- جۇغلانما
- 302
UID666
تىزىملاتقان2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم2013-11-15
توردا31 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 302
- ئاقچا
- 2

|
ئۇ كۈنى بىر قانچە دوستلار بىلەن تور بەت كۆرۈۋاتاتتۇق، نەدىن كەلگەن ئىلاندۇ؟ تىلۋۇزۇر دىسكا دىگەن نەرسىنى بايقاپ قالدۇق، مۇناسىۋەتلىك تور بىكەت ۋە ئابۇنت مۇلازىمەتچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە ئىقتىدارى ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى سۈنئىي ھەمرا تىلۋىزىيسى ۋە 6000دىن ئارتۇق چوڭلار مەخسۇس قانىلىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىكەن، دوستلىرىم مىنى ئۇچۇرۇپ بىرنى سىتىۋالايلى دىيىشتى. مەنمۇ قىزىقىپ قالدىم، چۈنكى مۇلازىمەتچى بىز سورىغاندا شىنجاڭنىڭ XJTV-1دىن 15-گىچە بولغان قاناللارنىمۇ كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ دىگەن ئىدى، ئارىمىزدا پەقەت مىنىڭلا تور بانكا كەسپ بولغاچقا ئۇلارنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيسى ۋە ئازراق قىزىقىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك جەدۋەلنى تولدۇردۇق. دۇنيادىكى ئەڭ تىز يوللانما شىركىتىمۇ بۇ؟ ئەتىسى ئەتىگەندىلا مال يوللاش خادىمىنىڭ تىلفونىنى قوبۇل قىلدىم، مال كەلدى! 298يۈەنلىك يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى تىلۋۇزۇر دىسكا!!! مال كەلگەندە پۇل تۆلەش ئىلگىرى قىلىپ باقمىغانلا ئىش ئىكەن، خۇددى بىرسى قولۇمدىن تارتىۋالىدىغاندەكلا تىلۋۇزۇر دىسكىنى ئىلىپ پۇلنى تۆلەپ دەرھال ياتاققا كىرىپ ئاچتۇق، قارىماققا بەئەينى بارماق دىسكىغا ئوخشاپ كىتىدىغان نەرسە، بازاردىكى 30-40يۈەنلىك جىسمى يوق نەرسە ئىكەن، كومپيۇتېرغا چاتساق بىر دىتال ئاپتوماتىك قوزغالدى، لىكىن ئەپسۇس، مۇلازىمەتچى دىگەن قاناللارمۇ يوق بوپ چىقتى، چىقىدىغان قاناللارمۇ تولا قىتىۋالدى. ھاھا!! تور بىكەتكە كىرىپ مۇلازىمدىن سورىساق سايىسىمۇ يوق، نەدىمۇ شىنىجاڭنىڭ قاناللىرى بار ؟ ھەممەيلەن ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپتۇق.
ئاتالمىش تىلۋۇزۇر دىسكا(دىيەنشىباڭ) دىگىنى ئەمەلىيەتتە ناھايتى ئادەتتىكى تۆۋەن سىغىملىق بارماق دىسكا بولۇپ ناھايتى كىچىك سىغىمدىكى تىلۋۇزۇر دىتالى يىزىۋىتىلگەن ئىكەن، تەننەرخى 10يۈەنگىمۇ توختىمايدىغان بۇ نەرسىدىن توردىكى ھەقسىز PPLIVEياخشىراق ئىكەن، ھاھا! ئۈچ جۇگېلياڭ بىر يەرگە كىلىپ بىر ئەخمەق بوپتۇ دىگەندەك 298يۈەن قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى دىگەن گەپ. تىلۋۇزۇر دىسكا (دىيەنشباڭ) ھەممىسى بىر دۆۋە ئەخلەت!!!
يازمە مەنبەسى : ITتەسىراتلىرى
|
|