- جۇغلانما
- 2647
UID5340
تىزىملاتقان2012-1-8
ئاخىرقى قېتىم2013-5-20
توردا1101 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2647
- ئاقچا
- 9
|
چەتئەل تاراتقۇلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، يىقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان، گۇگېل شىركىتى ئۆزىنىڭ بايراقدار مۇلازىمىتى بولغان Google Play ئاندىرويىد ئەپ دۇكىنىدىكى ناچار ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان ئەپلەرنى تازىلاش قەدىمىنى تېزلەتكەن. 2-ئاي ئىچىدە، گۇگېل جەمئىي 60 مىڭدىن ئارتۇق ئەپنى ئۆچۈرۈپ، ئەپ تازىلاش جەھەتتە تارىخىي رېكورىت ياراتقان. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، گۇگېل شىركىتى يەنە Google Play گە قارىتا ئۆزگەرتىش ئeلىپ بارغان بولۇپ، چىقىرىلىدىغان رەسىملەرنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە ھىسابات سىستېمىسى قاتارلىق بۆلەكلەرنى تەڭشىگەن.
تەكىتلەشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق ئەپ گۇگېل تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلگەن ئەمەس. قىسمەن ئەپلەرنى تارقاتقۇچىلار ئۆزلىرى ئۆچۈرگەن، بىراق، بۇ قېتىم تازىلانغان ئەپ سانىنىڭ 60 مىڭغا يەتكەنلىكىنى نەزەرگە ئالغاندا، كۆپ قىسىم ئەپلەرنى گۇگېل شىركىتى ئۆزى بىۋاستە ئۆچۈرىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئىگەللىنىشىچە، ئۆچۈرۈلگەن ئەپلەرنىڭ كۆپ قىسمى يانفون مۇزىكىسى ۋە MP3قاتارلىق مۇزىكا تۈرىدىكى ئەپلەر بولۇپ، بۇلارنى تارقاتقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى سالاھيىتى ئېنىق بولمىغان ئەپ ئاچقۇچىلار ئىكەن.
گۇگېلنىڭ ئەپ دۇكىنىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئالمىغا ئوخشىمايدۇ، ئالما بولسا ھەربىر ئەپ رەسمىي تارقىتىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، بىراق، گۇگېلنىڭمۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت كىلىشىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەپلەرنى تازىلىغان ۋاقىتلىرى بولغانىدى، مەسىلەن، ۋېروس خاراكتېرلىك پىروگراممىلار، باشقىلارنىڭ نەشىر ھوقوقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ياكى سېرىق مەزمۇنغا چېتىلىدىغان ئەپلەر دىگەندەكلەرنى دائىم تازىلاپ تۇراتتى. گۇگېلنىڭ ئەپلەرنى تازىلاش ئۇسۇلىمۇ ئالما شىركىتىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ ھەرگىز ئالمىغا ئوخشاش ئەپ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماستىن، ئەكسىچە، ئەپ ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن ئەپ دۇكىنىغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق تازىلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ. Google Play نىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبېرى كۈندىن-كۈنگە زورىيىپ بارماقتا، بۇ گۇگېلدىن ئەخلەت ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ، ئەپ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تەقەززا قىلماقتا.
ئەخلەت ئۇچۇرلار ياكى ناچار ئەپلەر گۇگېلنىڭ باشقۇرۇش سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تازىلاش ئىنتايىن زۆرۈر. ئەمەلىيەتتە، گۇگېلنىڭ مۇلازىمەت كىلىشىمىدە ئەخلەت ئەپلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈش جەھەتتىكى مەزمۇنلار ئېنىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، مەسىلەن:
1. مەزمۇنى تەكرار ئەپلەرنى قايتا يوللىماسلىق؛
2. مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىدە ئابونتلارنى ئالدايدىغان ياكى قايمۇقتۇرىدىغان سۆزلەرنى ھەرگىزمۇ قىلماسلىق، ھەمدە ئەپ دۇكىنىدىكى رەت-تەرتىپىگە ياكى ھالىقىلىق سۆزلەرگە ساختىلىق ئىشلەتمەسلىك؛
3.ئەپ ئاچقۇچىلار ئۆزى ئېلان قىلغان ئەپكە بىرىلگەن باھا سۆزلىرىگە ھەرگىزمۇ ساختىلىق ئىشلەتمەسلىكى كىرەك؛
4. ئاپتوماتىك ئېچىش قوراللىرى ياكى كۆرسەتمە خاراكتېرىدىكى مۇلازىمەتلەردىن پايدىلىنىپ ئېچىلغان ئەپلەر ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنماسلىقى لازىم؛
5. ئۆزىڭىزگە تەۋە بولمىغان توربېكەت ياكى ئالاقىدار تور بەتلىرىگە ئېقىم باشلاشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق بىر ئەپنى يوللاشقا بولمايدۇ، ۋەھاكازالار.
بۇنىڭدىن باشقا، كۆچمە ئەپ بازىرى كۆلىمىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەپلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكىدەك مۇھىم دەپ قارالمايدىغان بولدى. 2-ئايدا، ئالما App Store دىكى ئەپلەرنىڭ سانى 800 مىڭدىن ئاشقان، ھالبۇكى بۇلتۇر 10-ئايغا قەدەر ئېلان قىلىنغان ئاندىرويىد ئەپلىرىنىڭ سانى بولسا 700 مىڭغا يەتكەن.
ئابونتلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 700 مىڭ ياكى 800 مىڭ دانە ئەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ ھىچقانچە ئەھمىيىتى يوق. نۆۋەتتىكى ئاندىرويىد ئابونتلىرىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى ھەرگىزمۇ ئەپنىڭ سانى ئەمەس، بەلكى ئەپنىڭ سۈپىتى. گۇگېلنىڭ يۇقارقى ھەرىكىتى بۇندىن كىيىنكى ئاندىرويىد ئەپ دۇكىنىدا سۈپەتنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئۆلچەم بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
مەنبە ..نۇر تورى |
|