ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

كۆرۈش: 1035|ئىنكاس: 14

مەن wi-fi سىگىنالىنى قانداق ئىشلىتىۋاتىمەن ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

جۇغلانما
317
ئاقچا
10
توردا
52 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-30
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 00:55:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەگە بارسام wi-fi سېگىنالىنى يېنىمدا ئېلىپ يۈرىمەن ، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ سېگىنالى بارلا ھەرقانداق  جاي بولسا ئھتىاجىم چۈشۈپلا قالسا ئۆزۈم تامامەن  wi-fi  سېگىنالى ئىشلەپچىقىرىمەن .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەزىڭلارنىڭ كۈلگۈسى كىلىۋاتقاندۇ ھە ؟ ئەمەلىيەتتە ئۈنچىلىك كۈلكىلىكمۇ ئەمەس ، مەندە جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ 3G تور كارتىسىدىن بىرسى بار ئىدى ، مەن ئايفون ئالغاندىن بېرى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تېلېفون كارتامنىڭ يۈرۈشلۈك ئېقىم مىقدارىنى يېتىشتۈرۈپ بولالماي ، ئاخىرى جۇڭگو تېلېگرافىىدىن بىجىرگەن 3G تور  كارتامغا (بۇنى بىجىرگىلى بىر قانچە يىل بولغان ، يىللىق ھۆددىگە ئالغان ، ۋاقىت ۋە ئېقىم مىقدار چەكلىمىسى يوق) يانداشتۇرۇپ ، يېقىندا 400 يۈەن خەجلەپ (ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن قىممەتلىرىمۇ ، ئەرزانلىرىمۇ باركەن ، قىممەتلىرى 7-8يۈز يۈەن ، ئەرزانلىرىمۇ 2-3 يۈەن ئىكەن) ،  3G سېگىنالىنى wi-fi  سىگىنالىغا ئايلاندۇرىدىغان ئاپپاراتتىن بىرنى سېتىۋالدىم ، بۇنىڭ چوڭلۇقى كومپىيۇتېرنىڭ چاشقىنىچىكىلەكلا كىلىدۇ ، كۆچمە خەۋەرلىشىش ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ 3G سېگىنالىنى تامامەن قوللايدىكەن ، يەنە ئائىلىلەردە ئىشلتىلىدىغان تور سىمىنى ئۇلاش ئېغىزىمۇ باركەن ، ئۇنىڭغا سىرتتىن باتارىيىمۇ سەپلەنگەن ، توك مەنبەسىگىمۇ ، كومپىيۇتېرنىڭ USB ئىغىزىغىمۇ ئۇلاپ زەرەتلىگىلى بولىدىكەن ، بىر قېتىم توك قاچىلاپ قويسام ئادەتتە 4-5 سائەت توك ئۈزۈلمەيدۇ ، توك بار يەردە توك مەنبەسىگە ياكى كومپىيۇتېرىمغا چېتىپ قويۇپ ئىشلىترىۋېرىمەن ، توك يوق يەردە 4-5 سائەت گەپ يوق ئىشلەيدۇ ، مەن جۇڭگو تېلېگرافىىدىن بىجىرگەن 3G تور  كارتامنى بۇ 3G سېگىنالىنى wi-fi  سىگىنالىغا ئايلاندۇرغۇچقا چېتىپلا قويسام ، ئاپپارات ئۆزلىكىدىن  3G سېگىنالىنى wi-fi  سىگىنالىغا ئايلاندۇرۇپ تارقىتىۋېرىدۇ ، دائىرسى ئادەتتە 50-100 مېترغىچە دائىرنى ، ئۆيدە بولسام ئىككى تامدىن ئۆتەلەيدىكەن ، wi-fi   سېگىنالى ئۆيۈمنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاپلا قالماستىن يەنە ، ئۈستىدىكى ۋە ئاستىدىكى خوشنىلىرىمنىڭ ئۆيىنىمۇ قاپلىيالايدىكەن (ئاستى -ئۈستى قەۋەتتە سېگىنال سەل ئاجىزراق بولۇپ قالىدىكەن) ، ئاندىن ئايفون ياكى خاتىرە كومپىيۇتېرىم بىلەن wi-fi   سېگىنالىغا ئۇلاپ ،خالىغانچە تورغا چىقالايمەن ، تور سۈرئىتى 3G سېگىنالىدەك تېز بولمىسىمۇ لېكىن ، GPRSسېگىنالى بىلەن تورغا چىققاندىن كۆپ تېزكەن ، ئادەتتە 20MB چوڭلۇقىدىكى  ھۆججەت ياكى يۇمشاق دىتال بولسا ،  ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 5-6 مېنۇتتىلا چۈشۈرۈپ بولالايدىكەن ، تېلېگرافنىڭ EVDO سېگىنالى يوق (يەنى  3G سېگىنالى )  جايلاردا ، CDMA 1X سېگىنالى بولسا (يەنى 133 .189 نومۇرلار بىلەن باشلىنىدىغان يانفونلارنىڭ سېگىنالى)  يەنىلا ئوخشاشلا wi-fi   سېگىنالى ھاسىللىيالايدىكەن (لېكىن بۇ ۋاقىتتا تور سۈرئىتى بەكلا ئاستا بولۇپ قالىدىكەن ) ، مەن ئايفون ۋە كومپىيۇتېرنىى تەڭلا چېتىپ تورغا چىقىپ باقساممۇ ، توردىن بىر نەرسە چۈشۈرمىسەملا (ھەر ئىككىلىسى ئۇلانغان ھالەتتە) ئادەتتە تور بەتلارنى زىيارەت قىلىش سۈرئىتى جەھەتلەردىن ھېچقانداق ئاجىزلىشىشنى ھېس قىلمىدىم ، ئىشقىلىپ ، مەيلى ئاپتوبۇس ، پويىز ، ئۆي ، ئىشخانا قاتارلىق قانداقلا يەر بولمىسۇن wi-fi سېگىنالىغا ئھتىياجىم چۈشسىلا شۇ ھامان  3G سېگىنالىنى wi-fi  سىگىنالىغا ئايلاندۇرغۇچغا ئىلتىماس قىلىمەن ، شۇ ھامان يىنىمدا تەييار بولىدۇ . يۇقارقىلار ئالاھىدە تەرەپلىرى .
كەمچىلىكى : توكنى تېز خورىتىدىكەن ، ئەگەر باتارىيسىنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كەتسە باتارىيىنى نەدىن ئىزدەپ تېپىشنى بىلمەيۋاتىمەن (لېكىن ھازىر ھەر قانداق ئۆلچەمدىكى باتارىينىغۇ قەشقەر  تېلېفون بازىرىدىكى تېجارەتچىلەر ئەسلىدىكى بۇزۇلغان باتارىينى ئېلىپ بارسا شۇنى ئۆلچەپلا ئىچكىرىگە ئەۋەتىپ بىر ھەپتىدىلا ياسىتىپ ئەكىلىپ بىرىدىغان بوپتۇ  ) ، يەنە سىز ئىشلەتكەن تور كارتىسىنىڭ ئىقىم مىقدارى چەكلىىك بولسا ، ئېقىم مىقدارىڭىز ئېشىپ كەتسە يەنە كۆپ پۇل خەجلەپ قالىسىز . لېكىن ئائىلىدە ئىشلەتكەن كەڭ بەلباغ بولسا بۇنىڭدىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mayor تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-7-3 11:13  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
653
ئاقچا
2503
توردا
3220 سائەت
تىزىملاتقان
2011-1-28
نادىر
41
تېما
211
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 01:35:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ يانفۇنۇم بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى ChinaNet-9SE9 دەيدىغان wifi سىگنالىنى تاپتى. ئەمما ئىشلىتەي دىسەم 网络密钥 كىرگۈز دەيدۇ. بۇنىڭ مەخپى شىفىرنى تاپقىلى بولارمۇ؟
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

جۇغلانما
317
ئاقچا
10
توردا
52 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-30
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 09:48:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alip يوللانغان ۋاقتى  2011-7-1 01:35
مېنىڭ يانفۇنۇم بىر نەچچە ھەپتىدىن بېرى ChinaNet-9SE9 دەيدىغا ...

شەخسلەرنىڭ wifi  سىگىنالى ئادەتتە مەخپىيلەشتۈرۈلگەن بولىدۇ ، مەن خەنزۇچە مۇنبەرلەردىن wifi سىگىنالىنىڭ مەخپى نومۇرىنى يېشىۋىتىدىغان ئۇسۇلنى كۆرۈپ شۇ بويىچە نەچچە قېتىم ئۇرۇنۇپ باققان بولساممۇ ، لېكىن مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىدى ، مەخپى نومۇرغا ئېرىشىش قەدەم باسقۇچلىرى بەك مۇرەككەپكەن ، بۇنى قىلىش ئۈچۈن مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرلىرىگىچە تولۇق بىلىدىغان ، ئىنگىلىزچنى پۇختا بىلىدىغان ئىقتىدار بولمىسا قىلىغىلى بولمايدىكەن .

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
114
ئاقچا
2
توردا
18 سائەت
تىزىملاتقان
2011-6-25
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 15:22:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخپى نۇمۇرنى يىشىش ئۈچۈن يالغۇز سېستىمىلا بولسا بولمايدۇ.. ئۇنىڭ مەخسۇس ئۈسكىنىسى بار.. مەن ئۇنى 100 سومغا سېتىۋالغان مەخپى نۇمۇرنى ئېچىپ نورمال ئىشلىتىۋاتىمەن.. يامان يېرى ئىككىنجى ئەۋلات مەخپى نۇمۇرنى ئاچالمىدى. يەنى-wpa-wpa2 tpk دىگەندەكلەرنى،، wep مەخپى نۇمۇرنى نورمال يەشتى ھەم ئىشلىتىۋاتىمەن...ئۇ ئۈسكىنىنى wifi قۇرۇلمىسى يوق كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ wifi قىلىپمۇ ئىشلەتكى بۇلىدىكەن...

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
150
ئاقچا
2
توردا
38 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-1
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 22:47:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ-پاھ-پاھ......،مايورئەپەندىنىڭ بۇ ئامالى پەچەتكەنغۇ.بۇ ئۇسكىنىگە مەنمۇ قىززىقىپ قالدىم دىسە.بۇ ئۇسكىنىنى قەيەردىن سىتىۋالدىڭىز؟ كومپىيوتىر ساتىدىغان ئورۇندىنمۇ ياكى توردىنمۇ؟ بولسا بۇ ئۇسكىنىنڭ خەنچە ياكى ئنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى ،توردىن سىتىۋالغان بولسىڭىز تور ئادرىسى،بولسا رەسىمىنىمۇ يوللاپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن،بىزمۇ بىر كۆرۇپ باقساق. مىنىڭچە سىز باتاريىدىن غەم قىلمىسىڭزمۇ بولىدۇ.باتاريىنى ئىچكىرىگە ئەۋەتمەيمۇ مۇشۇ يەردە ياساش تامامەن مومكىن.باتاريىنڭ توك يو لى ئانچە مۇرەككەپ ئەمەس.مەن ئادەتتە كۆپىنچە يانفۇنۇمغا باتاريىنى ئۆزۇم ياسىۋالمەن.

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
150
ئاقچا
2
توردا
38 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-1
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-1 22:58:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايور ئەپەندى  كوت-كوت دىگەندەك ئالاقىلىشىش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىڭىز بوپتىكەن. سىز بىلەن كۆرۇشەي دىگەن ئىدىم . 

Rank: 4

جۇغلانما
317
ئاقچا
10
توردا
52 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-30
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-2 15:39:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
 مەن بۇ ئۈسكىنىنى مەخسۇس خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرىنى ساتىدىغان دۇكاندىن سېتىۋالدىم ، مەن قەشقەردىكى كومپىيۇتېر شەھەرچىلىرىنى كۆپ ئارىلاپ ئاران دېگەندە بىر دۇكاندىن تاپتىم ، تاۋباۋ تورىدىمۇ باركەن ، لېكىن مەن توردىن شىفىرلىق مەھسۇلات سېتىۋىلىشقا ئانچە قىزىقمايمەن ، چۈنكى 2 يىل ۈۇرۇن توردىن موتوروللانىڭ ئەڭ ياخشى تېلېفونى دەپ 2700يۈەنگە بىرنى سېتىۋىلىپ (توردا %100 يېڭى دەپ تونۇشتۇرۇپتىكەن ) ، 15 كۈن ئىشلەتكەندىن كېيىن سېتىۋەتمەكچى بولۇپ بازارغا ئاچىقسام تېلېفون ئالىدىغانلار 1000يۈەن باھا قويدى ، كۆڭلۈمگە يارىمىغاندىكىن 1000يۈەن بولسىمۇ سېتىۋىتەي ، دەپ تۇرسام تېلېفون ئالغۇچىلار تېلېفون رېمۇنىتچىسىغا كۆرسىتىپ بېقىپ ئالىمەن دېدى ، مەيلى دەپ رېمۇنىتچىغا كۆرسەتسەم ، رېمۇنىتچى تېلېفوننى ئېچىپلا  كۆرۈپ ، يېڭىلانغان (翻新)قىلغان تېلېفونكەن دېدى ، تېلېفون ئالغۇچىمۇ شۇ ھامان گىپىدىن ياندى ، كېيىن باشقا باشقا 3-4 تېلېفون رېمۇنىچىسىغا ئاپارسام ھەممىسى ئوخشاشلا. يېڭىلانغان تېلېفونكەن دەيدۇ ، ئاچچىقىمدا يەرگە بىرنى ئېتىپلا چېقىۋىتىپتىمەن ، شۇندىن ئىتىبارەن ھەرگىزمۇ توردىن سېفىرلىق مەھسۇلات ئالمايمەن دەۋەتكەن ئۆزۈمگە . بۇ مەھسۇلاتنى مەن تاۋباۋدىمۇ كۆرگەن ، ئەگەر ئىشەنچ قىلالىسىڭىز تاۋباۋدىن ئالسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى كومپىيۇتېر شەھەرچىلىرىگە بېرىپ ئىزدىسىڭىزمۇ بولىدۇ ، مەھسۇلات نامى 3گ سېمسىز روتېر (3g 无线路由器)، مەھسۇلات نامىنى ئېنىق دېمىسىڭىز كومپىيۇتېر شەھەرچىسىدىكى ساتارمەنلەرمۇ بۇ خىل مەھسۇلاتنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەن .
مەن بىلەن ئالاقىلەشمەكچى بولسىڭىز مۇنبەردە ئايرىم ئۇچۇر يوللاڭ ، شۇ يەردە سىزگە ئېيتىپ بىرەي .

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
150
ئاقچا
2
توردا
38 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-1
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 00:36:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە،ھەققەتەن دىھقەت قلمىسا ئادەم توردىن نەرسە سىتىۋالسائالدىنپ قالدىغان ئشلار بولۇپ قالىدىكەن.ئۇنداقتا مەن بۇ يەردىكى دۇكانلاردىن ئزلەپ باقاي.ھە راس سىز ماشىنىدا ياكى باشقا يەردە بولسۇن ۋاي فاي سىگنالىنى يىنىمدا ئىلىپ يۇرەلەيمەن دەپتىكەنسىز.بۇئۇسكىنىدە تىلگىرافنىڭ سىگنالى بار ھەر قانداق ئورۇندا ۋاي فاي سىگنالى ھاسىل قىلغىلى بولامدىكەن.

Rank: 4

جۇغلانما
317
ئاقچا
10
توردا
52 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-30
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 02:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
依力盘 يوللانغان ۋاقتى  2011-7-3 00:36
رەخمەت سىزگە،ھەققەتەن دىھقەت قلمىسا ئادەم توردىن نەرس ...

شۇنداق ، پەقەت تېلېگرافنىڭ سىگىنالى قاپلىغان يەر بولسىلا تامامەن ۋاي-فاي سىگىنالى ھازىىرلىغىلى بولىدىكەن.   3

Rank: 3Rank: 3

جۇغلانما
150
ئاقچا
2
توردا
38 سائەت
تىزىملاتقان
2011-3-1
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-3 21:01:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزگە خەت قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم مايۇرجان،كۆردىڭىزمۇ؟كۆرمىىگە ن بولسىڭىز ھويلىڭىزغا قاراپ بىقىڭ.ھەقاچان ھازىرمۇ بارمىكىن.مەن توردىن كۆرۇپ باققان ئىدىم ،بۇنداق ئۇسكىنىلەرنىڭ تۇرى بەك كۆپ ئىكەن.سىزنىڭ ئۇسكىنىڭز قايسى تىپتكى؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

GMT+8, 2012-5-17 04:28 , Processed in 0.143101 second(s), 21 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش