- جۇغلانما
- 1898
UID4351
تىزىملاتقان2011-11-24
ئاخىرقى قېتىم2015-4-8
توردا538 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1898
- ئاقچا
- 1
|
مىكروسوفىت شىركىتى ئۆزىنىڭ بايراقدار ئەپ دۇكىنىWindows Store دە تېخىمۇ كۆپWindows 8 ۋەWindows Phone ئەپلىرىنىڭ بولۇشىنى ئىنتايىن ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ خىل ئۈمىد شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىكەنكى، يىقىندا مىكروسوفىت شىركىتى ھەتتا ئەپ ئاچقۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ بۇ مۇكاپاتلىق پائالىيىتى 3-ئاينىڭ بىشىدا يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەپ ئاچقۇچىلارWindows Store گە تاپشۇرغان ھەربىر ئەپ سۈپەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن، مىكروسوفىت ئۇلارغا Visa ئارقىلىق 100 دوللار نەق پۇل ئەۋەتىپ بىرىدۇ. پائالىيەتنىڭ سىياسىتى بويىچە ھەربىر ئەپ ئاچقۇچى Windows 8 ۋە Windows Phone نىڭ ھەربىرىدىن 10 خىل ئەپ تاپشۇرسا بولىىدۇ .
بۇ شۇنىڭدىن دېرەك بىرىدۇكى، سىز يوللىغان ئەپ باشقىلار تەرىپىدىن چۈشۈرۈلمىگەن ياكى سېتىۋىلىنمىغان تەقدىردىمۇ، سىز يەنىلا 20 خىل ئەپ ئۈچۈن 2000 دوللار نەق پۇلغا ئېرىشەلەيسىز.بۇ پۇلنى مىكروسوفىت شىركىتى ئۆزى نەقلەشتۈرىدۇ.ئىگەللىنىشىچە، بۇ پائالىيەتنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ياكى مىكروسوفىت 10 مىڭ خىل سۈپەتلىك ئەپ تاپشۇرۇپ ئالغۇچە بولىدىكەن.
پائالىيەت مەنزىلى: http://build.windowsstore.com/#fbid=Y9258zCc89I
مەنبەسى : ئۇيغۇر يانفۇن تورى |
|