بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xaydayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-19 10:02   
 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ ئەھلى : 
يېقىندا 华为نىڭ C8813 تېلىفۇنىدىن بىرنى سېتۋالغان ئىدىم ، روت ھۇقۇقى ئالاي دەپ بىر قانچە دىتالنى ئىشلەتكەن بولساممۇ بولمىدى ، شۇنىڭ بىلەن باشقا مۇنبەردىن ئاقتۇرۇپ يۈرۈپ بۇ تېلىفۇننىڭ قۇلۇپى بارلىقىنى بىلدىم ، شۇنىڭ بىلەن قۇلۇپ يېشىش ئۇسۇللىرىنى ئىزدەشكە باشلىدىم . 
قەدەم باسقۇچى تۆۋەندىكچە : 
 
1-ئالدى بىلەن ئورگان تورىغا كىرىڭ ،ئادرىسى : 
http://www.huaweidevice.com/cn/servicePolicy.do?method=preUnlock 
 
 
2- باسقۇچتا ئېچىلغان تور بەتتىكى مۇناسىۋەتلىك كاتەكچىلەرنى تولدۇرۇڭ . 
1-قۇردىكىسى ئېلخەت ئادرىسى ،2-قۇردىكىسىدىن 智能手机نى تاللاڭ، 3-قۇردىكىسدىن C8813 نى تاللاڭ ، 4-5-قۇرغا تولدۇرىدىغان نۇمۇر تېلىفۇننىڭ قېپى ياكى باتارىيسىنى ئېلىۋىتىپ يانفۇننىڭ ئارقىسىغا قارىسىڭىز شۇ يەردە بار ، شۇ يەرگە قاراپ تولدۇرۇڭ، ئەڭ ئاخىردىكى قۇردىكىگە تولدۇرىدىغان ساننى تېلىفۇنىڭىزغا *#*#1357946#*#* ماۋۇلارنى كىرگۈزسىڭىز چىقىرىپ بېرىدۇ . 
يۇقىرقىلارنى توغرا تولدۇرغاندىن كېيىن 3خىزمەت كۈنى ئىچىدە سىزگە قۇلۇپ يېشىش نۇمۇرى دەپ 16خانلىق ساندىن بىرنى يوللاپ بېرىدۇ، مۇشۇ نۇمۇرنى ئالغاندىن كېيىن ، تۆۋەندىكى قۇرال ئارقىلىق قۇلۇپ يېشىش، روت ھۇقۇقىغا ئىرىىشش قاتارلىق مەشخۇلاتلارنى قىلالايسىز . 
قورالنى چۈشۈرۈش ئادرىسى :http://pan.baidu.com/share/link?shareid=349475&uk=1779277149 
مەنمۇ ئىلتىماس قىلىپ قويدۇم ، قۇلۇپ يېىشىش مەخپىي نۇمۇرى كەلگەندىن كېيىن بۇ تېما داۋاملىق يېڭىلىندۇ.  
 
 
------------------------------------------------------- 
 
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى يېڭىلاندى .  
بۈگۈن ئاخىرى تەشنالىق بىلەن كۈتكەن قۇلۇپ ئېچىش مەخپىي نۇمۇرى كەلدى .تۆۋەندە قۇلۇپ ئېچىش باسقۇچلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي . 
تەييارلىق باسقۇچى : 
1-يانفۇنىڭىزدىكى بارلىق سىزگە كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلارنى زاپاسلاڭ . 
2-يانفۇننىڭ USB قوزغاتقۇچىسىنى تولۇق توغرا قاچىلاڭ ( چۈشۈرۈش ئادرسى ) 
 
قۇلۇپ ئېچىش باسقۇچى : 1-يۇقىرقى باسقۇچلارنى تاماملىغاندىن كېيىن ، تېلىفۇنىڭىزنى تاقاڭ ھەمدە باتارىيسىنى ئېلىپ ئاندىن قايتىدىن سېلىڭ. 
2-ئاۋاز تۆۋەنلىتىش كۇنۇپكىسى بىلەن يانفۇننى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى تەڭلا بېسىپ 20سىكونىت ئەتراپىدا ساقلاڭ fastboot  ھالىتىگە ئۆتۈڭ ( خۇاۋېي يانفۇننىڭ ئورگان بەلگسى بار گۈل ئۆزگەرمەي تۇرغاندىن كېيىن قۇيىۋەتسىڭىز بولىدۇ). 
 
 
3- قۇلۇپ ئېچىش قورالى چۈشۈرۈڭ ( چۈشۈرۈش ئادرىسى ) 
قورالنى ئاچقاندىن كېيىن تېلىفۇنىڭىزنى سىم بىلەن كومپىيۇتېرغا ئۇلاڭ ھەمدە باياتىن چۈشۈرگەن قورالنى قوزغىتىڭ سول تەرەپتىكى قىزىل كاتەكچە بار يەردىكى خەتنى چىكىڭ ، كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىچە : 
 
 
بۇنى باسقاندىن كېيىن ،سىزدىن ئورگان تەرەپ تەمىنلىگەن 16خانىلىق قۇلۇپ يېشىش نومۇرىنى تەلەپ قىلىدۇ، شۇ ساننى كىرگۈزۈپ جەزىملەڭ ، بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن تېلىفۇن قايتا قوزغىلىپ باياتىنقى قورالنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى جايدا قۇلۇپ يېشىلدى دەپ ئەسكەرتىش بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇلۇپ يېىشىش تامام بولدى . 
 
 
 
root  ھوقۇقىغا ئېرىشىش   
 
1-ئالدى بىلەن  كارتا بىلەن روت ھوقۇقى ئالىدىغان root بولىقىنى سىغىم كارتىسىغا كۈچۈرۈڭ(چۈشۈرۈش ئادرىسى)  
2-ئاندىن كېيىن recovery ھالەتكە كىرىڭ (كىرىش ئۇسۇلى تېلىفۇن تاقاقلىق ھالەتتە ئاۋاز يۇقىرلىتىش كۇنۇپكسى بىلەن يانفۇننى ئېچىش كۇنۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ) 
3-باياتىنقى قورال ئارقىلىق خەنزۇچە recovery نى تېلىفۇنىڭىزغا يېزىڭ ، ئاشۇ قورالدا سول تەرىپىدىكى 3-كۇنۇپك شۇ ، بۇنىڭدىن بۇرۇن قۇلۇپ يېشىش باسقۇچىدىكى 1- باسقۇچ بويىچە fastboot ھالىتىگە كىرىڭ. 
4-تۆۋەندىكى رەسمدىكىدەك سىغىم كارتىسىدىن باياتىن root.zip  تاللاڭ ، 
 
  ماۋۇ رەسىمدە root.zip دەپ يوق ، لېكىن ئۇسۇلى ئوخشاش. 
 ئاۋاز كۇنۇپكىسى بىلەن يۇقىرى تۆۋەنگە سۈرۈپ ، تېلىفۇن توك مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن جەزىملەشتۈرىسز. بۇ باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن تېلىفۇنىڭىزغا روت ھوقۇقى ئېلىنغان بولىدۇ . 
شۇنىڭ بىلەن تېلىفۇننىڭ قۇلۇپى ئېچىلىپ، روت ھۇقۇقى ئېلىنغان بولىدۇ، ئاخىردا ئۈزىڭىز خەت نۇسخسىنى ئالماشتۇرۇڭ ياكى مۇنبەردىكى 4.1 گە خەت نۇسخسىنى قاچىلايدىغان ئەپ بويىچە خەت نۇسخسىنى قاچىلىۋېلڭ . 
مەن قۇشۇمچە خەت نۇسخسىنى يوللاپ قويدۇم.  بۇنىڭدا ئىككى تال خەت نۇسخسى بار ، ھەر ئىككىسىنى ئالماشتۇرىسىز. 
خەت نۇسخسىنى چۈشۈرۈشC8813  پىكىر ئالماشتۇرۇش توپ نۇمۇرى :129720821 
 
 
ئىلاۋە  
 
بۇ يانفۇن نەزىريە جەھەتتىن GMS تورىنىمۇ قوللايدۇ، شىنلاڭ مىكرو بلوگىدىكى بىر بۇرادەر بۇ يانفۇننىڭMIUI رومىنى ياساۋاتىدۇ ، مۇشۇ رومدا GMS تورىنىمۇ قوللايدۇ دەپ ئولتۇردۇق ، مۇشۇ روم شۇنداق بولاپ قالسا مۇشۇ رومنى تەرجىمە قىلىپ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمەن . |