0

lenovo S880 نىڭ ئۇيغۇرچە رومى

alip 2013-3-31 16:551564 人围观 ئەسلىي ئاپتورى : ئېزچى

简介 :(1) روم نەشىرى 4.0.4 (ھازىرقى ئەڭ يىڭى ئېلان قىلىنغان 2012-يىل 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان 3-تەرەپ رومى ) (2) ئەخلەت ئەپلە ...

« چاقماق» lenovo S880  نىڭ ئۇيغۇرچە رومى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپداشلار:
چاقماق گۇرۇپپىسىدىكى ئېزچىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
بۈگۈن  lenovo S880  نىڭ تەرجىمە روم سىناق نۇسقىسىنى ھوزۇرىڭلارغا سۇنماقچىمەن.
-------------------------------------
مۇشۇ يەردە دەۋالاي، بۇندىن كىيىن ئۇيغۇرچە ئەپ تەرجىمە قىلىدىغانلار خەنچە تىل بولىقىvalues-zh-rCNگە خەنچىنى ،ئۇيغۇرچە  تىل بولىقى values-ugگە ئۇيغۇرچىنى قوشۇپ يوللاپ قويساڭلار ، بىزدەك ئۇيغۇرچە روم ئىشلىتىۋاتقانلارغا تىخىمۇ قۇلايلىق بولاتتى، كۆپىنچە تەرجىمە ئەپلەردە خەنچە تىل بولىقى بىۋاستە باستۇرۋىتىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلمىغان بولغاچقا  ئۇيغۇرچە روملاردا ئىنگىلىسچە چىقىۋالىدىكەن، تىلىفۇن تىلىنى خەنچىگە توغۇرلىساق ئاندىن نورمال چىقىدىكەن.
-------------------------------------

روم ھەققىدە :
(1)  روم نەشىرى 4.0.4 (ھازىرقى ئەڭ يىڭى ئېلان قىلىنغان 2012-يىل 12-ئايدا ئېلان قىلىنغان 3-تەرەپ رومى  )
(2)  ئەخلەت ئەپلەر تازىلانغان پاكىزە روم ، سۇرئەت تېز ، مۇقىم، سىناقتىن ئۆتكەن .
(3)  ئېمكانقەدەر ئىملاخاتالىقى سادىرقىلىشتىن ساقلىنىشقا تېرىشقان ئاساستا تەرجىمە قىلدىم، شۇنداقتىمۇ سەۋەنلىكلەردىن خالى بولالمىغان بولىشىم مۇمكىن، ئىشلىتىش داۋامىدا بايقىساڭلار ئىنكاس قىلساڭلار مەن تۈزىتىپ قايتا يوللاپ بىرىمەن.98%قىسمى ئۇيغۇرچە، ئازبىرقىسىم يەرلىرى تەرجىمە قىلىشقا بولمىغاچقا قىلىنمىدى.
(4)  بەيدۇ خەت كىرگۈزگۈچىسى  قۇشۇلدى .
(5) روم قوش تور قوللايدۇ. (كۆچمە خەۋەرلىشىش2Gتورى،ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش 3G تورى)
(6) كۆپ ئىشلىتىدىغان بىرقىسىم ئۇيغۇرچە ئەپلەر قوشۇلۇپ  قاچىلاپلا ئىشلىتىشكە قولايلىقلاشتۇرۇلدى.
(7) بۇ روم گۈزەللەشتۈرۈلگەن، ئىنتايىن كۆركەم روم، ئىشلەتسىڭىز چوقۇم رازى بولىسىز.
رومدىن بىر قانچە كۆرۈنۈش :
[attach]13761[/attach]
[attach]13766[/attach]
[attach]13765[/attach]
[attach]13767[/attach]

-------------------------------------
روم قاچىلاش خەتەرلىك مەشغۇلات ، ئەگەر روم قاچىلاشنى بىلمىسىڭىز مۇنبەردىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن كۆرۈپ ئۆگۈنۈڭ ياكى بىۋاستە مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ. روم قاچىلاشتىن كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل.
رومغا ئۇيغۇرچە تىل قوشۇشتا تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ:
[attach]13763[/attach]
[attach]13764[/attach]

-------------------------------------
ئادەم بولغان ئىكەنمىز ھەممىگە قادىر بولالمايدىكەنمىز، بۇ رومدا ئەجەللىق بىر خاتالىق بار. يەنى: تەرجىمىدىن كىيىنكى كەمچىلىك--تەڭشەكنىڭ ئىچىدىكى ئەپلەردىگەننى باسساق تەڭشەك توختاپ قالىدۇ.(كۆپ ئىزدىنىپمۇ سەۋەبىنى تاپالمىدىم، ئەمما ئىشلىتىشكە ھچقانداق تەسىر كۆرسەتمەيدۇ).
-------------------------------------
بۇرومنىڭ تەرجىمە خىزمىتىدە تەرجىمىنى ئاساسەن دىگۈدەك ئۆزۈم قىلىپ پۈتتۈردۈم. ھەم بۇجەرياندا روم تەرجىمە قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇرەككەپ، قول تۇتىدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.  تەرجىمىگە گۇرۇپپا باشلىقى مەردانجان يىتەكچىلىك قىلدى، يالغۇزتەرجىمە قىلغانلىقىم ئۇچۇن تەرجىمە خىزمىتى سەل قېيىنغا چۈشتى ، مۇشۇ مۇناسىۋەتتە مەردانجانغا تور يۇزىدە يەنە بىر قىتىم رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن.
-------------------------------------
مەزكۈر تىلىفۇننى ئىشلىتىدىغانلارنى ئانچە كۆپ ئۇچىراتمىغان بولساممۇ ئەمما ئىشلىتىدىغانلار باردەپ ئويلايمەن.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تىلىفۇنۇمنى ماختىۋالاي،   بىرىنچىدىن، ئېكران 5سۇڭ، ھەقىقى ئاندىرويىدنىڭ پەيزىنى سۈرەي دىسىڭىز ئىكران چوڭراق تىلىفۇن ئىشلىتىڭ، ئىكران كىچىك تىلىفۇنلارنى پەقەت ئىشلەتكۈم كەلمەيدۇ.
ئىككنچىدىن، ئاناتىلنى شۇنداق پەيزى قوللايدۇ، قوش كارتا،سۈرەت تېز. باھاسىمۇ مۇۋاپىق  ھازىر 1200ئەتىراپىدا، ئاللا ئىگەم بۇيرىسا مەن بۇ تىلىفۇننى يەنە 3-4يىل ئىشلىتىشىم مۇمكىن، قولۇمدىكى بۇزۇلسا يېڭىنى ئالىمەن.
-------------------------------------
رومغا ئىرىشىش:
كونا قائىدە بويچە يەنىلا ھەقلىق تارقاتماقچىمەن، چۈنكى بۇرومنى پۈتتۈرۈپ بۇھالەتكە ئەكەلگىچە روم تەرجىمە قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن جاپالىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم،  ھەتتا بىرقانچە قىتىم ۋازكەچكىلىمۇ تاسلا قالدىم.
شۇ سەۋەپتىن يەنىلا بۇ رومنىمۇ ھەقلىق تارقىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم ، باشقىلارنى ئەمگىلىگە ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

روم قاچىلاش خەتەرلىك مەشغۇلات ، ئەگەر روم قاچىلاشنى بىلمىسىڭىز مۇنبەردىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىن كۆرۈپ ئۆگۈنۈڭ ياكى بىۋاستە مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ. روم قاچىلاشتىن كىلىپ چىققان بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزىڭىز مەسئۇل.

چۈشۈرۈش ئادېرسى

ساقلانمىلىرىم ھەمبەھر تەكلىپ قىلىش
گۈل
گۈل (10)
قوللايمەن
قوللايمەن (3)
يولۇچى
يولۇچى
تۇخۇم
تۇخۇم (1)

ئىپادە بىلدۈرگەن دوستلىرى (14 نەپەر)

1框架
تېما يوللاش 这是一个自定义按钮
چوققىغا قايتىش