ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

ئىزدەش
ئالپ تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ، تىزىملىتىپ كىرىپ مەشغۇلات قىلىڭ
ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تىزىملىك
كۆرۈش: 2399|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

[تەۋسىيە] شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 3.0 تارقىتىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

185

يازما

652

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
0
جۇغلانما
1761
ئاقچا
6
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

بۇ يۇمشاق دېتال <<شاھدىيارسوفت سۈزۈك تېكىست كىرگۈزگۈچ>>، <<شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 2.0>> ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى Windows ئۆزى تەمىنلىگەن 记事本 يەنى خاتىرە دەپتەر پروگراممىسىدا بار ئىقتىدارلار ئاساسەن تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۇندىن باشقا يەنە بىر نەچچە ئالاھىدە ئىقتىدارلار تەمىنلەنگەن.
بۇ يۇمشاق دېتالدا تەمىنلەنگەن بىردىن بىر ئالاھىدە ئىقتىدارى يۇمشاق دېتال كۆرۈنۈشىنى نىسبەت بويىچە سۈزۈك قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. سۈزۈكلەشتۈرۈش دەرىجىسىنى %0 دىن %100 گىچە تاللاپ بەلگىلەپ بېرىشكە بولىدۇ.
يەنە بىر ئالاھىدە ئىقتىدارى، ئۇيغۇرچە ۋە لاتىنچە يېزىق ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز بىۋاستە Ctrl+K نى بېسىپلا يېزىق ئالماشتۇرالايسىز.
بۇ يۇمشاق دېتالدا تەمىنلەنگەن ئىقتىدارلار تۆۋەندە تىزىملىكلىرى بويىچە تونۇشتۇرۇلدى:
ھۆججەت تىزىملىكى
..... يېڭىدىن ھۆججەت قۇرۇش (يېڭىدىن بەت ئېچىپ بېرىدۇ)
..... ھۆججەت ئېچىش   (ساقلاپ قويغان txt شەكىلدىكى ھەر قانداق ھۆججەتنى ئاچالايدۇ)
..... ساقلاش   (بىر قېتىم ساقلاپ بولغان ئەمما ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن txt ھۆججەتنى ئەسلى ھۆججەتكە ساقلاپ بېرىدۇ)
..... باشقىچە ساقلاش   (تېخى ساقلىمىغان ھۆججەتنى ساقلاشقا ۋە بىر قېتىم ساقلاپ بولغان ھۆججەتنى باشقىچە ساقلاشقا بولىدۇ)
..... چېكىنىش   (دېتالدىن چېكىنىدۇ)
تەھرىرلەش
..... يېنىۋېلىش   (قىلغان مەشغۇلاتتىن يېنىۋېلىشقا بولىدۇ)
..... كېسىۋېلىش   (تاللىغان مەزمۇننى كېسىۋېلىشقا بولىدۇ)
..... نۇسخىلاش   (تاللىغان مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ)
..... چاپلاش   (كېسىۋېلىنغان ۋە كۆچۈرۈۋېلىنغان مەزمۇننى چاپلاشقا بولىدۇ، باشقا يەردىن كېسىۋېلىنغان ۋە كۆچۈرۈۋېلىنغان مەزمۇننىمۇ چاپلاشقا بولىدۇ)
..... ئۆچۈرۈش   (تاللىغان مەزمۇننى ئۆچۈرۈشكە بولىدۇ)
..... خەت ئايلاندۇرۇش   (بىردىن ۋە توپ ھالەتتە مەزمۇن ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ)
..... ھەممىنى تاللاش   (بارلىق مەزمۇننى تاللاشقا بولىدۇ)
..... چىسلا قىستۇرۇش   (شۇ كۈندىكى چىسلانى قىستۇرۇشقا بولىدۇ)
فورمات
..... خەت نۇسخىسى   (خەت نۇسخىسى ۋە خەت رەڭگىنى تاللاشقا بولىدۇ)
..... خەت رەڭگى   (خەت رەڭگىنى تاللاشقا بولىدۇ)
..... تەگلىك رەڭگى   (تەگلىك رەڭگىنى تاللاشقا بولىدۇ)
..... دەپتەرنى سۈزۈكلەشتۈرۈش   (دەپتەرنى سۈزۈك قىلىشقا بولىدۇ)
ياردەم
..... شاھدىيارسوفت ھەققىدە   (شاھدىيار تورىغا كىرىدۇ)
..... دەپتەر ھەققىدە   (دەپتەر توغرىسىدا قىسقىچە تونۇشتۇرىدۇ)
بۇ يۇمشاق دېتالغا UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كومپيۇتېرىڭىزغا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى بولسىلا بىۋاستە ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق يېزىق بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
مەزكۇر سىستېمىدا تەمىنلەنگەن UKIJTuT.ttf دېگەن UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسى ھۆججىتىنى C:\Windows\Fonts قا كۆچۈرۈپ قويۇپ ئاندىن مەزكۇر دېتالنى ئىجرا قىلسىڭىز ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىۋاستە بىر تەرەپ قىلالايسىز.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىلگىرىكى نۇسخىلىرىنىڭ ئادېرىسلىرى تۆۋەندە بېرىلدى:
شاھدىيارسوفت سۈزۈك تېكىست كىرگۈزگۈچ
http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=943
شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 2.0
http://www.shahdiyar.com/bilim/viewthread.php?tid=1195
بۇ قېتىمقىسىنىڭ نامى: <<شاھدىيارسوفت سۈزۈك دەپتەر 3.0>> دەپ بېرىلدى.  






[ئەسكەرتىش] مەزكۇر يۇمشاق دېتال پۈتۈنلەي ھەقسىز تارقىتىلىدۇ. پەقەت بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلىپ تور بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ چۈشۈرۈۋالسىڭىزلا سىز بۇ دېتالنىڭ مەڭگۈلۈك ئىشلەتكۈچىسى بولالايسىز.
تور بېكىتىمىزگە داۋاملىق كىرىپ داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرسىڭىز تېخىمۇ كۆپ سەرخىل مەزمۇنلار ۋە يۇمشاق دېتاللاردىن بەھرىمان بولالايسىز.
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ھەر قانداق ئىنكاسلارنى قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.
قوللىغىنىڭىزلارغا رەھمەت!


تور بېكىتىمىزدىن ھەقسىز چۈشۈرۈۋېلىڭ

23

تېما

140

يازما

495

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1411
ئاقچا
52
ۋاقتى: 2011-5-24 20:33:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! بۇرۇنقى نۇسخىلىرىمۇ ئوبدان چىققان ، بۇ نۇسخىسى بۇرۇنقىلىرىغا قارىغاندا كۆپ ئىلغاركەن.تېخىمۇ تىرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!

0

تېما

5

يازما

44

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
106
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2011-5-27 16:29:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ سىناپ باقاي

5

تېما

242

يازما

1070

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3095
ئاقچا
34
QQ
ۋاقتى: 2011-7-3 13:01:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشمىدىغۇ.مەنچۈشۈرەلمىدىم.

1

تېما

50

يازما

101

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
345
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-5-24 09:07:54 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Adirs buzuluptu
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

alip uyghur it web site |

Powered by Discuz! X3.1

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش