- جۇغلانما
- 7115
UID9987
تىزىملاتقان2012-9-11
ئاخىرقى قېتىم2015-5-31
توردا1368 سائەت
باشقۇرغۇچى
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!
  
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 7115
- ئاقچا
- 78


|
زاپەر؟ ھى ھى ھى… زاپەركەن دەۋاتامسىلەر؟
قايسىڭلا ئاشۇنداق دىگەن؟ ئاشۇنداق دىگەنلەر ئۆزۈڭلار يانفۇن ياسايدىكەنسىلەردە؟ تىخى باشقىلارنى مەنسىتمەسلىك نەزىرىدە گەپ قىلىشىڭلارنىچۇ تىخى،
ماركىلىق يانفۇن ياخشى ، ماركىسىز يانفۇن ناچار بولامدىكەن؟ ھەر قانچە ئىشلەتسىڭىز سامسۇڭنىڭ s4 نى ، ياكى ئالمىنىڭ 5s نى، ۋە ياكى نوكىيانىڭ 1020 نى ئىشلىتىدىغانسىز، تىلفۇنىنى داڭلايدىغان كىشىلەرنى كۆرسەم كۈلگۈم كىلىدۇ، كاشكى، ئاشۇ تىلفۇنلاردىن ئۆزىگە ئەس قاتقۇدەك بىرەر نەرسىنى ئۈگىنىۋالالىسىچۇ؟ مەن يانفۇننى تەجرىبە ماتىرىيالى سۈپىتىدە ئىشلىتىمەن، ئالاقە كارتىسىمۇ سالمايمەن، مەن ئۈچۈن كىسەك بولغاندا يازىدىغان رومى بار بولغان تىلفۇن بولسىلا شۇ كۇپايە، ھەر كۈنى نەچچە ئون قىتىملاپ تەھرىرلىگەن رومنى يىزىپ كىتىمەن، مەن ئۈچۈن تىلفۇن بىر تەجرىبە ماتىرىيالى خالاس،
ئەلۋەتتە سىزنىڭ مىنىڭ يانفۇن ئىشلىتىش مەقسىدىمىز ئوخشىمايدۇ،
سىز بىرەرسىنى مەسخىرە قىلغان ۋاقىتتا ئاۋال ئۆزىڭىزنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بىقىڭ، ئالتە كۈنلۈك ئالەم بۇ، ئۇنتۇپ قالماڭ، بۇ ئالەمنىڭ ئىگىسى بار، قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ سورىقى بار،
سىزنىڭ مۇشۇ خەتلىرىڭىزنى تىما ئىگىسى قىرىندىشىمىز كۆرگەندە كۆڭلى قانچىلىك يىرىم بولغاندۇ؟ سىز باشقىلارنى كۆزگە ئىلمىغۇدەك قانچىلىك ئادەمتىڭىز؟ ناھايتى بولسا قولىڭىزدىكى يانفۇنىڭىز ئىسىلراقتۇ، ياكى پۇلىڭىز كۆپرەكتۇ،
بۇ مۇنبەرنى كۆرىدىغانلار سىز بىزلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە كىلىدىغان گەپلەرنى قىلماڭ،
باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى بىلىۋىلىڭ،
بەش بارماق تەڭ ئەمەس شۇنداققۇ؟
ھەممىدىن ئىشلەتكەن يانفۇنىڭىز ئۆزىڭىزگە يارىسىلا شۇ ئەڭ ياخشى |
|