ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 2666|ئىنكاس: 36

[ياردەم] بۇ تىلىفۇن قانداقراق؟(oppo x909)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلار.
يىقىندا ئاغىينىمىزگە تىلىفۇن ئىلىش جەريانىدا بۇ تىلىفۇننى بايقاپ قالدىم، قارىسام سەپلىمىلىرى ، كۆركەملىكى بەكلا ياخشىكەن، ئادەتتە داڭلىق ماركىلىق تىلىفۇن بولمىسا قارىمايتىم، لىكىن بۇ تىلىفۇن بەكلا ئىچىمنى كۆيدۇردى،
ئۇستازلار بۇ تىلىفۇنغا بىر باھا بىرىۋەتمەمسىلەر.
نامى ؛  oppo  ( نامى چىقمىغانلا بىر ماركىدە بۇ )
تىپى ؛  x909 (بۇنىڭ  x907 دىگەن باشقا بىر تىپىمۇ باركەن، لىكىن ئىككىسى خىلى پەرىقلىنىدىغان چىراي)
201303151132102900.jpg

سەپلىمىلىرىمۇ بەكلا ئالاھىدە تۇرىدۇ، cpu تۆت يادرو 1.5گىرتىس. ئىچكى ساقلىغۇچ 2 جى دىگەندەك. ھەممىدىن ئىچىم كۆيگىنى بەكلا نىپىزكەن، ئالما 5 نىڭ يىرىمىچىلىك تۇرامدۇ نىمە ؟!  باھاسى تاۋباۋدا 2500- 2800 گىچە ئىكەن.
ئۇستازلار بۇ تىلىفۇنغا بىر باھا بىرىۋەتمەمسىلەر.
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2013-4-8 02:09:25 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھى ھى دوستۇم بۇ ماركا داڭلىق ماركا خەلىقئارا بۇيىچە ئەڭ نېپىز تېلفۇن ھىساپلىندۇ ، يەنە بىر ئىسمى ئوپپو فېندىر 5 دەپ ئاتايدۇ ياخشى تېلفۇن بۇ سېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ بۇ تېلفۇننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئىككى يانفۇننى بىريەرگە ئەكىلىپ تەككۈزۈپ بارماق بىلەن يەنە بىر تېلفۇنغا قارىتىپ ئىتتىرسىڭىزلا كۆك چىشقا ئوخشاش يەنە بىر يانفۇنغا يۆتكىلىدۇ ئالسڭىز بۇلىدۇ لېكىن سەل ساقلاپ ئاندىن ئېلىڭ باھاسى چۈشىدۇ
ۋاقتى: 2013-4-8 08:09:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز بۇ تىلفۇننى ئازراق ساقلاپ ئىلىپ بولغىچە 8 يادرولۇق 1.8GHz لىك samsung i9500 بازارغا چىقىدۇ ، بىرلە شمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسى قوش كارتىلىق چىقىدۇ.  oppo x909 ئالغاندىن samsung ئالغىنىڭىز ياخشى.
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2013-4-8 09:26:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Man^Xu يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 02:09
ھى ھى دوستۇم بۇ ماركا داڭلىق ماركا خەلىقئارا بۇيىچە ئە ...

بۇ تېلفۇننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئىككى يانفۇننى بىريەرگە ئەكىلىپ تەككۈزۈپ بارماق بىلەن يەنە بىر تېلفۇنغا قارىتىپ ئىتتىرسىڭىزلا كۆك چىشقا ئوخشاش يەنە بىر يانفۇنغا يۆتكىلىدۇ    ھى ھى ماۋۇ ئالاھىدىلىكى نوچىكەن، ئەمما ئىككىلى يانفۇن چوقۇم ئوپپو بولۇشى شەرتقۇ دەيمەن ھە؟
ۋاقتى: 2013-4-8 10:07:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوپپو نى سىز نامى چىقمىغان ماركا دەمسىز؟ بۇرادەر سىز نەد ياشاۋاتىسىز؟
ئوپپو دىگەن داڭلىق ماركا ئۇ، جۇڭگونىڭ ئۇنىڭدەك داڭلىق تېلفۇنلىرىدىن قايسى بار؟ دەپ بېقىڭە؟ ئوپپو نىڭ تېلفۇنلىرىنىڭ قاتتىق دىتالى سامسۇڭدىن قېلىشمايدۇ، ھى ھى
ۋاقتى: 2013-4-8 10:25:41 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوپپو نىڭ تاشقى ۋە ئىچكى سۈپىتى ياخشى بولغاشقا باھاسى سەل قىممەت،  بۇ مۇنبەردىكىلەر خۇاۋېينى بەك داڭلايدۇ، خۇاۋېي ئوپپوغا ھەرگىز يىتەلمەيدۇ،
ۋاقتى: 2013-4-8 11:15:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يانفۇنمۇ ئىلىشقا ئەرزىيدۇ،بوپقۇيدۇ،راۋۇرۇس تېلفۇن نىپىزلىك سۈپەت جەھەتتە خېلى يانفۇننىمۇ ئارقىدا قۇيدۇ،مىنىڭ دوستۇمنڭ ئاچىسدا بىرسى با ئالغىلى 15  كۈندەك بولدى ،4.1لىك روم قاچىلاقلىقكەن روت ئالماي فونىت قاچىلماي شۇپېتى ئىشلىتىۋاتىدۇ،لىكىن بىر يېرى كەينى ئاجىرمايدۇ،كارتىنى كىسىپ سالدۇ.
ۋاقتى: 2013-4-8 15:45:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى نامى بار پەيزى تېلىفۇن، ئالماقچى بولسىڭىز ئىككلەنمەي ئېلىۋىرىڭ
ۋاقتى: 2013-4-8 18:03:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
oppo x909 ئالغاندىن samsung ئالغىنىڭىز ياخشى
ۋاقتى: 2013-4-8 19:01:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىلفۇننى ئالغۇچە LG Nexus4  نى ئىلىڭ  ...مەن توردىن 2300 گە ئالغان شۇنداق ياخشى چىقتى روتمۇ ئالمىدىم فۇنىتمۇ قاچىلىمىدىم ئۇيغۇرچە دىگەن شۇنداق چىرايلىق چىقىدۇ
ۋاقتى: 2013-4-8 19:38:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلگىرافنىڭ بولسا مەن ئككىلەنمەي ئالاتتىم
ۋاقتى: 2013-4-8 22:07:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي بالىلار، كىم دەيدۇ OPPOتېلفۇنىنى نامى چىقمىغان دەپ، بۇنىڭ نامى پەقەت جوڭگۇدىلا چىقمىغان، ماركا جەھەتتە سامسۇڭ تېلفۇندىن قېلىشمايدىغۇ!
ۋاقتى: 2013-4-8 22:10:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلار، OPPOتېلفۇنلىرى سۈپەت ۋە ئىقتىدار جەھەتتە سامسۇڭ تېلفۇندىن ياخشى چىقسا چىقىدۇكى، ھەرگىز ناچار چىقمايدۇ، شۇنداق ياخشى چىققان داڭلىق ماركا بۇ.
ۋاقتى: 2013-4-8 22:35:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   axik0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-8 22:41  

خۇاۋىي بەك چەتكە قىقىۋەتتېڭىز مۇ قانداق ؟ 889  دىگەن قىرىندىشىم . ئۇ راس داڭلىق ماركا  لىكىن داڭلىق ماركا تۇرۇپ نىمىشقا مەھسۇلاتلىرى ئاز ھەم بىزگە تۇنۇشلۇق ئەمەس ، ھەممىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بار . ئەجىبا سامسۇڭ ،ئالمىلار  داڭلىق ئەمەسما نىمىشقا ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ھەممە يەردە بار . مەسلە داڭلىق بۇلۇش بولماسلىقتا ئەمەس ، مەھسۇلاتنىڭ شۇ كىشىنىڭ ھۆددىسىدېن چىقالىشى ھەم شۇ كىشىنىڭ رازى بولۇشىدا . خۇاۋىينڭمۇ ئۇ ماركىلاردىن قىلىشىدىغان يەرلىرى يوق ، شۇڭا ھەممە كىشى ۋاي دەيدۇ . كۆزىڭىزنى يۇمىۋىلىپ گەپ قىلىۋەرمەڭ.  ئىلىمىز ئەمدى تەرەققىي قىلۋاتىدۇ ، ئىلىكتىرون ئىشلىرى چەتكە يەتمەيدۇ ئۇ تەرىپى ئىنىق ، يۇقرى چەككە يىتىش ئۆچۈن ۋاقىت كىتىدۇ خالاس.
ۋاقتى: 2013-4-8 23:44:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ALxAT يوللىغان ۋاقتى  2013-4-8 09:26
بۇ تېلفۇننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئىككى يانفۇننى بىريەرگ ...

ئۇنداق ئەمەس nfc تىخنكىسى قوللۇنۇپ ياسالغان تىلفۇن بولسا ، باشقا ماركىدىكىسى بولسىمۇ بولىۋىردۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش