- جۇغلانما
- 4145
UID995
تىزىملاتقان2011-4-19
ئاخىرقى قېتىم2015-4-24
توردا1251 سائەت
ئالى باشقۇرغۇچى
ھەۋەسكار
  
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 4145
- ئاقچا
- 6

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xaydayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-13 15:12
سۇئالىڭىزغا جاۋابنى مەن بېرەي
1-recovery ۋەfastboot ھالىتى ھەممە تېلىفۇنلاردا بار، پەقەت كىرىش ھالىتى ئوخشاش بولمايدۇ ياكى مەجبۇرىي ھالدا كىرمىسىڭىز يانفۇننى قوزغاتقاندا بىۋاستە كىرمەيدۇ. ھەرخىل يانفۇنلارنىڭ recovery ۋە fastboot قا كىرىش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمايدۇ.
2-recovery ئادەتتە سىز تېلىفۇنغا روم قاچىلىغاندا بىۋاستە قاچىلىنىدىغان بۇلۇم، ئورگان رومى بىلەن تەڭلا قاچىلانغان بولىدۇ. ئەگەر 3-تەرەپ ئاچقۇچىلار قولىڭىزدا بار يانفۇنغا قارىتا 3-تەرەپ recovery سىنى تەييارلىغان بولسا سىز بۇنى قاچىلىسىڭىز بولىدۇ. recovery نى قاچىلاشنىڭ ئۇسۇلى تېلىفۇنغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. recoveryنى كېڭەيتىلگەن نامى ئادەتتە img شەكلىدە بولىدۇ. بۇنى مەخسۇس 3-تەرەپ قوراللىرى ئارقىلىق تېلىفۇنغا قاچىلايمىز. img شەكلىدىكى ۋە باشقا شەكلدىكى recovery يۇنىكودنى قوللىمايدۇ، شۇڭا بۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ . قاچىلاش ئۇسۇلىغا كەلسەك قولىڭىزدىكى يانفۇننىڭ تىپىغا ئاساسەن بەيدۇدىن ئىزدىسىڭىز ياكى بولمىسا ئالىپقا ياردەم تېمىسى يوللىسىڭىز چۇقۇم جاۋاب بېرىدىغانلار ياكى ياردەم قىلىدىغانلار چىقىدۇ.
3-recovery دېگىنىمىز تەرجىمە قىلىپ كەلسەك خەنزۇتىلىدا 恢复 ، ئۇيغۇر تىلىدا ئەسلىگە قايتۇرۇش دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ، recovery ھالەتنىڭ ئۈزى »قۇرلۇش ھالىتى«، »ئىنژىنىر ھالىتى« دەيدىغان ھالەت بولۇپ، بۇ ھالەتتە بىر قانچە كۇنۇپكا ۋە ياكى باشقا ئىقتىدارلار ئارقىلىق يانفۇننى زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرغىلى ، zip ھالەتتىكى روملارنى قاچىلىغىلى ، سىسىتىمىنى فورماتلىغىلى ، سېستىمىنى زاپاسلىغىلى بولىدۇ. مۇشۇ ھالەتتە يەنە sd كارتا ھالىتىنى قوزغىتىپ كارتا ئىچىدىكى ماتىرياللارنى كومپىيۇتېردا كۆرگىلى بولىدۇ. recovery نەشىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئىچىدا بار ئىقتىدارلارمۇ ، recovery ھالىتىنىڭ كۆرۈنۈشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
4-fastboot ھالىتى دىگىنىمىزئاندرويد يانفۇنلىردىكى recovery غا قارىغاندا يەنىمۇ بىر تۆۋەن قاتلامدىكى يانفۇنغا سىسىتىما يېزىش ھالىتىدىن ئىبارەت. بۇ ھالەتتە ئادەتتە ھېچقانداق ئىقتىدار كۇنۇپكىسى بولمايدۇ. fastboot ھالىتىگە كىرگەندە يانفۇننىڭ ماركا لوگوسى ياكى بىر ئاندوريىد قونچاقنىڭ رەسىمى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، قالغان مەشخۇلاتنى كومپىيۇتېردا قىلىمىز. بۇ يەنى بىز كومپيۇتېرغا يانفۇننىڭ ئۇچۇر سىمىنى چېتىپ قۇيۇپ، كومپىيۇتېردىكى قورال ئارقىلىق يانفۇنغا سېستىما يازغىنىمىزنىڭ ئۆزى شۇ .
5- fastboot ۋە recovery ئادەتتە ئاندوريىد يانفۇنلىرىنىڭ ھەممىسىدە بولىدۇ . بۇ ھالەت بولمىغان ئاندرويد يانفۇنلىرى ئاساسەن يالغان تېلىفۇنلار ياكى ماركىسىز تېلىفۇنلار بولىدۇ.
6- مەيلى روت ھۇقۇقى ئالغان بۇلۇڭ ياكى ئالمىغان بولۇڭ، ئەگەر يانفۇن قوزغالماس بولسا ياكى نۇرمالسىڭىزلىق كۆرۈلسە ئورگان رومىنى قاچىلاش ئارقىلىق تېلىفۇننى نۇرمال قوزغاتقىلى بولىدۇ . لېكىن چۇقۇم ئورگان رومى بىلەن چوقۇم ئوڭلىغىلى بولىشى ناتايىن، ئىشقىلىپ ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ئورگان رومىنى قاچىلاش ئارقىلىق بۇزۇلۇپ قالغان تېلىفۇنلارنى ئوڭلىغىلى بولىدۇ.
يەنە چۈشەنمىگەن جايلار بولسا جاۋاب بېرىشقا تەييارمەن . |
|