- جۇغلانما
- 1776
UID8360
تىزىملاتقان2012-6-27
ئاخىرقى قېتىم2015-3-24
توردا470 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1776
- ئاقچا
- 0

|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئەزىزلەر، سالامەتمۇ سىلەر؟ ئۇلۇغ ئاللاھ! ھەممىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئاسانلىق بەرسۇن!
يېقىندىن بۇيان ماڭا بىر نەچچە تېلفۇن كىلىپ قالدى، سامسۇڭ9300توغۇرلۇق،يەنى سىگنال چىقماسلىق،كارتا تونۇماسلىق دىگەندەك،ئۇ قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ لايىقىدا جاۋاپ قايتۇرۇپ تۇردۇم،لىكىن مۇشۇ مەسلىنى يەنىلا مۇشۇ يەردە بارلىق تورداشلارغا ئېيتقۇم كەلدى.
ئەزىز قېرىنداشلىرىم، سىز يانفۇنىڭىزنىڭ(9300)سېستىمىسىنى مەيلى يېڭىلاڭ ۋە ياكى نەشېرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭ، ئالدى بىلەن مۇنبەردە يوللانغان سېستىما يېڭىلاش دەرسلىكلىرىنى ئەستايىدىل بىرقۇر كۆرۈپ چىققان بولساڭلار،
ئالدىنقى قېتىم بىر قېرىندىشىم تېلفۇن قىلىپ تېلفۇنىنىڭ كارتا تونۇمىغانلىقىنى ئېيىتقاندا،50يۈەن بېرىڭ قىلىپ بىرەي دىسەم،مۇنبەردىلا مەندىن ئاغرىنىپ كەتتى، لىكىن ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى كۆرۈپ يىتەلىدىمۇ يوق بىلمىدىم.
شۇڭا قېرىنداشلار، بەزىبىر ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن،سېستىما قاچىلاش دەرسلىكلىرىنى تەپسىلى كۆرسەڭلار.
ئامدى سامسۇڭ يانفۇنىنىڭ كارتا تونۇماسلىقى ئاساسلىقى يادرو نەشېرىنىڭ يوقاپ كىتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ،يەنى基带版本،مۇشۇ نەشېرى يوقاپ كەتكەندىن كىيىن يانفۇن سېگنال قوللىمايدۇ،شۇڭا سېستىما يېزىش ئاۋۋال ې ف س دىگەن ھۆججىتىنى زاپاسلاڭ،ئەگەر سېستىما يېزىپ ې ف س نى ئەسلىگە قايتۇرسىڭىز يەنە سىگنال چىقمىسا زورلاپ سېستىما قاچىلاۋەرمەڭ بولمىسا مەھسۇلات نومۇرى ئۆزگىرىپ كەتسە ئاۋارىچىلىق چوڭۇپ كىتىدۇ.
يانفۇنىڭىزنى روملاشتىن ئاۋۋال قايسى نۇسخىدىكى يانفۇن ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ بۇنىڭ ئۈچۈن،*#272#مەھسۇلات نومۇرىنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ، شۇنىڭغا قارىتا ئۆزىگە ماس كىلىدىغېنىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ، ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي، يولنى توغرا ئېلىڭ ،باشقىلاردىن ئاغرىنماڭ! |
|