- جۇغلانما
- 2647
UID5340
تىزىملاتقان2012-1-8
ئاخىرقى قېتىم2013-5-20
توردا1101 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2647
- ئاقچا
- 9
|
خاككېرلار يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق يانفون بىلەن ئايروپىلاننى كونتىرول قىلغىلى بولىدىكەن
ئىلاۋە: يېقىندا گېرمانىيىنىڭ تور بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى ھىيۇگو تېسو بىر يۈرۈش يانفون يۇمشاق دېتالىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ھازىرقى كۆپ ساندىكى ئايروپىلانلارغا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇچۇشنى باشقۇرۇش سېستىمىسىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بارغىلى بولىدىكەن.
يانفونغا بىر نەچچە تال كۇنۇپكا ئورنىتىش ئارقىلىقلا بىر تال ئايروپىلاننى بۇلىغىلى بولىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى، ئامېستىردامدا ئېلىپ بېرىلغان < قارا قۇتىدىكى خاككېرلار يىغىنى> ناملىق يىغىندا گېرمانىيىنىڭ تور بىخەتەرلىكى مەسلىھەتچىسى ھىيۇگو تېس يىغىن قاتناشچىلىرىغا قانداق قىلىپ بىر تال ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ يۇمشاق دېتالىئارقىلىق ئۇچۇۋاتقان ئايروپىلاننى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەندە، بۇ مەسىلە شۇ زاماتلا پۈتكۈل يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان.
بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ھىيۇگو تېسۇنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىك ساھەسىدە 11 يىلدىن ئارتۇق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۇ كەسپىي جەھەتتىن مەخسۇس تەربىيلەنگەن سودا ئالاقىسى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئايروپىلان ئۇچقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان خىزمەت يېشى 12 يىلغا يېتىدۇ.
ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىندا ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 4 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، PlaneSploit ناملىق بىر يۈرۈش قوللىنىش يۇمشاق دېتالىنى ئېچىپ چىققان بولۇپ، بۇ خىل يۇمشاق دېتال ئارقىلىق ئايروپىلاننىڭ كومپىيوتېر باشقۇرۇش سېستىمىسىنى كونتىرول قىلىپ، ئايروپىلاننى ئۆزى خالىغانچە < ئۇسۇلغا سالالايدىكەن>، شۇنداقلا بۇ نەرسە ئايروپىلاننىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىنمۇ بايقالمايدىكەن. تېسونىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان بۇ خىل يۇمشاق دېتال ھازىرقى كۆپ ساندىكى ئايروپىلانلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان ئۇچۇشنى باشقۇرۇش سېستىمىسى (FMS) گە بۇزغۇنچىلىق قىلالايدىغان بولۇپ، خەۋەر قىلىنىشىچە، تېسو تەتقىق قىلىپ ئېچىپ چىققان بۇ يۈرۈش يۇمشاق دېتال يانفون بىلەن ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى كونتىرول قىلىپ تۇرىدىغان سىمسىز تېلىگراف ئالاقە سېستىمىسىغا چۆكۈپ كىرىپ، ئاندىن يەنە باشقا بىر يۈرۈش ئالاقە سېستىمىسى ئارقىلىق ئايروپىلانغا قارىتا يامان غەرەزلىك بۇيرۇقلارنى ئەۋەتىپ، بىر تال ھاۋادا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان ئايروپىلاننى پۈتۈنلەي كۈنتىرول قىلالايدىكەن.
ئۇنىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشىچە، بۇ بىر يۈرۈش خاككېرلىق يۇمشاق دېتالى نۆۋەتتە < ئۇقۇملۇق ئىسپاتلاش> باسقۇچىدا تۇۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئايروپىلاننىڭ ھەقىقىي ئۇچۇش سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ بارالىشىمۇ ناتايىن ئىكەن.
...نۇر تورى |
|