|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم .
مۇنبەردىكى دوسىتلارنىڭ ئاندىروئىد تېلفۇنىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، تېلفۇندا ئانا تىلنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ ئىچىمگە ئوت كەتتى. شۇنىڭ بىلەن قولۇمدىكى ئاندىرئىد تېلفۇننى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇم كىلىپ. ئەمما ئاندىروئىد بىلەن يېڭى ئۇچراشقان بولغاچقا بۇ جەھەتتىكى بىلىمىم كامچىل، قولۇمدىكى تېلفۇننىڭ تىپى SAMSUNG GT-S6108ئىدى. سېستىما نەشىرى 2.3.6. توردىن خېلى ئىزدىنىپ باققان بولساممۇ بۇ تېلفۇننىڭ سېستىما نەشىىرىنى 4.0 دىن يۇقرى سېستىمىغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى تاپالمىدىم. يازمىلارغا قارىسام Firefoxتور كۆرگۈسىدە ئۇيغۇرچە تور بەتلەر 2.3.6 نەشىردىمۇ نورمال كۆرۈنەرمىش، ئەمما ئۇ تور كۆرگۈنى قاچىلىسام، قاچىلاندى، ئەمما قوزغالمىدى. ئوپىرانى ئىشلەتسەم، ئۇيغۇرچە خەتلەردە ئازراق ياخشىلنىش بولدى. ئۇيغۇرچە كۆزنەك دېگەن تور كۆرگۈدە خەتلەر شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنىدۇ ئەمما تور بەتكە ئەزالىق نامىدا كىرىش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. كۆزنەكمۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۆچۈپ قېلىپ سەل جىلە قىلۋەتتى .
سىلەردىن سورايدىغىنىم، قولۇمدىكى بۇ تېلفۇنغا ئۇيغۇرچىنى نېگىزىدىن تونۇتقىلى بولارمۇ، سېستىما نەشىرىنى يوقرى كۆتۈرگىلى بولارمۇ، ياكى بولمىسا مۇشۇ تېلفۇنغا ماس كېلىدىغان Firefox نەشىرلىرى بارمۇ( توردىن ئىزدىسەم CPU بىر نىمە بولسا ماسلىشىدۇ دەمدۇ نېمە)؟ ياكى ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى نورمال كۆرگلى بولىدىغان، مكرو ئۇچۇر قاتارلىقلارغا يېزىلغان ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال ئوقۇغىلى بولىدىغان بىرەر ئۇسۇل ياكى تور كۆرگۈ بارمۇ دېگەنلەردىن ئىبارەت . بولسا ماڭا ياردەم قىلسڭلار، مەنمۇ تېلفۇندا ئانا تىلنىڭ ھوزۇرنى سۈرسەم، ئالدىنئالا رەھمەت. |
|