ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ! ئۇزۇندىن بېرى يانفۇنۇمنىڭ سىستېمىسى كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ ئىچىمنى بەك پۇشۇرغان ، تورلاردىن ئىزدەپمۇ ئۆزۈمگە يارىغۇدەك روم تاپالمىدىم ، شۇنىڭ بىلەن رومىنى ئۆزۈم بىر گۈزەللەشتۈرەي بىر ئاي بولدى ، بىرلا رومنى ئۇيان قىلىپ ، بۇيان قىلىپ يۈرگىلى ، بۈگۈن خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئۆزۈمگە يارىغۇدەك شەكىلگە كىرىپ قاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن مەندەك ئىچى پۇشۇپ تۇرغانلارغا ياراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ مەزكۇر تېمىنى يوللىشىم . روم ھەققىدە : ئۆزۈم ياقتۇرغان ئۇسلۇب بويىچە ئىككى روم تەييارلىدىم ، بىرىنچى روم ئەسلى ئورگان رومى ئۇسلۇبى (1) روم ئورگان تەرەپ ئەڭ يېڭى تارقاتقان B968 رومى ، قوش كارتىدا تورغا چىقىشى نورمال ،سىگنالى ياخشى . (2) رومنىڭ ھالەت ئىستونىدىن باشقا ھەممە يېرى ئۇيغۇرچىلاشقان ، يەنى تەرجىمە قىلىنىشتىن باشقا جۈملىلەرنىڭ ئوڭغا توغرىلىنىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان . (3) سىمسىز تور ، GPS ، كۆكچىش ئىقتىدارلىرى نورمال ، رومغا Google play قاچىلانغان ، ئەپ چۈشۈرۈش تېخىمۇ قۇلايلىق ، سىناقتىن ئۆتكەن . (4) ، system/usr مۇندەرىجىسىدىكى كودلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يانفۇننى ئاۋاز كونۇپكىسى ئارقىلىق ئويغىتىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ، يەنە بىر كىچىك ئەپ ئارقىلىق بىر كونۇپكا بىلەن ئېكران تاقاش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ، بۇنداق بولغاندا توك مەنبە كونۇپكىسىغا بولغان بېسىمنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ . (5) ئېكران رەسىملىرى ئۆزگىچە تاللانغان ، 6 خىل ئېكران ئۇسلۇبىنى تاللاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ . ئالدىنقى روملاردا ئېكرانغا باشقا بەت قوشقىلى ياكى يۇيغىلى بولمايدۇ ، بۇنىڭدا بەزى كودلارنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇ ئىقتىدار ئېچىۋېتىلگەن ، يەنە ئېكران سۇلاق ھالىتى باشقا 4.0 روملاردىكى ئېكران سۇلاق ھالىتىگە تەڭشەلگەن . رەسىم : ![]() ![]() ![]() (6) يۇقارقى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ھاۋاراي دېتالى پۈتۈنلەي سۈزۈك قىلىپ تەڭشىلىپ كۆركەملىكى ئاشۇرۇلغان ، يەنە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 22 شەھەر ۋە 64 ناھىيىنىڭ ئۇيغۇرچە ھاۋاراي ئۇچۇرلىرى قوشۇلغان بولۇپ تېز سۈرئەتتە ئۆزىمىز تۇرىۋاتقان ئورۇننى تەڭشىگىلى بولىدۇ . رەسىم : ![]() ![]() (7) تېلېفون ئۇرۇش دېتالى گۈزەللەشتۈرۈلگەن : ![]() ![]() (8) قىسقا ئۇچۇر دېتالى گۈزەللەشتۈرۈلگەن : ![]() ![]() ![]() (9) ئەپ ئورناتقان ۋاقىتتا يانفۇنغا ياكى كارتىغا ئورنىتىش دەپ ئايرىلغان ، ئورۇن تاللاپ ئورنتىشقا بولىدۇ . ![]() (10) ھالەت تەڭشەش دېتالى قوشۇلغان ، ئۇيقۇ ھالىتى ، يېغىن ھالىتى دېگەندەك ، تاللاش قۇلايلىق . ![]() ![]() (11) رومنىڭ خەت رەڭگى ئۆزگەرتىلگەن ، بارلىق سىستېما ئەپلىرىگە سۇس كۆك رەڭ ئىشلىتىلگەن ، رەڭ كودى 29b0ff ، باشقا رەسىملىرى : ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ئىككىنچى روم windowsphone8 WINPE8 ئۇسلۇبى : بۇ رومنىڭ ئېچىلىش رەسىمى : ![]() باشقا رەسىملىرى : ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]() ![]()
چۈشۈرۈش ئادرېسى ۋە چۈشۈرۈش پارولى /thread-9878-1-1.html |
![]() گۈل (12) |
![]() قوللايمەن (5) |
![]() يولۇچى |
![]() تۇخۇم |