- جۇغلانما
- 2177
UID1304
تىزىملاتقان2011-5-11
ئاخىرقى قېتىم2015-4-14
توردا524 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 2177
- ئاقچا
- 0
|
يېقىندا ئىدارىدىن تارقاتقان تېلگىراف كارتىسىنى ئىشلىتىش مۇناسۋىتى بىلەن تىلگىراف كارتىسىنى قوللايدىغان يانفونغا ئېھتىياجىم چۈشتى ، ئون نەچچە كۈن توردا يانفون كۆرۈپ تاللاش ئارقىلىق ئاخىرى小米2 نىڭ ئۈچ تور نۇسقىسىنى مۇۋاپىق كۆردۈم ،مۇناسۋەتلىك ئاغىنىلەر ئارقىلىق ئۇرۇمچىدىكى باھاسىنىڭ 2300يۇەن ئەتراپىدا ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرۇشلۇق جايىمدىكى (كۇچار) يانفون سېتىش ئورنىدىن 2350 يۇەنگە بىرنى سېتىۋالدىم،(نىمىشقا 50يۇەن قىممەت ئالدىڭ دەمسىلەر ، كىيىن تاسادىپىي بۇزۇلسا بېرىپ ياقىسىدىن ئالدىغانغا ياخشى بولىدۇ) ئورالما قاپتا بىر يانفون ،توكلىغۇچ ، ئۇچۇر سىمى ،چۇشەندۈرۈش قوللانمىسى دىگەنلەر باركەن ، لىكىن نائۇشنىك يوقكەن شۇ.
1.يانفوننى قوزغىتىپ بىرىنچى قىلغان ئىشىم تىلگىراف ۋە كۆچمىنىڭ كارتىسىنى ئالماشتۇرۇپ سىنىدىم ، تور تېپىش سۇرئىتى تىزكەن ، يانفون قوزغىلىپ ئاساسى ئىكرانغا كىرگۈچە سىگنال چىقىپ بولدى. مۇشۇ تور سۈرئىتى بىلەن يانفون سەپلىمىسىنىڭ مۇناسۋىتى بەك چوڭمۇ نىمە ، ئىلگىرى ئىشلەتكەن سامسۇڭ تورغا چىقسام كالا ھارۋىسىدا مىڭىپ بەكلا بىزار قىلغان ،ئەمدى ما كارامەتنى كۆرۈڭ ، سامسۇڭدا WIFI بىلەن چىققان تورنىڭ سۇرئىتىدىن ما يانفوننىڭ ئۆزىنىڭ تورىدا چىققىنى بەكلا تىزغۇ.
2. قاتتىق دىتال جەھەتتە بۇ يانفونغا گاۋتۇڭنىڭ 4 يادرولۇق ،ئاساسى چاستوتىسى1.5 گېرتىسلىق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، Adreno 320 تىپلىق كۆرسىتىش كارتىسى (بۇنى PowerVR SGX 543MP4 بىلەن ئوخشاش دەيدىغۇ) ،16 گىگا بايىتلىق ئىچكى ساقلىغۇچ كارتا (بۇ يانفونغا سىرتىدىن ساقلىغۇچ سالغىلى بولمايدىكەن) 4.3 دىيۇملۇق يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئىكران ۋە 8 مىلىيون پېكسىللىق ئاساسى كامىرا ، 2 مىلىيون پېكسىللىق ئالدى كامىرا سەپلەنگەن .ھازىرچە قاچىلىغان چوڭ ئويۇنلاردىن ، 极品飞车14، 极品飞车17 قاتارلىقلار بار بولۇپ تېخى بىرەرى قاتىمەن دىمىدى. قوللىنىشچان دىتاللارغا گەپ كەتمىگىدەك بولمىسا .
3.ROM جەھەتتە بولسا مەن ئالغاندا 4.1.1نىڭ رومى قاچىلاقلىقكەندۇق ، 3 ئاينىڭ 1 كۈنى تارقاتقان MIUI نىڭ v5 رومىغا يېڭىلىۋەتتىم ، ROM يازماقمۇ ئاسان ئىشكەن ، كارتىدىن يازساقمۇ ،سىم بىلەن يازساقمۇ ، WIFI بار يەردە توردىن يېڭىلاپ يازساقمۇ بولىدىكەن ، قۇتيار ۋە ئالىپتىكى 4.0 رومغا ئويغۇرچە خەت نۇسقىسىنى ئالماشتۇرىدىغان دىتال بىلەن خەت نۇسقىسىنى ئالماشتۇرىۋالسىڭىز پەچەت بولوپ كېتىدىكەن.
4.يانفون سۇرئەت جەھەتتە مىنى ئوبدان رازى قىلدى ، ئالاقىلاشقۇچىلارنىڭ تىزىملىكى ۋە ناخشا تىزىملىكىنى سىرىگەندە قىلچىلىك قاتىدىغان ئىش يوق ، ھەممىدىن رازى بولغىنىم يانفونغا سىناپ كۆچۈرگەن بىرلا مۇندەرىجە ئىچىدىكى 900تال ناخشىنى سىرىپ يوتكىگەندە ۋە خالىغان ناخشىغا ئاتلىتىپ قويغاندا بەكلا ساز ئىشلەپ قويدى .
5. يۇقارقىلار مىنىڭ مۇشۇ ئون نەچچە كۈنلۈك يانفون ئىشلىتىش تەسىراتىم ، بۇ ياكى يانفون ئېلانى ئەمەس ، ئىنكاسچىلارنىڭ سوغۇققان بولىشىنى ئۇمىت قىلىمەن . توۋەندىكىسى مۇشۇ يانفون بىلەن ئوخشاش سەپلىمىدىكى يانفون ،پايدىلانغايسىلەر.
http://detail.zol.com.cn/339/338136/param.shtml
ماۋۇسى 小米2 نىڭ سەپلىمە ۋە باشقا ماتىرىياللىرى
http://detail.zol.com.cn/301/300503/param.shtml |
|