ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 خەتلىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

heytqa mubarek
كۆرۈش: 1630|ئىنكاس: 8

غەيرى unicode لۇق پىروگرامما خېتىنى نورمال كۆرستىش تېخنىكىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

ئاقچا
2284
جۇغلانما
480
توردا
3592 سائەت
نادىر
39
تېما
226
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 17:09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇچە Windows قاچىلانغان كومپىيۇتېردا بەزى خەنزۇچە ئەمەس دېتاللارنى ئىجرا قىلدۇرساق ئارا يۈزدىكى خەتلەر قالايمىقان كۆرۈندۇ. ئوقۇغىلى بولمايدۇ. خۇددى تاشقى پىلانىت تىلىدەك. بولۇپمۇ ئەرەپچە يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكەندە كۆپ ئۇچىرايدۇ.
مەسلەن: تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى IDM دېتالىنى ئەرەپچىگە توغىرلىغان ھالەت. ئەرەپچىگە توغىرلىساق خەتلىرى ئاشۇنداق قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ.
Namsiz-0.jpg


قانداق قىلىپ بۇنداق دېتاللارنى نورمال ئىشلىتەلەيمىز؟
كونتىرول تاختىسىدىكى <رايون ۋە تىل> دېگەن يەردىن پۈتكۈل سىستېما تىلىنى ئەرەب تىلىغا تەڭشىسەك ئاۋۇ دېتالنىڭ ئەرەبچە خەتلىرى نورمال كۆرۈندۇ. ئەمما باشقا خەنزۇچە دېتاللاردىكى خەنزۇچە خەتلەر تاشقى پىلانىت يېزىقىغا ئالمىشىپ كېتىدۇ.
كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان، زىقمۇ كۆيمەيدىغان ئامال بارمۇ؟
بار. مىكروسوفىت شىركىتى مۇشۇ مەسىلنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس بىر كىچىك يۇمشاق دېتال ياساپ تارقىتىپتۇ. بۇ دېتالنىڭ ئىسمى Microsoft AppLocale
Microsoft AppLocale  نى چۈشۈرۈش
ئىگە تەرەپ تور بېتى: http://www.microsoft.com/downloads/zh-cn/confirmation.aspx?FamilyID=16712F0B-A935-4140-9163-1514C89F6DDD&displaylang=zh-cn

Microsoft AppLocale  نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن ئىجرا قىلدۇرىمىز. كېيىنكى قەدەمنى بېسىپ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى ھالەتكە كەلگەندە <كۆز يۈگۈرت>نى بېسىپ بىز خېتىنى نورمال كۆرسەتمەكچى بولغان دېتالنىڭ ئىجرا ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بېرىمىز. مەن IDM نى مىسال قىلدىم.
Namsiz-1.jpg


كېيىنكى قەدەمنى بېسىپ تۆۋەندىكى كۆزنەكتىن ئەرەبچىنى تاللايمىز. (قارىسام ئۇيغۇرچە دەپ تۇرىدۇ مەن سىناق ئۈچۈن ئۇيغۇرچىنى تاللىساممۇ نورمال بولدى) ئەلۋەتتە بىز نورمال كۆرسەتمەكچى بولغان تىل قايسسى بولسا شۇ تىلنى تاللايمىز. مەسلەن: گېرمانچە دېتال بولسا گېرمانچىنى، ئىبرايچە بولسا ئىبرايچىنى دېگەندەك.
Namsiz-2.jpg


كېيىنكى قەدەمنى بېسىپ تۆۋەندىكى رەسىمدىكى مەن قىزىل سىزىققا ئېلىپ قويغان تېزلەتمە كۇنۇپكا قۇرۇش دېگەن يەرنى تاللاپ، <تامام> نى باسىمىز.
شۇنىڭ بىلەن پۈتتى. ئەمدى ئۇ دېتالنى قوزغاتساق تاشقى پىلانىت يېزىقىنىڭ نورمال ئەرەبچە بولغانلىقىنى كۆرىمىز.
Namsiz-4.jpg








ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
96
جۇغلانما
151
توردا
285 سائەت
نادىر
2
تېما
34

Medal No.1

يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 21:37:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي ، بۇ ئەرەپچە ئەجەپ نورمال كۆرۈنۈپتۇيا ؟! مەن ئالدىنقى قېتىم ئۇيغۇرچىغان تەرجىمە قىلسام بەزى جايلىرى ؟؟؟؟ شەكىلدە كۆرۈنگەن ئىدى .قارىغاندا دېتالنىڭ نۇسخىسى ئوخشىمايدىغان ئوخشايدۇ .  ئەمدى ئەرەپچە نورمال كۆرۈنگەن بولسا ،  بۇنى ئۇيغۇرچىغان تەرجىمە قىلساق بولغۇدەك جۇمۇ ،
پەخىرلەن دۇنياغا مەھموت ۋەتىنى....

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
733
توردا
113 سائەت
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-27 22:00:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە  بۇ چارە ناھايتى ئەسقاتقىدەك
ئابلاجان

Rank: 4

ئاقچا
6
جۇغلانما
158
توردا
42 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-28 00:06:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالبجانغا ئالاھىدە رەھمەت ئېتىمەن .. ئاغزىمدىن چىقىپ بولغۇچە بۇ تېمىنى تەييار قىلىپ قويۇپتۇ .. دەرھال ئىشلىتىپ دەرھال ئۇنىمىنى كۆردۇم ..
مەنمۇ نېمىشقا مۇشۇنداق بىر دېتال يوقتۇ دەپ بەك ئېچىم پۇشقانتى ... ئەسلى يوق ئەمەس مەن بىلمەي يۈرۇپتىمەن ئەمەسمۇ ..
رەھمەت

Rank: 4

ئاقچا
2
جۇغلانما
571
توردا
191 سائەت
نادىر
0
تېما
8
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-11 19:17:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجر بەرسۇن بۇرادەر. ناھايتى ئەھمىيەتلىك بىر تىما بوپتۇ مەن ئۈچۈندەكلا...
ئى رەببىم ئۆزەم بىلمەي قىلىپ قالغان گۇناھلىرىمنى كەچۈرگىن!!!

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
209
توردا
30 سائەت
نادىر
0
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-7-31 16:31:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  ئىسىل   ئىكەن  
ئىيمان[/b] بايلىقىم

Rank: 2

ئاقچا
7
جۇغلانما
32
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
2
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-3 20:55:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مۇشۇ جەھەتتە قىيلىنىپ تۇراتتىم ، رەھمەت سىزگە .

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
96
جۇغلانما
151
توردا
285 سائەت
نادىر
2
تېما
34

Medal No.1

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-1 17:45:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خىل ئۇسۇلدا ، idm نىڭ تىزىملىكى نورمال كۆرۈنگەن بىلەن يەنە بىر قىسىم دىئالوگ رامكىلىرىنىڭ خېتى كۆرۈنمەيدىكەن . ؟؟؟ بەلگىسى شەكلىدە چىقىۋالىدىكەن . قارىغاندا بۇ دېتالنىڭ بەزى جايلىرى يۇنىكودسىز تۈزۈلگەن ئوخشايدۇ .  پۈتۈنلەي ھەل قىلىش چارىسى تېپىلغۇچە ، idm نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش نىيىتىمىزدىن ۋاقتىنچە يانساق بولامدۇ قانداق ؟
پەخىرلەن دۇنياغا مەھموت ۋەتىنى....

Rank: 1

ئاقچا
6
جۇغلانما
13
توردا
5 سائەت
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-26 22:52:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر؟
مەن بۇ قۇرالدىن ئۇيغۇرچە تاللاش تىزىملىكىنى تاپالمىدىم ،بۇ نىمىدىكى مەسىلە؟ قانداق ھەل قىلساق بولار؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | خەتلىتىش

بايانات
1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

يانفون|رەسىمسىز|ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 苏ICP备12047620号-1 )

GMT+8, 2012-10-28 17:07 , Processed in 0.072969 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش