات110 2013-7-17 15:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ماۋزۇ 40 ھەرىپتىن مەزمۇن500 ھەرىپتىن ئاشمىسۇن دەيدا

  • karem 2013-7-16 18:52 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەي d710 غا روم يازاممىدىم .

كۆرۈش: 1327|ئىنكاس: 34

[بىلىم، تەجرىبە] SONYتېلفونى ۋە Android سېستىمىسى ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە [HACKEN]

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

677

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
325
توردا
15 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 15:30:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىۋايەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-7 20:06  

   ئەسىلامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار!


        بىرنەچچە كۈن بۇرۇن تاساددىپىي مۇنبەرنى بايقاپ قالغانىدىم . نۇرغۇن ياردەم تەلەپ قىلغان تېمىلارنى كۆرۈپ ياردەم قىلسام دېگەن نىيەتتە توپنى قۇرغانىدىم بىركۈندىلا نۇرغۇن تورداشلار قوشۇلدى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ جەھەتتە ئېھتىياج خېلى باركەن شۇڭا بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، كۆپچىلىككە ياردىمى بولسا ئەجەپ ئەمەس.

        SONY ماركىسى ھەققىدە
      ھەممەيلەنگە مەلۇم SONY ياپونىيەنىڭ ماركىسى. دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئېلىكتىرون ماركىللىرىنىڭ بىرى ، بەلكىم تېلۋىزور،رەقەملىك ئاپىرات،سىن ئالغۇ ،mp3، PS،PSP،قاتارلىقلاردا دۇنيانىڭ  ئالدىنقى قاتارىدا  تۇرىدىغانلىقىنى بىلىشىڭلار مۇمكىن . SONY يەنە ھوللىئود (HOLLYWOD) نىڭ خوجايىنى، دۇنيادىكى ھەر 3 كىنونىڭ بىرى SONY ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدۇ ،بۇنىڭدىن باشقە نۇرغۇن ساھەلەرگىمۇ چېتىلدۇ.SONY تېلفونلىرى ئەسلىدىكىSony ericsson ماركىسىدىن 2011 يىلى ericssonنىڭ تولۇق پېيىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق SONY غا ئۆزگەرگەن.
      
        SONY تېلفونى ھەققىدە
      SONY تېلفونى قويۇق ياپونچە تۈس ئالغان بولۇپ ، ئۆز ئالدىغا ئۇسلۇب ياراتقان ، سىرتقى شەكىل يەنى سانائەت لاھيسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا تېلفونلىرى ئىنتايىن كۆركەم نەپىس چىقىدۇ، قارىغۇلارچە ئىقتىدار قوغلاشمايدۇ،samsung نىڭ توختىماي مەركىزىي بىرتەرەپ قىلغۇچنى (CPU) يۇقىرى  كۆتىرىشى ،ئالما ۋە SONY دا بىھۇدە دەپ قارىلىدۇ ، بۇ جەھەتتە ئالما ئەڭ ياخشى ئالما تېلفونى ۋە تاختا كومپىيۇتېرلىرى قوللانغان IOS سېستىمى ۋە يۇقىرى سۇپەتلىك يۇمشاق دېتاللار تۆۋەن قاتتىق دېتال سەرپىياتىدىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە،iphone5 قوللانغان قوش 1.0GHZ لىق مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچ ئەگەر Android سېستىمىسىدا بولۇپ قالسا بۇنداق يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە بولالمايدۇ.كامېرا سەل مۇرەككەپ بۇتوغرىلىق ئاستىدا ئايرىم توختىلاي...
      
      SONYتېلفونى تىپىنىڭ بەلگىلىنىش قائىدىسى ھەققىدە
    SONYتېلفونى تىپىدىكى LT ،MT ،ST ۋە سان تەرتىپىنىڭ مەنىسى؛  L ئېنگىلىزتىلىدىكىLarge يەنى چوڭ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ ،LT تىپىدا 4 سۇڭدىن كىچىك تېلفون بولمايدۇ ،ھەر يىلقى ئەڭ ئېسىل تېلفونلىرى LT تىپىدىن چىقىدۇ؛ M ئېنگىلىزتىلىدىكى Medium  يەنى ئوتتۇرا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ، يەنى ھەريىلقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېلفونلار MT بولىدۇ؛S ئېنگىلىزتىلىدىكى Small يەنى كىچىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۈ، تۆۋەن دەرىجىلىك تېلفونلار ST تىپىدا بولىدۇ.
    بۇنىڭدىكى T غا كەلسەك Touchبولۇپ پۈتۈن سېزىمچان ئېكراننى بىلدۈرىدۇ،لېكىن بۇ يىلقى Lt36h ،lLt35h نى يەنە L36h ، L35h دەپ ئاتىلىۋەردى ،يەنى بۇندىن كېيىن بارلىق تېلفونلار سېزىمچان ئېكران بولغاچقا T نى قىسقارتىشقا بولىدۇ.
      سانغا كەلسەك SONY ئىككى خانىلىق سانلا ئشلىتىدۇ،بىرىنچى خانىسى شۇ يىلنى ئىككىنچى خانىسى دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. مەسلەن LT26 نى ئالسىاق 2 دېگەن رەقەم2012 يىلىنى،6 ئوتتۇرىدىن سەل يۇقىرى دەرىجىسىنى كۆرسىتدۇ ، يەنى LT29 بولسا LT26دىن يۇقىرى بولىدۇ.

       Androidسېستىمىسى ھەققىدە
    بۇ سېتىما ئەڭ دەسلەپتە 2003-يىلى پىلانلىنىپ ياسىلىشقا باشلانغان ،2005-يىلى Google تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ ، 2008-يىلى 10-ئايدا تۇنجى Android سېستىمىسىدىكى تېلفون بارازغا سېلىنپ ،2012يىلى 11-ئايغا كەلگەندە دۇنيادىكى 76% ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفون Android سېستىمىسنى قوللاندى.ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر سېستىمىدا بۇنداق تېزتەرەققىيات سۈرئىتى كۆرۈلۈپ باقمىغان.
      Androidنىڭ ئۇتۇقى ئۇنىڭ ئېچىۋېتىلگەن ، ھەقسىز سېستىما بولغانلىقىدا، ئېچىۋېتىلگەن سېستىمىنىڭ ئارتۇقىچىلىقى ئەركىن يەنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغانلىقىدا، يۇمشاق دېتال ياساش ، قاچىلاش قاتارلىقلار چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ.Androidنىڭ ئاجىزلىقىمۇ مۇشۇ يەردە.ئەڭ كۆرۈنەرلىكى مۇقىملىقى تۆۋەن ،  ھەر ۋاقىت ئىشلەتكۈچى ياكى مەلۇم بىر ئەپ(app) سېستىمىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشى مۇمكىن ،چۈنكى بۇ ئېچىۋېتىلىگەن سېستىمىدا يول قويۇلىدۇ.  ROOT قىلىنغاندىن كېيىن مۇتلەق ھوقۇق بولغاچقا تېخىمۇ ئاسانلىشىدۇ ، ئەگەر سېستىمىغا خاتا ھالدا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلسە كۆپ ھاللاردا ئېچىلماسلىقنى ياكى توختىماي قايتا قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.مۇنبەردىكى نۇرغۇنلىغان كېسسەككە ئايلانغان تېلفونلار بۇنىڭ مىسالى بولالايدۇ.
   Androidنىڭ قۇرۇلمىسى بۇ سېستىمىنىڭ ئوخشاش قاتتىق دېتال مۇھىتىدا باشقا IOS,WP8 قاتارلىق سېستىمىلاردىن ئاستا بولىشىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان،Android ئۆزىگە Linux سېستىمىسىنى يادرو قىلىپ تۇرۇپ JAVA دا ئەپ (app) بىر تەرەپ قىلىدۇ، يەنى بۇسېستىمىنىڭ مەركىزى Linux سىرىتقى قىسمى JAVA بولىدۇ.ھەممىزگە تونۇشلۇق ROOT ئاتالغۇسىمۇ Linuxدىن كىرگەن. نېمىشقا قاتتىق دېتالغا بولغان تەلىپى يۇقىرى دېگەندە Android ھەربىر ئەپ ئۈچۈن ئايرىم بىر JAVA تەقلىد قىلغۇچ قوزغىتىدۇ ،سېستىما Linux ئاساسىدا بولغاچقا JAVAنى ئۇدۇل ئوقۇپ چىقىرالمايدۇ ،تەقلىد قىلغۇچ تەرجىمانلىق رولىنى ئوينايدۇ.دەل مۇشۇ تەرجىمە قىلىش باسقۇچى CPUنىڭ خىزمەت مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ، نېمە  ئۈچۈن ھەربىر ئەپكە ئايرىم تەقلىد قىلغۇچ ئىشلىتىدۇ؟ بىرنىلا ئىشلىتىپ بارلىق ئەپلەرنى بىر تەرەپ قىلسا تېز بولمامدۇ،ھەقىقەتەن شۇنداق. لېكىن بۇنداق بولغاندا بىر ئەپنىڭ كاشىلىغا ئۇچىرىشى ياكى قېتىپ قېلىشى پۈتكۈل سېستىمىنىڭ قېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،ھېسابتا ئايرىم تەقلىد قىلغۇچ ئىشلىتىش سېستىما مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل بولىدۇ.RAM نىڭ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشىمۇ مۇشۇ سەۋەپتىن بولىدۇ.

      كامېرا ھەققىدە(بۇجەھەتتە خاتا قاراش كۆپرەك تەپسىلىرەك سۆزلەپ بېرەي)
   كامېرا تارتىپ چىقارغان سۈرەتنىڭ سۈپىتى ئۇنىڭ قانچە پېكسىلىقىدا دەپ قاراش بىرقەدەر ئوموملاشقان . 8مىليون پېكسىل چوقۇم 5مىليوندىن ياخشى تارتىشىمۇ ناتايىن. پېكسىل(Pixel)  تارتىپ چىقارغان رەسىمنڭ چوڭ كىچىكلىكىنى بەلگىلەيدۇ، يەنى 8مىليون پېكسىل  پەقەت شۇ رەسىمنىڭ 8مىليون دانە چېكىتتىن(ياكى نۇقتا) تۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە بىر ئىتايىن مۇھىم بىر نۇقتىغا نۇرغۇن كىشىلەردېققەت قىلمايدۇ ،يەنى 感光单元 ئۇدۇل تەرجىمە قىلساق نۇر سەزگۈچى ئۆزەك ياكى بىرلىك، بۇ ئادەتتە ئىككى خىل بولىدۇ CCDياكى CMOS بۇنىڭ ئىچدە CCD تېخىمۇ ئىلغار شۇڭا بۇنىڭ باھاسىمۇ قىممەت SONY,SHARP قاتارلىق ئىنتايىن ئاز ساندىكى شىركەتلەرلا ئىشلەپ چىقىرالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يان تېلفونلاردا قوللىنىلمايدۇ،شۇڭا كۆپ ئۇچرىتىدىغىنىمىز CMOS..ئوخشاشلا CMOS ئىشلەتكەن تۇرۇقلۇق يەنە نېمىشقا چوڭ پەرق بولىدۇ؟ 感光单元نۇرسەرگۈزچى ئۆزەك چوڭ بولغانسرى رەسىمنىڭ سۈپىتى يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ،پىكسلمۇ ماس قەدەمدە چوڭايسا رەسىم ھەقىقىي سۈپەتلىك چىقىدۇ.  ئەگەر قارىغۇلارچە پىكسىلنى قوغلاشسا  نۇر سەزگۈچ ماس قەدەمدە چوڭ بولمىسا ئۇنداقتا بىر ناھايىتى چوڭ بىر پارچە تۇتۇق رەسىمگە ئېرىشىمىز.ئەكىسچە بولسا ناھايىتى ئوچۇق سۈپەتلىك بىر پارچە كىچككىنە رەسىمگە ئېرىشىمىزدە شۇنداق چوڭايتساقلا تۇتۇقلىشىپ كېتىدۇ.شۇڭا بۇ قېتىم HTC One m7 باشقىچە يول تۇتۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك  4مىليون پىكسىللا كېلىدىغان كامېرا سەپلىدى.
تېلفون كامېرالىرىنىڭ تەرەققىياتنى  چەكلەۋاتقنى تەننەرخ ۋە ھۈنەر-سەنئەت ،تەننەرخ مەسلىسىنىى  بارغانسىرى مۇھىم بولمايۋاتىدۇ ،ئالما تېلفونى پەقەت كۆڭۈل قۇيۇپ مەھسۇلات ئىشلىسىلا ئستىمالچىلارنىڭ باھا بىلەن بەك ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغانلىقىنى  ئىسپاتلاپ بەردى.بۇ يەردە بىرقەدەر تەسكە توختايدىغىنى ھۈنەر-سەنئەت، كامېرا ئىنتايىن نازۇك ئۈسكۈنە بولۇپ بۇنى ئشلەپچىرىش،يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە قىلىش،تېلفون بىلەن مۇكەممەل بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن قىيىن تېخنىكىلار ھېسابلىنىدۇ،SONY L36Hبىلەن GALAXY S4 ئوخشاشلا SONY نىڭ ئوخشاش تىپلىق كامېراسىنى قوللانغان،ھەر ئىككى تېلفون قېلىنلىقى 7.9مىللمېتىر كېلىدۇ، لېكىن  S4نىڭ كامېراسى كۆپۈپ چىققان L36Hنىڭ بولسا تېلفوننىڭ قېلىنلىقى بىلەن بىردەكلىك ساقلىغان، بۇنىڭدىن  SONY نىڭ بۇجەھەتتىكى ئارتۇچىلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.رەسىمنىڭ سۈپىتى جەھەتتىمۇ ئالما ۋە SONY ئەڭ ياخشىسى ھېساپلىنىدۇ.
中关村在线 ،  IT168قاتارلىق توربەتلەردا ھەر قايسى تېلفونلارنىڭ تەپسىلى ماتېريالى ، تارتقان رەسىلىرى كۆرۈپ باقساڭلارمۇ بولىدۇ.

      ئېكران ھەققىدە
  ھازىر كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىۋاتقان ئېكران 3خىل بولۇپ ،بۇلار TFT,IPS,AMOLEDقاتارلىقلار.بۇنىڭ ئىچىدە IPS يەنىلا TFTغا كىرىدۇ،ھېسابتا ئۇنىڭ  كۈچەيتىلگەن نۇسخىسى بولىدۇ.
    TFT:سونى كۆپ ئشلىتىدىغان ئېكران بولۇپ رەڭلەرنى ئىپادىلىشى ياخشى،توغرا ،توك سەرپىياتى يۇقىرى.
    IPS:ئالما تېلفونى ئىشلىتىدىغان ئېكران بولۇپ ،رەڭلەرنى ئىپادىلىشى ياخشى ۋە ئىنتايىن توغرا بولۇپ 178گرادۇس يانتۇلۇقتىمۇ ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ ،توك سەرپىياتى ئوتتۇرھال.
    samsung: AMOLED كۆپ قوللىنىدىغان ئېكران بولۇپ، بۇنىڭغا باھا بېرىش تەسرەك،رەڭ ئىپادىلىشى قېنىق.يەنى ئەسلى رەڭدىنمۇ قېنىقراق ئىپادىلەنگەچكە  بىر قاراشتا چىرايلىق كۆرىنىدۈ، لېكىن رەسىم تەبىئىيلىكلىنى بىرئاز يوقىتىدۇ،قارا رەڭ ئىنتايىن توغرا ئىپادىلىنىدۇ.Pتىزىلىش تەرتىپىدىكى ئېكراندا  نۇرغۇنلىغان قىزىل چېكىتلەر كۆرىنىدۇ.R ۋە RBBتىزىلش تەرتىپىدە بىرقەدەر ياخشى بولۇپ پەقەت i9100،Note2 دىلا بۇخىل ئېكران  قوللىنىلغان S4يەنىلا Pتەرتىپتە.بۇ ئېكراننىڭ ئەڭ ياخشى يېرى توك سەرپىياتى ئەڭ تۆۋەن .
87178a82b9014a90b4d3593da9773912b21bee45.jpg


     ‹ئۈچ›دىن مۇداپىئەلىنىش
    بۇقېتىم LT36Hنىڭ بۇئىقتىدارنى سەپلىشى ھەممىنى ھەيران قالدۇردى، بۇرۇنقى بۇنداق ئىقتىدارلىق تېلفونلار  ئىنتايىن قوپال كېلەتتى ھەتتا بۇرما مىخلىرى سىرتىدا ئوچۇقتىن ئوچۇق بولۇپ بۇجەھەتتىكى بازارنى ئاچالمىغان،بۇ  ئۈچ نۇقتا سۇ كىرمەسلىك،چاڭ توزاندىن ساقلىنىش،تاساددىپىي چۈشۈپ كېتشتىن ساقلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،LT36H نىڭ سۇدىن ساقلىنىش ئىتىدارى ھەقىقەتەن ياخشى ،ئۆزۇممۇ سىناپ سۇ ئاستىدا سىن ئېلىپ باقتىم،http://www.56.com/u56/v_OTAzODcyMjE.html بۇ ئۇلانمىدا بۇتېلفوننىڭ قايناۋاتقان قازانغا سېلىپ سىنىغان كۆرىنىشى بار بۇجەھەتتە ئالما تېلفونىمۇ قولىغا سۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ.
    1240433xl7jrb6b1r8r3lb.jpg.thumb.jpg

سۇ ئاستىدا تارتىلغان رەسىم
    124057h88ymy3y7aarq9q8.jpg.thumb.jpg

  
   SONY تېلفونىنىڭ سەپلىنىشنى ھەققىدە
ericssonۋاقتىدا تۆۋەن سەپلەپ  نۇرغۇن زىيان تارتقانلىقتىن SONY بارغانسىرى سەپلىمىدە باشقا ماركىلاردىن قالمايدىغان بولدى، بولۇپمۇ LT36Hغا كەلگەندە ئەڭ يۇقىرى دېگۈدەك سەۋىيەنى ساقلىدى ،4يادرولۇق APQ8064نىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن تېز،ئۈنۈملۈك. S4نىڭ 8يادروسى باركەن دېيىشىڭلار مۇمكىن،ئەمەلىيەتتە بۇ ئالمشىپ خىزمەت قىلىدىغان ئىككى دانە 4يادرولۇق CPUبولۇپ پەرق ئۇنچىۋالا چوڭ ئەمەس.يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە شۇكى Androidدا CPUنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئاساسلىق  سېستىما ۋە ئۇيۇنلارنىڭ تېخىمۇ تېز بولىشىغا  تۈرىتكە بولىدۇ ،لېكىن ئايرىم بىر قىسىم سۈپەتسىز ئەپلەرنىڭ ئۆزدىكى كەمتۈكلۈك بىلەن قېتىش مەسىلىسىنى CPU بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ،ئۇنىڭغا 16ياكى 32يادرولۇق CPU بولسىمۇ ئوخشاش ئۆز سەنىمىگە دەسسەيدۇ . IOSدا ھەربىر ئەپنى قاتتىق تەكشۈرۈپ ئۆتكۈۋالغىنى بىلەن Androidدا ئەپ ئىشلەپ تارقىتىش ئەركىن بولغاچقا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
           
      SONYنىڭ ئۇيغۇرچە قوللىشى ھەققىدە
   SONY  تېلفونىنىڭ  سېستىمىسى ئۇيغۇرچە كىزگۈزۈشكە بولغان قوللىشى ياخشى ، ھازىرچە 2.3.4  2.3.7  4.0.4  قاتارلىق سېستىمىلىرى مۇكەممەل قوللايدۇ،LT36H نىڭ 4.1.2 تېخى بولمايدۇ ،مەن بۇجەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ باقاي .

        بەزى سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا ئۆلۈك تەرجىمە قىلىۋەردىم ،خاتالىقلار بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، داۋاملىق  بىلمەكچى بولغىنىڭلارنى سورىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن!
   توپ: 171925696
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
cj038 + 5 ياخشى يازما
alip + 300 ئىجادىي ئەسەر

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 305   باھا خاتىرىسى

20

تېما

22

دوست

3014

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

ئاقچا
172
جۇغلانما
751
توردا
760 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 17:42:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ئىنتايىن تەپىسلى دەرىسلىك بوپتۇ.

8

تېما

4

دوست

1060

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
200
توردا
476 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 17:45:38 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم،رەھمەت سىزگە sony تېلىفۇن توغرىسىدا خىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم .

0

تېما

5

دوست

974

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
415
توردا
119 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 17:54:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جېق نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم رەخمەت،ئىسىل تىما!

4

تېما

1

دوست

1307

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
266
توردا
581 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 18:17:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سونىي ئالسام بولامدۇ ئەمدى
؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

3

تېما

1

دوست

1095

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
256
توردا
229 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 18:38:53 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن

1

تېما

1

دوست

1353

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
236
توردا
738 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 18:48:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىما بوپتۇ .

0

تېما

1

دوست

1595

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
415
توردا
719 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 19:06:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەتراپلىق يېزىپسىز،ياخشى تېمىكەن.

3

تېما

0

دوست

498

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
2
جۇغلانما
177
توردا
113 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 19:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تېما پۇلغا سېتىۋالغۇسىز ئېسىل تېما بوپتۇ جۇمۇ  .  رەھمەت قېرىندېشىم .

6

تېما

2

دوست

618

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
7
جۇغلانما
242
توردا
68 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-7 20:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمىدىگەن تەپسىلىي يېزىلغان تېما بۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

رەسىمسىز|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备12003519 )

GMT+8, 2013-8-6 00:53 , Processed in 0.161067 second(s), 39 queries , Xcache On.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش