|
بەزى تەرجىمە گۇرۇپپىلىرى كۆپلىگەن دىتاللارنى تەرجىمە قىلىپ ھەقسىز تارقاتتى، بەزىلىرى ھەقلىق تارقاتتى، ئەپ تەرجىمىسىنى ئەپ ئىيتساق خىلى ۋاقىت سەرىپ قىلىدىغان ئىش، خەنزۇ تىلىدىكى ھەقسىز تارقىتىلغان ئەپلەرگە قارايدىغان بولساق، بەزىلىرىدە ئىلان قىستۇرۇلغان، بەزىلىرى دىتالىنىڭ نوچىلىغىنى كۆزكۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىپ شۇ ئارقىلىق خىرىدار توپلايدۇ، بۇ2يولنىڭ ھەممىسىدە بىكارغا ئىش بولمايدۇ. بىزدە قانچىلىق بازار شەكىللەندى، قانچىلىك ئىستىمال بوشلۇقى بار؟ بۇ بىر ئاچقۇچ بولۇپ قالدى. بىز تىخى بۇ ساھەگە بوسوغا ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز دەپ ئويلايمەن . بىزنىڭ مىللى كارخانىلىرىمىز ئۇيغۇرچە تىلفۇن، پەدلەرنى بازارغا سالدى شۇنىڭ بەزى ئەپلىرىنى ھەقسىز چۇشۇرۇش بىلەن تەمىنلىدى. بەزى ئىقتىدارلىق كىشىلىرىمىز ئۇيغۇرچە ئەپ بازارلىرىنى چىقىرىپ ئۇيغۇرچە ئەپلەرنىڭ تارقىلىشىغا تۇرۇتكۇلۇك رول ئوينىماقچى بولدى لىكىن كۆپ قىىسىم ئۇيغۇرچە ئەپ بازارلىرى خاككىرلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقغا ئۇچرىدى ياكى ئىقتىسادى مەسىللەر تۇپەيلى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدى.
ئەپ تەرجىمە قىلىش ھەقىقەتەن جاپالىق، ۋاقىت سەرىپ قىلىدىغان خىزمەت (دەسلەپكى تەرجىمە قىلغۇچىلار ئۇچۇن ).ھازىر لوغەت ئىقتىدارى بار، ئىلگىرى تەرجىمە قىلغاننى ساقلاپ ئاپتۇماتىك تەرجىمە قىلىپ بىرىدىغان دىتاللار بار شۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلسا جىق ۋاقىت ئەجىرنى قىسقارتقىلى بولىدۇ. بۇ دىتال ھەپتە ئالدىدا ئىشلىتىش دەرىسلىكى بىلەن مۇنبەرگە يوللانغان(AndXml) . بۇنىڭدىن باشقا خەلقارالىق دىتاللاردىن TRADOS بار . بولسا ئۇستىلار ئۆزىنىڭ تەرجىمە ئامبىرىنى ھەمبەھىرلىسە جىق ئىشلار ئاددىيلىشاتتى. |
|