ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

heytqa mubarek
كۆرۈش: 2189|ئىنكاس: 17

Windows 7 دىن ئەپچىل چارىلەر     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2284
جۇغلانما
480
توردا
3593 سائەت
نادىر
39
تېما
226
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 19:40:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Windows7  گە نۇرغۇن ئەپچىل چارىلەر  مۇجەسسەملەنگەن. بۇ ئىقتىدارلارنىڭ بەزىلىرى ئىلگىرىكى Windows لاردا يوق. بەزىدە تېخى مۇشۇنداق ئىقتىدارلارنىڭ بارلىقىنىمۇ بىلمەي، ئايرىم دېتال قاچىلايدىغانلارمۇ بار.

1. تېز سۈرئەتتە ئىزدەش.
كومپىيۇتېردىن ھۆججەت ئىزدىمەكچى بولساق، باشقا يەرنى ئاختۇرۇپ يۈرمەيلا، «باشلاش» تىزىملىكىنى بېسىپ ئەڭ ئاستىدىكى خەت يازدىغان بوش ئورۇنغا ھۆججەت نامىنى يېزىپ بولغۇچە ھۆججەتنىڭ تېپىلىپ بولغانلىقىنى كۆرىمىز.

Namsiz-1.jpg



2. تېزلىكتە كۆزنەك تېپىش
بىزدە بىر قانچىلىغان تور بەت ۋە قىسقۇچلارنى ئېچىۋەتكەن بولساق، لازىملىق كۆزنەكنى بىردەم ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا مائۇسنى ۋەزىپە سىتونىدىكى ماس ئورۇنغا ئاپارساق ئېچىلغان كۆزنەكلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈندۇ. مەسلەن: تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك

200905070103.jpg


3. تېزلىكتە ئىشلەش
بىز دائىم ئىشلىتىدىغان قىسقۇچ ياكى قوللىنىشچان دېتالنى مائۇستا سۆرەپ ۋەزىپە رامكىسىغا قويۇپ قويساق، ۋەزىپە رامكىسىغا ئاپتۇماتىك قۇرۇلدۇ. كېيىنكى قېتىم ۋەزىپە رامكىسىدىكىنى بېسىپ، خىزمىتىمىزنى تېزلىكتە باشلىۋالالايمىز.

Namsiz-3.jpg


4. بىر كۇنۇپكا بىلەن باشقا ئېكرانغا چىقىرىش
كومپىيۇتېرغا ئىككى ئېكران ياكى تەسۋىر چۈشۈرۈش ئاپپاراتى (投影仪)  چېتىلغان ئەھۋالدا، ئېكراندىكى مەزمۇنلارنى باشقا ئېكرانغا ياكى تەسۋىر چۈشۈرۈش ئاپپاراتىغا چىقارماقچى بولساق باشقا يەرنى بېسىپ يۈرمەيلا كۇنۇپكا تاختىسىدىن Win+P كۇنۇپكىسىنى باسساق باشقا ئېكرانغا يوللاش تىزىمىلىك ئېچىلدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك.

Namsiz-2.jpg


5. ھۆججەتكە تېزلىكتە كۆز يۈگۈرتۈش
Windows نىڭ ئاغىينە ھۆججەتلىرى، مەسلەن: Txt, Jpg, Word, Ecxel, PowerPoint ....  دېگەنلەرنى ئاچماي تۇرۇپلا مەزمۇننى كۆرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى رەسىمدىكى سىتىرلكا بىلەن كۆرستىلگەن يەرنى بېسىپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئاۋۇ رەسىمدە Ecxel ھۆججىتىنى ئاچمىدىم، پەقەت ئىسمىنى چىكىپلا قويسام يېنىدا مەزمۇنى كۆرۈندى.

Namsiz-4.jpg


6. ئېكراندىن رەسىم كېسىش
بەزىدە توردا سۆزلىشۋاتقاندا ياكى دەرسلىك تۈزۈشتە ئېكراندىكى خالىغان يەرنى رەسىم ھالەتتە ساقلىۋېلىشقا، باشقىلارغا ئەۋەتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق ئىقتىدارمۇ ۋىندوۋىس 7 نىڭ ئۆزىدە بار. باشقا دېتال قاچىلاش ھاجەتسىز.
باشلاش تىزىملىكى-بارلىق پىروگىرامما-قوشۇمچە-截图工具 نى باسسىڭىز رەسىم كېسىش قورالى قوزغىلدۇ. ياكى «ئىجرا قىلىش» قا SnippingTool دەپ يازسىڭىزمۇ بولىدۇ.




7. تېزلىكتە سېلىشتۇرۇش، تەھرىرلەش
بەزىدە ئىككى ھۆججەتنى تەڭلا ئېچىپ قويۇپ، سېلىشتۇرۇپ تەھرىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھۆججەتنى ياكى كۆزنەكنى مائۇستا سۆرەپ ئېكراننىڭ ئوڭ تەرەپىگە تاقاشتۇرساق، ئېكراننىڭ ئوڭ يېرىمىغا ئېچىلدۇ. يەنە بىرسىنى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئېكراننىڭ سول تەرىپىگە تاقاشقىچە سۆرىسەك ئېكراننىڭ سول يېرىمىغا تولىدۇ. ئېكراننىڭ ئۈستىگە تاقاشتۇرساق ئەڭ چوڭ ھالەتتە ئېچىلدۇ.
Namsiz-7.jpg


ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
379
توردا
113 سائەت
نادىر
0
تېما
10
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-20 20:08:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك قوللىنىشچان دىتالكەن
http://img2081.poco.cn/mypoco/myphoto/20120305/14/5611163620120305143053092.gif

Rank: 4

ئاقچا
24
جۇغلانما
746
توردا
54 سائەت
نادىر
0
تېما
7
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 19:52:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھۇنەركەن

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
1
جۇغلانما
127
توردا
25 سائەت
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 17:39:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى

Rank: 2

ئاقچا
4
جۇغلانما
37
توردا
4 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-24 14:06:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5. ھۆججەتكە تېزلىكتە كۆز يۈگۈرتۈش  ... رەسىملەر ئېچىلمىدى ئېنىق ئادىرسىنى دەپ بېرەمسىز ؟

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
35
توردا
9 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 10:23:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇغۇنىسى ھازىرغىچە ھىچكىم ۋىندوۋس XPنىڭ بېرىسىدە ۋورد ھۆججەتلەردە بەت ئاستى ئىزاھاتلارنىڭ سىزىقىنى ئوڭغا قىلالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە ئىزاھات تېۆسىتى ئوڭدىن سولغا، ئىزاھات سىزىقى بولسا سول تەرەپتە گىزىرىپ تۇرۇۋەردى. بۇنى قانداق قىلىمىز، ئۇستاز؟ سىز دېگەن ئىشلاردىنمۇ بەكرەك بۇنىسى ھەر زامان كېرەك بولۇدۇغان ئىشتى.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2284
جۇغلانما
480
توردا
3593 سائەت
نادىر
39
تېما
226
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 10:57:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Uyghurmen يوللىغان ۋاقتى  2012-8-28 10:23
شۇغۇنىسى ھازىرغىچە ھىچكىم ۋىندوۋس XPنىڭ بېرىسىدە ۋورد  ...

سىز قىلالمىسىڭىز ھېكىم قىلالمىغانلىق بولۇپ قالمايدۇ. ئاسانلا ئىشقۇ ئۇ؟
مەن ھازىر قىلىپ باقتىم، نەچچە سېكۇنتتىلا قىلغىلى بولىدىكەن.
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 2

ئاقچا
1
جۇغلانما
35
توردا
9 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 07:51:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرنەچچە سكونتتىلا بولۇدۇغان ئىش بولسا ھەجەپ بەلەن گەپكەنا، پورىنى دەپلا قويماي، قەدەم باسقۇچلىرىنىمۇ دەپ قويغان بولسىڭىز رەھمەت ئىيتماسمىدۇق. بىر قەدەمنى ئاز باساتتۇققۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghurmen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-29 07:53  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2284
جۇغلانما
480
توردا
3593 سائەت
نادىر
39
تېما
226
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 12:06:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Uyghurmen يوللىغان ۋاقتى  2012-8-29 07:51
بىرنەچچە سكونتتىلا بولۇدۇغان ئىش بولسا ھەجەپ بەلەن گە ...


سىز قىلالمىغان ئىشنى رەسىمى بىلەن يوللاڭە، ئۇسۇلنى دەپ بېرەي. يەنە شۇ گەپ، سىز قىلالمىسىڭىزلا ھېچكىم قىلالمىغانلىق بولۇپ قالمايدۇ
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

ئالىي ئەزا

ھايات=جەننەت+دوزاخ

Rank: 4

ئاقچا
20
جۇغلانما
385
توردا
35 سائەت
نادىر
0
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 16:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىگەللىۋېلىشقا تېگىشلىك ياخشى ھۈنەرلەر ئىكەن .
ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ ! ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس !  تىلى ياتنىڭ دىلى يات !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 苏ICP备12047620号-1 )

GMT+8, 2012-10-28 18:51 , Processed in 0.080796 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش