ئالىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 146 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 345|ئىنكاس: 4

مۇختار روزى ھەقلىق دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلماقچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
2
توردا
1490 سائەت
دوللار
2077
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-11
ھوقۇقى
200
نادىر
44
جۇغلانما
3505
تېما
168
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 19:32:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئالدىنقى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ  دەرسلىكلىرىدىن روھلان تور بېكىتىدە Photoshop نىڭ 95 قىسىملىق  دەرسلىكىنى، 195 قىسىملىق ئەمەلىي تور بېكەت ياساش دەرسلىكىنىڭ ئالدىنقى 50 قىسىمىنى، 500 قىسىملىق VB دەرسلىكىنىڭ ئالدىنقى 62 قىسىم دەرسلىكىنى، 600 قىسىملىق Flash  دەرسلىكىنىڭ ئالدىنقى 95 قىسىمىنى ھەقسىز تارقاتقان ئىدى.

ئىلگىرى تارقىتىلىپ بولۇنغان دەرسلىكلەرنىڭ ئادرىسى تۆۋەندىكىچە:
مۇختار روزى 600 قىسىملىق Flash دەرسى
http://www.rohlan.biz/thread-6180-1-1.html
مۇختار روزىنىڭ 500 قىسىملىق VB دەرسى يوللاندى، چۈشۈرۋېلىڭ
http://www.rohlan.biz/thread-6071-1-1.html
مۇختار روزى تور بېكەت لايىھىلەش دەرسى (195 قىسىم)
http://www.rohlan.biz/thread-6779-1-1.html
مۇختار روزى Photoshop CS5 دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلدى (ئۇيغۇرچە)
http://www.rohlan.biz/thread-5977-1-1.html


نۆۋەتتە مۇختار روزى ئەپەندى بىزنىڭ تور بېكىتىمىزدىكى ھەۋەسكارلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ روھلان تور بېكىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ يەنە بىر قىتىم ئۆزى ھەقلىق تارقىتىپ كىلىۋاتقان تور دەرسلىكى ۋە ھەقلىق ئىشلەنگەن ئەمەلىي مەشغۇلات دەرسلىكلىرىدىن  flash, asp, vb, Photoshop, maya قاتارلىقلارنىڭ بىر قىسىم  ئۆرنەك دەرسلىكلىرىنى ھەقسىز تارقاتماقچى ، بۇ دەرسلىكلەر ئاساسلىقى نەق مەيداندا ئوقۇتۇش جەريانىدا سۆرەتكە ئېلىنغان، بۇ قىتىم تور بېكىتىمىز ئارقىلىق ھەقسىز تارقىتىلىدىغان دەرسلىكلەرنىڭ ئومۇمى دەرس سانى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 200 دەرستىن كەم بولمايدۇ، بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇختار روزى ئەپەندىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ۋە بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمىز .

بۇ قېتىم تارقىتىلدىغان دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى مۇختار روزى IT گورۇپپىسىدىكىلەرنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، تور بېكىتىمىزدىكى بىلىم سۆيەر قوللىغۇچىلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا تور بېكىتىمىز يەنە بىر قىتىم مۇختار روزى ئەپەندى بىلەن ھەمكارلىشىپ دەرسلىك تارقىتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئاددى بولسىمۇ كۆڭۇل سوغىمىزنى سۇنماقچىمىز. بۇ بىزنىڭلا ئەمەس ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ئۈچۈن جاپا چىكىۋاتقان، كەسپى ساھەدىكى دوست- بۇرادەرلەرنىڭ ، چوڭراق سۆزلىگەندە ئۆز مىللىتىنىڭ ، ئاددىراق سۆزلىگەندە بولسا بېلىم ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ماتېرىيال تاپالماي كىلىۋاتقان  ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ مەنپىئەتىنى ئويلايدىغان ھەر بىر بېكەت باشلىقىنىڭ قىلىدىغان ۋە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشى دەپ قارغانلىقىمىز ئۈچۈن  كەسىپداشلىرىمىزنى بۇ جەھەتتە ھەمكارلىشىشقا چاقىرىق قىلىش مەخسىدىدە بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
مېنىڭ مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ ئىشخانسىدا تەربىيلىنىۋاتقان بىر ئىنىم بولغانلىقى ئۈچۈن بەلكىم بۇ ئۇچۇردىن بالدۇرراق خەۋەر تاپقان بولۇشۇم مۇمكىن. دەرسلىكلەرنىڭ تارقىتىلىش ۋاقتى تەخمىنەن 6- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالدۇق ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ مۇشۇ تىما ئاستىدا دەرسلىكلەر تاكى مۇختار روزى ئىشخانسىدىكىلەر دەرسنى توختاتقۇچى تارقىتىلىدۇ. بۇ جەرياندا بىزمۇ ئىمكان بار دەرسلىكلەرنىڭ ۋاقتىدا يوللىنىپ تۇرشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. يەنە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتمەكچىمىزكى روھلاندىكى مۇشۇ تىمىنى بىۋاستە ئۇلىنىش قىلىش ئارقىلىق ئۆز مۇنبىرىڭىز ۋە بېكەتلىرىڭىزدە تەشۋىق قىلسىڭىز بولىدۇ. ھەم تەشۋىق قىلغۇچىلارنىڭ تور بېكىتى بىكىتىمىزدىكى مۇشۇ تىما ئاستىدا ئالاھىدە ئۇلانما قىلىنىدۇ. قېىنى مىللىتى ۋە خەلقى ئۈچۈن كۆيۈندىغان بېكەت باشلىقلىرى، ھەممىمىز بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ بىرلىكتە بۇ دەرسلىكلەرنى ئۆزىمىزنى قوللاپ كىلىۋاتقان ئۈگەنگۈچىلەرگە سۇنايلى.
ئۇلارمۇ پايدىلانسۇن، بىزمۇ پايدىلىنايلى.بەلىكىم بۇ بىزنىڭ ئاددى ئەمگىكىمىز ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقى قىنىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. قېنى بۇ قىتىم مۇختار روزى ئىشخانسىدىكىلەر بىزگە قانداق سوغىلارنى تەييارلىدىكىن.

مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ مۇشۇ كەڭ قورساقلىقىغا بولغان رەھمىتىڭىزنى ئېيتىش يۈزىسىدىن مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ تور بېكىتى http://www.xmrit.com نى بېكىتىڭىز ۋە بلوگىڭىزغا ئۇلىنىش قىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، مۇختار روزى ئەپەندىنىڭ تور بېكىتىدە دەرسلىك ئۇچۇرلىرى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ .

6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ھەقسىز تارقىتىلدىغان دەرسلكلەرنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرسى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكىلدە يوللىندۇ، ياكى روھلاندىكى تۆۋەنكى ئادېرس ئارقىلىق كىرىپ چۈشۈرسەڭلارمۇ بولىدۇ.
http://www.rohlan.biz/thread-7776-1-1.html
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

توردا
27 سائەت
دوللار
187
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-11
ھوقۇقى
50
نادىر
0
جۇغلانما
252
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-5-30 22:32:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   ئۇستازىمىزغا  رەھمەت  ئېيتماي  تۇرالمايمەن ،   

Rank: 3Rank: 3

توردا
35 سائەت
دوللار
211
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-5
ھوقۇقى
30
نادىر
0
جۇغلانما
287
تېما
3
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-1 12:44:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئەجرنى ئاللاھ بەرسۇن!!

Rank: 2

توردا
20 سائەت
دوللار
138
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-11
ھوقۇقى
20
نادىر
0
جۇغلانما
187
تېما
1
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-2 13:55:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق دەرىسلىكلەر بولسا يەنە يوللاپ قويساڭلار،،،

چاڭقىغان دىللىرىمىزغا ساپ ئەجىر زەمزەملىرىنى تامدۇرغان ئۇستازلارغا ۋە بىكەت باشلىقلىرىغا تەشەككۈر،ئاللا ئەجرىڭلارنى بەرگەي......


رەھمەت

Rank: 6Rank: 6

توردا
2 سائەت
دوللار
28
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-24
ھوقۇقى
70
نادىر
0
جۇغلانما
1037
تېما
4
يوللىغان ۋاقتى 2011-6-7 22:43:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى دەرسلىكلەر يوللاندى دەرسنىڭ تارقىتلىش ۋاقتى ھەققىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار قوشۇلدى .
  http://www.rohlan.biz/thread-7776-1-1.html
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur
تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بىلەرمەن سەھىپىسى ئېچىلدى
تورداشلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بىلەرمەن سەھىپىسى ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ياردەم سوراپ يازغان تېمىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سەھىپىگە يوللىندۇ. كومپىيۇتېر، يانفون ۋە باشقا ساھەدىن ياردەم سورىماقچى بولساڭلار بىلەرمەن سەھىپىسىگە يوللىغايسىلەر.

كۆرۈش »

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-9-12 02:33 , Processed in 0.109882 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش