ئالىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 110 تال

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 139|ئىنكاس: 3

Windows تا MSN غا كىرگىلى بولماسلىق مەسىلىسىنى ئوڭشاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 4

تەڭگە
654
توردا
52 سائەت
ھوقۇقى
50
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 22:52:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ئالىپ تورىدىكى دوستلار،ياخشىمۇسىلەر!!!          MSN ساپ ئۇيغۇر تىلىمىزدا پاراڭلىشىشنى قوللايدۇ ، بۇنى دەپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىدىغۇ دەيمەن ، ئالىپ تورىدا بۇ توغرىلىق يازمىلارمۇ ئاز ئەمەس ، ئالىپ ئۇستاز بۇ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچىلاپمۇ بەردى ، رەھمەت سىزگە ، ئالىپكا !!!
      MSN نى قاچىلاپ ئىشلىتىشنىڭ QQ غا قارىغاندا ئازراق ئوخشىمايدىغان جايلىرى بولغاچقا ، قاچىلاپ بولۇپ كىرگىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ ، ئەلۋەتتە بۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇلى توردا ناھايىتى نۇرغۇن ، پەقەت ئىككى مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئىزدەنسىڭىزلا تاپالايسىز ، مانا مۇشۇ يازمىمۇ توردىن تاپقان ئۇسۇللارنى رەتلەشلا خالاس.
      بۇنىڭ ئۇسۇلى تۆۋەندىكى بىرنەچچە باسقۇچتىن ئىبارەت : ( يېقىندا سېستىما ئالماشتۇرماقچى بولغاچقا،ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تېخى قاچىلىمىغانتىم،شۇڭا تۆۋەندە خەنچە نۇسخىسىنى مىسال قىلىمەن )
1.كىرىش كۆزنىكىدىن تىزىملىك ( 菜单 ) — قورال ( 工具 ) — تاللاش ( 选项 ) نى باسىمىز ، تاللاش كۆزنىكىدىن ئۇلىنىش ( 连接 ) نى بېسىپ،ئۇ يەردىن ئالىي تەڭشەش ( 高级设置 ) نى تاللايمىز ، ئاندىن SOCKS تىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرىۋېتىپ،جەزملەشنى بېسىپ چېكىنىمىز .

2.Internet Explorer دىن قورال ( 工具 ) — ئىنتىرنېت تاللاشلىرى ( Internet选项 ) نى ئېچىپ ئالىي ( 高级 ) نى تاللايمىز ، بۇيەردىن SSL2.0 ۋە SSL3.0 نى تاللاپ ، 检查服务器吊销 نى تاللىماي ، ساقلىۋېتىپ چېكىنىمىز .

3.يەنە ئىنتىرنېت تاللاشلىرىدىن ئۇلىنىشنى ( 连接 ) تاللاپ ، بۇيەردىن 局域网设置 نى باسىمىز . 自动检测设置 نىڭ ئالدىدىكى تاللاش بەلگىسىنى ئېلىۋېتىپ ، ساقلاپ چېكىنىمىز .

ئادەتتە يۇقىرىدىكى باسقۇچلاردىن كېيىنلا مەسىلە ھەل بولىدۇ ، ئەگەر يەنىلا كىرەلمىسىڭىز ، داۋامىغا قاراڭ :

4.باشلاش ( 开始 ) دىن ئىجرا ( 运行 ) نى بېسىپ   
regsvr32 softpub.dll     نى كىرگۈزۈپ Enter نى باسىمىز .
ئەمدى MSN نى قايتا قوزغاتسىڭىزلا ئىش پۈتتى . ئەگەر يەنىلا شۇنداق مەسىلە كۆرۈلسە ، سېستىمىنىڭ بىخەتەرلىك تەڭشىكى ( 防火墙设置 ) نى تەكشۈرۈڭ ، بۇ يەردىن MSN نى «ئىشەنچلىك»تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ قويسىڭىزلا بولىدۇ ، ئۇسۇلى :
防火墙--属性--例外
دىن MSN نى تاللاپ قويۇپ ، كومپىيوتېرنى قايتا قوزغىتىڭ .

توختىماس كارۋان يولىدىن،گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق ...

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تەڭگە
1884
توردا
1298 سائەت
ھوقۇقى
200
نادىر
35
تېما
148
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-24 23:07:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
يارايسىز. مۇشۇنداق بىر يازما لازىم بولۇپ تۇراتتى.
سىز afrasyap@live.cn دېگەن توپتا بارمۇ يا
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 4

تەڭگە
654
توردا
52 سائەت
ھوقۇقى
50
نادىر
0
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 00:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس قايتۇرۇش alip نىڭ يازمىسى

ئۇ توپقا تېخى كىرمىگەنتىم ، ھازىرلا كىرەي ئەمىسە ......
يېقىندا ئالما سېستىمىسىغا قىزىقىپ قېلىپ شۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىۋاتاتتىم ، لېكىنزە خېلى بولدى ئىزدەنگىلى ئۇنىڭدىكى MSN نى زادىلا ئىشلىتەلمىدىم ،،،  داۋاملىق كىرىش مەغلۇب بولىدۇ ......
توختىماس كارۋان يولىدىن،گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق ...

Rank: 3Rank: 3

تەڭگە
311
توردا
37 سائەت
ھوقۇقى
30
نادىر
0
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-25 12:48:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ئارا بىلگەننى بىلمىگەنلەرگە بىلدۈرەيلى. بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار  بۇنى ئونۇتمايلى.
بۈگۈن بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىكەن. بۇخەۋەرنى ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com QQ:632997108 Skype: alipuyghur

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-8-10 23:33 , Processed in 0.095068 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش