ئالىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 125 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 266|ئىنكاس: 1

ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

توردا
1 سائەت
دوللار
8
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-14
ھوقۇقى
10
نادىر
0
جۇغلانما
10
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 11:46:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان

پاتىگۈل ياسىن

(ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى)



ئايال- قۇياش ،ئىللىق نۇر چاچقان ،

چىن سۆيگۈگە داغدام يول ئاچقان ،

يۇلتۇزدەكلا سۆيگۈ تاراتقان ،

تەڭرى ئۇنى گۈل قىپ ياراتقان ،

ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .


ئۇ بولمىسا پىشمايدۇ ئاشمۇ ،

ئايلانمايدۇ گۈھەرگە تاشمۇ ،

تەبەسسۇمغا ئالماشماس ياشمۇ ،

قەد كۈتۈرۈپ تۇرالماس باشمۇ ،

ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .


ئۇ بولمىسا ئۈيۈڭمۈ زىندان ،

ئوت پىراقتا يۈركىڭ خۇمدان ،

جىگەر پارەڭ بالاڭمۇ ۋەيران ،

سەن ئۇچسەن خازاندەك ھەريان ،

ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .


ئۇ بولمىسا ئوخشىماس نېنىڭ ،

ھەمىدە شوخ ئاقمايدۇ قېنىڭ ،

كېسەلدىن يات بۇلالماس تىنىڭ ،

ئۇ مىسالى بىر ئالتۇن كېنىڭ ،

ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .


تەبەسسۈممۇ ئۈچەر چېھرىڭدىن ،

قۇت تاپالماس ئويمۇ مىھرىڭدىن ،

سۆز ئاچقىلى بولماس سېھرىڭدىن ،

پاشىلارمۇ، قورقماس قەھرىڭدىن ،

ئاياللارسىز زۈلمەت بۇ جاھان .


ئۇسىز بوران ئۇچار ئۆيۈڭدىن،

تەممۇ قاچار ئاش ھەم سۈيۈڭدىن ،

پەرياد چىقار چالغان كۈيۈڭدىن ،

ياش تۈكۈلەر ھەتتا مويۇڭدىن ،

ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .


ئۇ بولمىسا مۇھەببەت قايدا ،

نۇر بۇلامدۇ شۇ تۇلۇن ئايدا ،

خوش بۇلامسەن ھەر قايسى جايدا ،

ھەتتا قالار ئۈلۈكمۇ سايدا ،

ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .


ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان ،

ئۇلار بولسۇن مەڭگۈگە ئامان

سۆيگۈ تولسۇن قەلبىگە ھامان ،

دىل ئايرىلىش ھەممىدىن يامان ،

ئاياللارسىز زۇلمەت بۇ جاھان .


ئادەم ئاتا ھاۋا ئانامدىن ،
قالغان ئۇدۇم ،كۈيۈم ، مۇھەببەت ،

ئىناق-ئىجىل ئۆتسەكلا پەقەت ،

سۆيگۈ بىلەن ياشنايمىز ئەبەت ،

ئايرىلمايدۇ سۆيگۈ مۇھەببەت .


ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئەسلى ،

ئاي قۇياشتۇر ئۇلارنىڭ نەسلى ،

ئۇلار بولغاچ گۈل ،باھار پەسلى ،

ئۇلار تاپسۇن قۇت بەخىت ۋەسلى ،

ئۇلار قوينى مەڭگۈ بىر يەسلى ،

ئەر-ئايالسىز زۇلمەت بۇ جاھان .





Rank: 1

توردا
5 سائەت
دوللار
33
ئاخىرقى قېتىم
2011-6-13
ھوقۇقى
10
نادىر
0
جۇغلانما
46
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-9 18:14:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت ئاپتورلا كۆرەلەيدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-8-24 14:21 , Processed in 1.016704 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش