ئالىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 121 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 148|ئىنكاس: 1

روبائىيلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
7 سائەت
دوللار
29
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-15
ھوقۇقى
10
نادىر
0
جۇغلانما
43
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-14 18:08:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈش ئەمەستۇر سەپرىمىز تەرك ئەتكىلى،
مەنزىلگە  بىرلا سەكرەپ بولماس يەتكىلى .
يۈك ئېغىر يول مۈشكۈل پارلاقتۇر غايە ،
مەردلەرنى سىنايدۇ داۋان ئۆتكىلى .

گەر بولسا قەلبىڭدە پىنھان بىر ئازاپ ،
شۇقەدەر ئاچچىق ھەم ئېيتقىلى بولماس.
كۆم ئۇنى سۈكۈتنىڭ چوڭقۇر تەكتىگە ،
سۈكۈتىڭ سۆزلەيدۇ بىر كۈن ساڭا خاس.

غەمگە بولدۇم مۇپتۇلا دەپ غەم يېمە،
جاننى قەستلەر غەم دېگەن يامان نېمە.
ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە خاس غېمى بار ،
مەنلا غەمكىن باشقىلار غەمسىز دېمە.

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانچىلدى تىكەن،
بىلدىممەن گۈل دىگەن تىكەنلىك ئىكەن .
ئارقىغا يانغانتىم گۈل دېدى كۈلۈپ ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل نەدە ئىكەن .

قومۇش ئۆز بويىغا قىلغاچ تەمەننا ،
ئاخىرى يانچىلىپ بولىدۇ بورا.
يار قىلماق بولساڭ گەر كەمتەرلىكنى سەن ،
شاخلىرى ئىگىلگەن مىۋىنى دورا.

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم ،
سۇ بەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم .
سۈت بىرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا ،
قەرزىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم .

Rank: 1

توردا
7 سائەت
دوللار
29
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-15
ھوقۇقى
10
نادىر
0
جۇغلانما
43
تېما
6
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-15 12:15:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆگەن ئوغلۇم داداڭغا ئوخشاش،
ئىشەك بولما نادانغا ئوخشاش .
ئايانماي بەر ھۇسۇلۇڭنى ،
ئانار ئەنجۈر بادامغا ئوخشاش.

ساقايماس كېسەللەر داۋا بولمىسا،
ياشالماس ھاياتلىق ھاۋا بولمىسا .
ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ پەرقى قانچىلىك ،
ۋىجدان ھەم ئار نۇمۇس ھايا بولمىسا.

يالغان ئېيتماس كائىنات پەقەت،
نۆۋىتىدە كېلەر باھار كۈز.
يالغان ئېيتار ئادەملەر پەقەت،
بىر-بىرىگە قاراپ يۈزمۇ-يۈز.

كۈنمۇ گاھ ئېچىلىپ گاھ تۇتۇلغاندەك،
گاھ يىغلاپ گاھ كۈلۈپ ياشايدۇ ئادەم.
مەڭگۈلۈك بولمايدۇ قايغۇ ھەم شاتلىق ،
قايغۇ ھەم شاتلىققا تولغان بۇ ئالەم.


يامغۇرنىڭ تامچىسى تاشنىمۇ تىشەر،
سۈركەلسە ئارغامچا پولاتنى كىسەر.
تىرشچان ئادەملەر بولىدۇ ئالىم ،
ئۆگەنسە يىڭنىدە قۇدۇق قېزىپ گەر.

بىز كەلدۇق كېتەرمىز يوقتۇر يالغىنى،
دەقىقە ئۆتسىمۇ يوقتۇر يانغىنى .
ھەرقەدەم كۆپ پۇرسەت كۈتىدۇ سېنى،
ئويلانغىن ئۆزەڭگە باغلىق قالغىنى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-8-19 20:41 , Processed in 0.093701 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش