ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1228|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يانفوندىكى كاشىلىلارغا نەزەر!

9

تېما

68

يازما

-78

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

korash uyghur

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
128
ئاقچا
26
يانفونىڭزدا غەيرىيلىك سەزدىڭىزمۇ؟
مەسىلەن نومۇر ساقلىمايدىغان بولىۋالدىمۇ؟
ياكى ئۇچۇرلار ئۆزىچە يوقاپ كىتىۋاتامدۇ؟
تۇيۇقسىز بۇگەپلەرنى دىگىم كىلىپ قالدى .چۈنكى مەن يانفوننى فورماتلاپ باقمىغىلى ئۇدا 6ئاي بوپتىكەن.
قارىسام بەزى ئۇچۇرلار ئۆزىچە يوقاپ كىتىۋاتقان ياكى بايىلا ئۇرغان نومۇرلار نى بىردەمدە ئىزدەپمۇ تاپالمايۋاتقان ئەھۋاللار تولا يۈزبېرىۋالدى.
شۇنڭبىلەن سەۋەبىنى سۇرۇشتۇرۈشكە مەجبۇر بولدۇم.
ئۇيان قىلىپ بۇيان قىلىپ ۋېروسخورنىڭ نوچىلىرىنىمۇ سىناپ باقتىم زادى بولمىدى!
ئاخىرى يانفوننى بىر فورماتلاپ سىناپ باكقماقچى بولدۇم.
ھىم مانا ئەمدى مىنىڭ يانفونىۇمغا ئوخشىدى كاساپەت.
بۇقېتىم ئېرىشكەن تەجىربە نەتىجىسى شۇكى .ئۇزۇن مۇددەت ئۇچۇر ۋە باشقا مەزمۇنلار تازىلانمىسا ياكى زىيدە كۆپ بوپكەتسە يانفوندا قىسمەن مەسىلىلەر
تەبىيلا مەيدانغا چىقىدىكەن،
شۇڭا مىنىڭ تەۋسىيەم ئەگەرئامراق يانفونىڭىز ئانچە مۇنچە قېتىۋالسا ياكى بەزى ئۇششاق بىنورماللىقلار يۈزبەرسە ئەنسىرىمەڭ.
تەمكىنلىك بىلەن بىرقېتىم ياكى بىرنەچچە قېتىم كارتىنى(سىغىم كارتا) فورماتلاڭ .ئاندىن يانفوننى فورماتلاڭ.
چۈنكى قارىماققا ئىچكى قىسىم ھۆججەتلىرى يانفوندا تۇرغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە سىغىم كارتىدىمۇ بىرمۇنچە يەرنى ئىگەللەيدۇ.
ئىشەنمىسىڭىز سىغىم كارتىدىكى كۆرۈنگەن ماتىرياللارنى پاكىز ئۆچۈرۈڭ. (فورماتلاڭ دىمىدىم) ئۆچۈرۈپ بولۇپ كارتىنىڭ سىغىمىنى تەكشۇرۇڭ.
50 تىن 100mb غىچە ئورۇننىڭ ئىگەللەنگنلىكىنى بايقىدىڭىزما؟
مانا بۇ ئىچكى قىسىم ھۆججىتى ۋە بىرقىسىم ساندان ماتىريالى .سىز بىز بۇنى تېخى بىلىپ بولالمايمىز،
فورماتلىسىڭىز ھەممىسى 0 بولىدۇ .ئاندىن يەنە قايتىدىن كىرىەكلىك دىتاللارنى قاچلاش دىگەندەك ئىشلارنى قىلسىڭز بولىدۇ.
بۇ پەقەت مىنىڭ ئۆزەم يەكۈنلەپ چىققان تەجىربەم باشقا بىريەردە ئۇنداق بىرەر يازما ياكى مەزمۇن كۆرمىدىم .لىكىن سىناپ باقسىز زىيان قىلمايدۇ.
ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئۈسكىنەلەرمۇ قېرىپ خورايدۇ.
شۇڭا ئانچەمۇنچە تازىلاش ئاسراش قىلىپ تۇرۇش كېرەك.
ئۆزىمىز ئاسرىماي كىچىككىنە كاشىلا چىقسا رىمونىتخانىغان يۈگرىگەندىن مىڭ ياخشى.


مەنبەسى كۆرەش خاتىرىسى


مەزكۇر يازمىدا ئاساسلىقى نوكىيا يانفونلىرى كۆزدە تۇتۇلدى!
كەمىنىنىڭ يەنە باشقا يازمىلىرىغا قىززىقسىڭىز:بلوگىمغا مەرھەمەت قىلىڭ:www.korash.net
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش