ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 2
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسى ھەققىدە

4

تېما

17

يازما

395

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
828
ئاقچا
1
بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىنىڭ يادرولۇق سۆزى «مۇنازىرىلىشىش»، خەنزۇ يېزىقىدىكى «مۇنازىرىلىشىش»(辩) خېتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر «سۆزلەش»(言) خېتى، ئىككى تەرىپىدە بىردىن «辛» خېتى بولغىنىدەك، ئىككى تەرەپنىڭ مۇنازىرلەشكۈچىلىرىنىڭ كۈچى تەڭ، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى ۋە دەلىل ئىسپاتى بار، ھېچقايسى تەرەپنىڭ كۆز قارىشىنى سۇبيېكتىپ ھالدا توغرا ياكى خاتا دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئاساسى بار، ئىككى تەرەپنىڭ مۇنازىرلەشكۈچىلىرى ئۆزىنىڭ سۆزمەنلىكى، ئۆزىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىغا تايىنىپ بىر مەيدان بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىنىڭ غەلىبىسىگە ئېرىشىدۇ.

بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسى
ئاساسلىق ئۇقۇم:
بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسى مۇنازىرىلىشىش يىغىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، شەكىل جەھەتتىن بۇ بىر خىل ئىككى تەرەپ مەلۇم مەسىلىگە قارىتا مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان مۇسابىقە پائالىيىتى، ئەمەلىيەتتە بولسا مۇنازىرە قىلغان مەسىلىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر خىل بىلىم مۇسابىقىسى، تەپەككۇر ئىنكاس ئىقتىدارىنىڭ مۇسابىقىسى، تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش قابىلىيىتىنىڭ مۇسابىقىسى، ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنىڭمۇ مۇسابىقىسى.

ئاساسلىق ئامىللار
مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى خادىملار
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەڭ تارقالغان چوڭ تىپتىكى بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىگە ئادەتتە 8 ئادەم قاتنىشىدۇ.
مۇسابىقە گۇروپپىسى (ھەر بىر گۇروپپىدا 4  ئادەم بولىدۇ) قاتنىشىدۇ. ھەربىر مۇسابىقىگە قاتناشقان گۇروپپىدىكى 4 ئەزا بىرىنچى مۇنازىرلەشكۈچى، ئىككىنچى مۇنازىرلەشكۈچى، ئۈچىنچى مۇنازىرلەشكۈچى، تۆتىنچى مۇنازىرلەشكۈچى دەپ ئايرىلىدۇ؛ بىرىنچى مۇنازىرلەشكۈچى، ئىككىنچى مۇنازىرلەشكۈچى، ئۈچىنچى مۇنازىرلەشكۈچى ۋە ئەركىن سۆز قىلغۇچى دەپ ئايرىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار، ئۇلار مۇشۇ تەرتىپ بويىچە مۇنازىرىلىشىش مەيدانىنىڭ مەركىزىدىن چېتىگە قاراپ ئورۇن ئالىدۇ. لېكىن بەزىدە ئوخشىمايدىغان ئەھۋالمۇ بار. بىرىنچى مۇنازارلەشكۈچى ئاساسلىقى شۇ تەرەپنىڭ كۆز قارىشىنى شەرھىيلەيدۇ، ئۇ گەپنىڭ پوس كاللىسىنى ئېيتىدىغان ماھارەتكە ۋە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى، تاماشىبىنلارنى بىر خىل مۇنازىرىلىشىش كەيپىياتىغا ئېلىپ كىرەلىشى كېرەك. شۇڭا بىرىنچى مۇنازىرلەشكۈچىنىڭ نوتۇق سۆزلەش ئىقتىدارى ۋە تەسىرلەندۈرۈش ئىقتىدارى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئىككىنچى، ئۈچىنچى مۇنازىرلەشكۈچىلەر ئاساسلىقى شۇ تەرەپنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسەن قارشى تەرەپنىڭ مۇنازىرلەشكۈچىلىرى بىلەن كەسكىن مۇنازىرلىشىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرقەدەر كۈچلۈك لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىنكاس ئىقتىدارى بولۇشى، قارشى تەرەپنىڭ يوچۇقىنى تۇتۇۋېلىپ ئېچىپ تاشلىشى ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىتىشى، جانلىق ۋە ھەرىكەتچان بولۇشى، يۇمۇرلۇق بولۇشى، مەيداننىڭ كەيپىياتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرەلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ؛ تۆتىنچى مۇنازىرلەشكۈچى شۇ تەرەپنىڭ كۆز قارىشىنى ئىنتايىن ياخشى خۇلاسىلىيەلىشى ھەمدە ئۇنى ئىزاھلاپ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈرەلىشى كېرەك، ئۇنىڭ قايناق ھېسسىياتقا ئىگە بولۇشى، ئاۋازى ياڭراق بولۇشى، كەيپىياتنى باشقا بىر يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ كىرىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

رىياسەتچى
بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىدە بىر مۇنازىرىلىشىش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىغان رىياسەتچى (رەئىس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇشى كېرەك. ئۇ مۇنازىرە مەيدانىنىڭ ياخشى تەرتىپىنى ساقلاپ، مۇنازىرىلىشىش پائالىيىتىنىڭ مۇنازىرىلىشىش نىزامىغا ئاساسەن تەرتىپلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. رىياسەتچى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى گۇروپپىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئورنىدىن سەل كەينىدە بولغان ئورۇندا ئولتۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭ پۈتۈن مۇنازىرىلىشىش يىغىن مەيدانىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىشىگە پايدىلىق.

باھالىغۇچى خادىملار
بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسى بىر خىل مۇسابىقە پائالىيىتى بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ قايسىسى يېڭىپ قايسىسى يېڭىلگەنلىكىنى باھالايدىغان ۋە ھۆكۈم قىلىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. باھالىغۇچى خادىملار چوقۇم مۇنازىرلىشىدىغان مەزمون بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان مەخسۇس بىلىمگە ئىگە خادىملاردىن بولۇشى كېرەك، ئۇلار ئادەتتە بىرقانچە ئادەم باھالاش كومىتېتى ياكى باھالاش كوللېكتىپى تەشكىل قىلىدۇ، ئىچىدىكى بىر نەپەر باھالاش كومىتېتى مەسئۇلى ياكى بىر نەپەر ئىجرائىيە رەئىسى باھالاش كومىتېتى ياكى باھالاش كوللېكتىپىنىڭ باھالاش ئېلىپ بېرىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

جامائەت گۇۋاھچىلىرى
مۇنتىزىم بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىدە، ئادەتتە مەيداندا جامائەت گۇۋاھچىلىرى بولىدۇ، ئۇلار بەس مۇنازىرە مۇسابىقە پائالىيىتىگە ۋە مۇسابىقە نەتىجىسىگە جامائەت گۇۋاھلىقى بېرىپ، بەس مۇنازىرە مۇسابىقە  پائالىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى قانۇن ئېتىراپ قىلىدىغان ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ. بەزى بەس مۇنازىرە مۇسابىقىلىرىدە جامائەت گۇۋاھچىلىرى بولمىسىمۇ بولىدۇ.

مۇنازىرىلىشىش نىزامى
ئادەتتە مۇنازىرىلىشىش نىزاملىرىدىن مۇنۇلار بار:
بىرىنچى، كۆپ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى گۇروپپىلار قاتناشقان بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىدە شاللاش مۇسابىقىسى يولغا قويۇلۇپ، دەسلەپكى مۇسابىقە، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە تەرتىپىگە ئاساسەن ئۇتۇپ چىققۇچىلار بەلگىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، تەشەببۇس قىلغۇچى ۋە رەددىيە بەرگۈچى ئىككى تەرەپنىڭ 8 نەپەر مۇنازىرلەشكۈچىسىنىڭ سۆز قىلىش تەرتىپى بەلگىلىنىدۇ. ئۈچىنچى، سۆز قىلىش ۋاقىت چەكلىمىسى بەلگىلىنىدۇ.

مۇنازىرە تېمىسىنى بېكىتىش
بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپ نېمە توغرىسىدا مۇنازىرلىشىدۇ؟ قايسى مەسىلىنى چۆرىدەپ مۇنازىرىنى قانات يايدۇرىدۇ؟ بۇ مۇنازىرە تېمىسى بېكىتىلىپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپنىڭ مۇنازىرە تېمىسىنى چۆرىدەپ، تەشەببۇس قىلىش ۋە رەدىيە بېرىشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىن مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. قانداق مۇنازىرە تېمىسىنى بېكىتىشنىڭ بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ، ئۇ مۇنازىرە مەزمونىنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ، يەنە ئىككى تەرەپنىڭ مۇنازىرىنى ياخشى ئېلىپ بارالىشى ياكى ئېلىپ بارالماسلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرىدىن قارىغاندا، مۇنازىرە تېمىسىنى تاللاشتا ئىككى نۇقتىنى ئىگەللەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك: بىرىنچى، مۇنازىرە تېمىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى. يەنى مۇنازىرە تېمىسى كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغايدىغان مەسىلىمۇ ئەمەسمۇ؟ مۇنازىرىلىشىش ئارقىلىق كىشىلەرگە بىر خىل ئىدىيىۋى رىغبەت بەرگىلى بولامدۇ يوق؟ بۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىگە بولغان قىزغىنلىق دەرىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئەڭ ئاخىرىدا بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىنىڭ كەيپىياتى ۋە ئۈنۈمىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛
ئىككىنچى، مۇنازىرلەشكىلى بولىدىغان مۇنازىرە تېمىسىنى تاللاش. ئەگەر مۇنازىرە تېمىسى بەلگىلىگەن بىر تەرەپ ئېنىق توغرا بولسا، يەنە بىر تەرەپ ئېنىق خاتا بولسا، مۇنازىرىلىشىش قىيىن بولىدۇ، بۇنداقتا، كۆز قارىشى ئېنىق خاتا بولغان تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ كۆز قارىشىغا كۈچلۈك رەدىيە بېرەلمەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆز قارىشى ئېنىق خاتا بولغانلىقتىن قانداقلا مۇنازىرلەشسە كىشىلەرنى قايىل قىلالماي، كىشىلەرگە ھەمىشە قايىل قىلىش كۈچى كەمچىلدەك تەسىر بېرىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشىنى چوڭقۇرلاپ ئىسپاتلىشىمۇ قىيىن بولغاچقا، ئەڭ ئاخىرىدا ئىككى تەرەپ مۇنازىرىنى چوڭقۇرلاپ قانات يايدۇرالمايدۇ، مۇنازىرىلىشىشنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر يېتىدۇ.

ئىككى تەرەپنىڭ كۆز قارىشى
مۇنازىرە تېمىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، مۇنازىرىگە قاتناشقۇچى ئىككى تەرەپنى تەشەببۇس قىلغۇچى تەرەپ ۋە رەددىيە بەرگۈچى تەرەپ دەپ ئىككىگە بۆلۈش كېرەك، تەشەببۇس قىلغۇچى تەرەپ مۇنازىرە تېمىسىنى تەشەببۇس قىلىدىغان كۆز قاراشتا بولىدۇ، رەددىيە بەرگۈچى تەرەپ قارشى كۆز قاراشتا بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى تەرەپنىڭ كۆز قارىشى ۋە نەزەرىيەسى ئارىسىدىكى مۇنازىرە بارلىققا كېلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتناشقۇچى ئىككى تەرەپنىڭ قايسىسىنىڭ تەشەببۇس قىلغۇچى تەرەپ،قايسىسىنىڭ رەددىيە بەرگۈچى تەرەپ بولۇشىنى ئىككى تەرەپ چەك تارتىپ بەلگىلەيدۇ. تەشەببۇس قىلغۇچى تەرەپ بىلەن رەدىيە بەرگۈچى تەرەپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ تەييارلىق قىلىۋېلىشى ئۈچۈن بىرئاز ۋاقىت بېرىلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ.

يېڭىش يېڭىلىشكە ھۆكۈم قىلىش
ئىككى تەرەپنىڭ مۇنازىرىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باھالاش كوللېكتىپى ياكى باھالاش ھەيئىتى بەس مۇنازىرە مۇسابىقە مەيدانىدىن ۋاقتىنچە ئايرىلىپ باھالاش ئېلىپ بېرىپ، ئۇتۇپ چىققان گۇروپپىنى ۋە مۇنەۋۋەر مۇنازىرلەشكۈچىنى باھالاپ چىقىدۇ. بۇ جەرياندا، رىياسەتچى مۇسابىقە مەيدانىدىكى تاماشىبىنلارنى مۇنازىرە قىلغان مەسىلىگە قارىتا پىكىر بايان قىلىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ. باھالاش كوللېكتىپى ياكى باھالاش ھەيئىتى باھالاپ بولغاندىن كېيىن، مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىجرائىيە رەئىسى ياكى باھالاش مەسئۇلى سەھنىگە چىقىپ باھالاش كوللېكتىپى ياكى باھالاش ھەيئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇنازىرىلىشىش ئەھۋالىغا باھا بېرىدۇ، ئاندىن باھالاپ چىققان مۇنەۋۋەر مۇنازىرلەشكۈچى ۋە ئۇتۇپ چىققان گۇروپپىنىڭ تىزىملىكىنى رىياسەتچىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، رىياسەتچى شۇ يەردىلا جاكارلايدۇ.

جامائەت گۇۋاھلىقى پىكرى
جامائەت گۇۋاھلىقى خادىملىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىدە، باھالاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جامائەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى بەس مۇنازىرە مۇسابىقە پائالىيىتىگە ۋە باھالاش نەتىجىسىگە ۋە يەنە ھەرقايسى مۇنازىرلەشكۈچىلەرنىڭ ئىپادىسىگە جامائەت گۇۋاھلىقى پىكرىنى بايان قىلىدۇ.
---------------------
يۇقىرىدا بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسى (辩论赛) ئۇقۇمى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسى ئاساسەن كونكرېت مەيدان، كونكرېت سورۇندا ئېلىپ بېرىلىدىغان رىئاللىقتىكى بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسى ھەققىدە توختالغان.
خوش، ئۇنداقتا بولسا، ئويلاپ باقايلى، زادى مۇشۇ بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىنى توردىن ئىبارەت بۇ ئۇچۇر تارقىتىش ۋاسىتىسى بولغان مەۋھۇم دۇنيادا زامان، ۋاقىت، ئارىلىقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ئاساستا يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارغىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئەلۋەتتە بولىدۇ.
بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىنى توردا ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ۋە ئىلمىي قىممىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتمىسەكمۇ، تورداشلار بۇنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ دەپ قارايمىز.
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى قۇرۇلۇپ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىلمىي قىممىتى، ئىجتىمائىي قىممىتى يۇقىرى بولغان ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەندەك بەس مۇنازىرە مۇسابىقىسىمۇ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى قۇرۇلغاندىن بېرى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر پائالىيەتتۇر.
سىزنىڭمۇ ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىدە ئېلىپ بارغان كارخانىچىلىق، ئىگىلىك تىكلەش، بازارشۇناسلىق قاتارلىقلارغا ئائىت بەس مۇنازىرە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ باققۇڭىز بارمۇ؟ ئىشىنىمىزكى سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق بىر ئىلمىي، ساغلام بولغان مۇنازىرە سۇپىسىدا مۇناسىۋەتلىك تېمىلارغا قارىتا ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققۇڭىز بار دەپ قارايمىز.

ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىدە ھازىرغا قەدەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بەس مۇنازىرە تېمىلىرى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنچى سان: ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم دۆلەت مەمۇرى بولۇشى كېرەكمۇ؟
مەنزىل: http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=67
ئىككىنچى سان: ئىگىلىك تىكلەشتە، مەبلەغ مۇھىممۇ ياكى ئىقتىدارمۇ؟
مەنزىل: http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=83
ئۈچىنچى سان: مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، چوڭ شەھەردە قېلىش كېرەكمۇ ياكى يۇرتىغا قايتىش كېرەكمۇ؟
مەنزىل: http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=142
تۆتىنچى سان: خىزمەت تاللاشتا قىزىقىش مۇھىممۇ ياكى مائاشمۇ؟
مەنزىل: http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=324

گەرچە ھازىرچە، بەس مۇنازىرە مۇسابىقىلىرىمىزغا مۇكاپات بويۇمى تەسىس قىلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدىغانلىقىغا ئىشىمىز ھەمدە ئاللاھ ئىشلىرىمىز ياخشى بولۇپ كەتسە، كېيىنكى سانلاردا چوقۇم دىيارىمىزدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ياخشى مۇكاپات تەسىس قىلىپ، بۇ خىل بەس مۇنازىرە مۇسابىقىلىرىنى تېخىمۇ جانلىق، ئۈنۈملۈك، تەسىرچانلىققا ئىگە قىلىپ ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىمىز.
ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، مۇلاھىزە قىلىشتىكى مەقسەت كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئايرىپ چىقىش ئەمەس بەلكى شۇ مۇنازىرىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ پىكىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كاللىمىزنى يېڭىچە ئىدىيە، يېڭىچە كۆز قاراشلار بىلەن قوراللاندۇرۇش. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆز قاراشلىرىڭىزنى، تەكلىپ-پىكرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز! رەھمەت.

0

تېما

113

يازما

173

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
998
ئاقچا
0
ئھسان0997 ۋاقتى: 2013-3-6 11:59:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشكەن  
http://www.julaibao.com/member/reg.aspx?refman=ehsan   تەۋسىيە

4

تېما

17

يازما

395

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
828
ئاقچا
1
ئىلقۇت  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-6 23:24:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئھسان0997 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-6 11:59
ياخشى ئىشكەن

رەھمەت. كۆپرەك قوللاپ بەرگەيسىز....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش