2013- يىلى ئۆتۈلىدىغان «كومپيۇتېر كەسپى تېخنىك خادىم تەربىيىلەش سىنىپى» غا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپىدە 2013- يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى «كومپيۇتېر كەسپى تېخنىك خادىم تەربىيىلەش سىنىپى» دا رەسمى دەرس باشلىنىدۇ.
كەسپى تېخنىك خادىملار ئوقۇش ۋاقتى 1 يىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ دەرسلىرى 8 باسقۇچقا بۆلۈنگەن.
بىرىنچى باسقۇچ: كومپيۇتېر ئاساسى بىلىملىرى
يەتمەكچى بولغان نىشان: كومپيۇتېرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى چۈشىنىش، كومپيۇتېر قوراشتۇرۇش، سىستېما قاچىلاش، ئاسىراش ئۇنىۋېرسال بىلىملىرى.
ئىككىنچى باسقۇچ: مەشغۇلات ئاساسى بىلىملىرى
يەتمەكچى بولغان نىشان: ھازىرقى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان مەشغۇلات سىستېمىلىرىدىن Windows 7 بىلەن Windows 8 سىستېمىلىرىنى بىمالال ئىشلىتىش، باشقۇرۇش، تەڭشەش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال بىلىملەر.
ئۈچىنچى باسقۇچ: ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك بىلىملىرى
يەتمەكچى بولغان نىشان: ئىشخانىلاردا ئىشلىتىدىغان يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، جەدىۋەل ۋە ھېساۋاتنى ئاپتوماتىك بىر تەرەپ قىلىش، دەرسلىك ئورگىنالى ئىشلەش قاتارلىق بىلىملەر ئۆتۈلىدۇ. سۆزلىنىدىغان يۇمشاق دېتال Microsoft Office 2003 كەسپى نۇسخىسى بىلەن Microsoft Office 2010 كەسپى نۇسخىسى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تولۇق سۆزلىنىدۇ.
تۆتىنچى باسقۇچ: تەكشىلىك ئېلان – سەنئەت لايىھىلەش كەسپى بىلىملىرى
يەتمەكچى بولغان نىشان: ئېلان – سەنئەت كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە. دەرس جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەكشىلىك ئوقۇمى، رەڭ تۇيغۇسى، گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە لايىھە تەپەككۇرى تەڭ يېتىلدۈرۈلىدۇ. ھەر خىل ئېلان – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۆزى مۇستەقىل ئىشلىيەلىگۈدەك سەۋىيىگە يېتىدۇ. Photoshop CS6 تولۇق سۆزلىنىدۇ.
بەشىنچى باسقۇچ: فىلىم بىر تەرەپ قىلىش بىلىملىرى
يەتمەكچى بولغان نىشان: قىسقا فىلىم ئىشلەش، ئۆزىمىزنىڭ فىلىملىرىنى مۇستەقىل كىرىشتۈرۈپ ئىشلەش جەريانلىرى تولۇق سۆزلىنىدۇ.
ئالتىنچى باسقۇچ: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترون بىلىملىرى
يەتمەكچى بولغان نىشان: خەلقئارادىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە ۋە سىستېمىلارنى تونۇش، چۈشىنىش ئۇنىۋېرسال بىلىملىرى سۆزلىنىدۇ.
يەتتىنچى باسقۇچ: Android ئۇنىۋېرسال تېخنىكىلىرى
يەتمەكچى بولغان نىشان: Android سىستېمىسىنى بىمالال ئىشلىتىش، تەڭشەش ۋە ئاسىراش، Android سىستېمىلىق ئۈسكۈنىلەرنى كومپيۇتېردا باشقۇرۇش، Android نى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال بىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولىسىز.
سەككىزىنچى باسقۇچ: كەسپى يۇمشاق دېتال لايىھىلەش بىلىملىرى
يەتمەكچى بولغان نىشان: ھەر خىل قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ۋە ئارخىپ باشقۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۆزىڭىز مۇستەقىل ياسىغىدەك سەۋىيىگە يېتىسىز.
مەزكۇر سىنىپنى ئېچىشتىكى مەقسەت: كومپيۇتېر ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بار ئەمما ياخشىراق ئۆگىنىش ئورنى تاپالماي يۈرگەن ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن كومپيۇتېر ئۇنىۋېرسال خاراكتېردىكى مەزمۇنلارنى رەتلەپ چىقتۇق.
مەزكۇر 8 باسقۇچنىڭ رەتلىنىش سەۋەبى: ئاۋۋالقى ئىككى باسقۇچ ھەر بىر كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچى چوقۇم بىلىشى زۆرۈر بىلىملەر.
ئۈچىنچى باسقۇچ بولسا ئىشخانا يۇمشاق دېتاللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىلىملىرى بولۇپ، بۇ بىلىملەرنىمۇ كومپيۇتېر ساۋادى چىقىرىمەن دېگەن ئادەم چوقۇم بىلىشى زۆرۈر بىلىملەر.
تۆتىنچى باسقۇچ بولسا تەكشىلىك ئېلان – سەنئەت لايىھىلەش دەرسى بولۇپ، يۇمشاق دېتال كۆرۈنۈشى لايىھىلىسىڭىزمۇ، تور بەت رەسىملىرى لايىھىلىسىڭىزمۇ ياكى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن رەسىمخانىدا ۋە ياكى ئېلانچىلىق ئورنىدا ئىشلىسىڭىزمۇ ئۆزىڭىز ئۈچۈن بىر كىشىلىك قىممەت يارىتىدىغان كەسپ.
بەشىنچى باسقۇچ بولسا ئۆزىمىزنىڭ فىلىملىرىنى ئۆزىمىز مۇستەقىل ئىشلىگۈدەك بولۇش.
ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى باسقۇچ ھەر بىر كومپيۇتېر ئۆگەنگۈچى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سىستېمىلارنى بىلىۋالسا بىر قەدەر ياخشىراق. ھازىر ئەتىراپىمىزدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر خېلى كۆپىيىپ قالدى. مۇشۇ ئۈسكۈنىلەر بىلەن تونۇشۇپ چىقالايسىز.
سەككىزىنچى باسقۇچ بولسا بىر قەدەر ئۇزاقراق ۋاقىت كېتىدۇ. چۈنكى، سىز بىلەن بىز ئىشلىتىۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسى دەل سەككىزىنچى باسقۇچتا دېيىلگەندەك پىروگرامما ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن نەرسە. شۇڭا، دېتاللارنى سەككىزىنچى باسقۇچنى داۋاملىق ئۆگىنىپ داۋاملاشتۇرۇپ ماڭسىڭىز ئاشۇنداق يۇمشاق دېتاللارنى سىزمۇ ياسىيالايسىز.
مەزكۇر 8 باسقۇچتىكى دەرسلەر بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ناھايىتى زۆرۈر ئىشلىتىلىۋاتقان كومپيۇتېر بىلىملىرى بولۇپ، 1 يىل ئىچىدە يۇقارقى دەرسلەرنى ئۆگىنىپ بولالايسىز.
دەرس باشلىنىش ۋاقتى: 2013- يىل 3- ئاينىڭ 1- كۈنى.
دەرسنى «شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇزۇن يىللىق ئۇنىۋېرسال كومپيۇتېر تەجرىبىلىرىگە ئېگە «ئالىمجان مۇئەللىم» سۆزلەيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە قىزىقسىڭىز تۆۋەندىكى تېلېفون نومۇردىن مەسلىھەت سوراڭ: 13709977300
شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى
مەكتەپ ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى شىنخۇا يولى 39- نومۇر. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ھايۋاناتلار باغچىسى ئارىلىقىدىكى كوچىدا.
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 2888344-0991 5222237 13999163031
تور ئادېرىسى: www.xjintil.com مۇڭداشقۇ QQ: 1719861918
تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز مەكتىپىمىز تور بېتىدىن كۆرۈۋېلىڭ.
http://www.xjintil.com/Computer
|