|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barhan88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-13 13:32
مەنمۇ يېقىندىلا شۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولۇپ توردىن ئىزدەپ مۇشۇنى چۈشۈرگەن ،ئۈچ بەتتىن ئارتۇق ئايلاندۇرغىلى بولمايدۇ دىگەن ئۇچۇرنى كۆرگەندىن كىيىن تىزىملاش نومۇرىنى تىپىپ بولالماي ئاخىرى پۇللۇق بولسىمۇ سېتىۋىلىپ ئىشلىتەي دەپ تىزىملاشنى باسسام تىزىملاش كۆزنىكىدە: تەلەيلىك ئىشلەتكۈچى بولۇپ تىزىملاش نومۇرىغا ھەقسىز ئېرىشتىڭىز،نومۇرى بىزنىڭ تور ئادرېسىمىز www.pdfoa.com شۇ، دەپ ئۇچۇر چىقتى،راستىنلا شۇ نومۇرنى سالغاندىن كىيىن تولۇق ئايلاندۇرۇپ بەردى.لىكىن كىيىنكى مەسىلە ئايلانغاندىن كېيىنكى خەتلەر تەتۈر چىقىۋالدى،توردىن ئىزدىسەم تەتۈر خەتنى كۆچۈرۈپ يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچكە چاپلاپ ئاندىن تولۇق بوياپ تاللىغاندىن كىيىن (ئاساسىي رايۇندا تەتۈرسىگە كۆچۈرۈش )دىگەننى بىسىپ كۆچۈرۈپ ئاندىن word قا چاپلىساق نورمال كۆرۈنىدۇ دىگەن ئۇچۇرغا ئېرىشتىم ،لىكىن يۇلغۇننى چۈشۈرۈپ ئۇنى سىناپ باقمىدىم، قىززىقىدىغانلار شۇ ئۇسۇللارنى سىناپ بىقىڭلار،تىزىملاش نومۇرىغا مەن دىگەن ھىلىقى www.pdfoa.com نى سىلىپ سىناپ بىقىڭلار،ئەگەر بۇ ئىشتا مۇۋەپپىقيەت قازانغانلار تەجىربەڭلارنى بىزگىمۇ ئۆگىتىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭلار. |
|