ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1759|ئىنكاس: 30

ئالىپ تورىغا دىتال يوللايدىغان قېرىنداشلارغا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-2-14 12:50:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ئاللاھنىڭ سالامى بەركىتى رەھمىتى سىلەرگە بولسۇن.
ئالدى بىلەن مۇشۇ تور نى قۇرغان قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئاندىروىد سېتىۋالغاندىن بۇيان بۇ ئالىپ تورغا قانچە قېتىم چىققىنىمنى، قانچىلىك دىتال چۈشۈرگىنىمنىمۇ بىلمەيمەن، بۇ توردىن ئىھتىياجلىق نەرسە ھەممىسى ئاساسەن تېپىلىدۇ، شۇڭا بۇ تور نى قۇرغۇچىلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېتىمەن، بۇ تورغا ھارماي تالماي نادىر تىيمىلارنى يوللاپ بىلگىنىنى ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن بىزگە ئۈگەتكەن، بىلمىگەنلەرگە يول كۆرسەتكەن قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.   ياخشى دىتاللارنى ئۇچراتسا تەڭ بەھىرلىنەيلى دىگەن مەخسەتتە مۇنبەرلەرگە ھارماي-تالماي يوللاپ تۇرغان، ھەمدە نورغۇن دىتاللارنى ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىپ ماڭا ئوخشاش ئۇيغۇرچىدىن باشقا ھېچقانداق تىل بىلمەيدىغان قېرىنداشلارغا قۇلايلىق يارىتىۋاتقان قېرىنداشلارغىمۇ چىن قەلبىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ئالىپ تورىدىكى ئەزىز قېرىمداشلارغا مۇنداق بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم.
بۇ توردىن شۇنداق ياخشى دىتاللار ئۇچراپ تورىدۇ، ئەمما چۈشۈرۈشنى باسسا  قۇشۇمچە ھۆججەتنى ئۇقۇيالمىدى دىگەندەك خەتلەر چىقىۋالىدۇ. بۇنى ۋاقتىدا ئوڭشاپ تۇرسا.

يەنە تېخى بەزى دىتاللار  چۈشۈرگىلى بولمايدىغان ئادەمگە نەپ بەمەيدىغان تور دىسكىلىرىغا يوللىنىپتۇ، بۇلۇپمۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى 115 تور دىسكىسى، مەن مۇشۇنىڭغا باشقىلار يوللاپ قويغان دىتاللارنى چۈشۈرەلمەي بەك تىت-تىت بولىمەن، بەلكىم بۇنداق ئەھۋالغا يۇلۇقۇپ دىتالنى چۈشۈرەلمەي بىئارام بولىۋاتقان مەنلا ئەمەس، ئەمدى بۇندىن كىيىن بۇنداق بىئارام بۇلۇشلار ئاخىرلاشسا، ھەممە ئادەم پايدىلىنالايدىغان بەيدۇ تور دىسكىسى، خۇۋاۋېي تور دىسكىسى،360 تور دىسكىسى................قاتارلىق نۇرغۇنلىرى بار ھەمبەھىرلەپ ئادرىس كۈچۈرۈپ باشقىلارغا يوللاپ بەرسەكلا باشقىلار ئاسانلا چۈشۈرۋالالايدىغان''  
مۇمكىن بولسا ھەممىمىز شۇنداقلىرىنى تاللاپ ئىشلەتسەك !
مەيلى ئالىپ تورىدا بولسۇن ياكى باشقا تور بەتلەردە بولسۇن مۇشۇ ئىشقا دىققەت قىلغان بولساق كۆپچىلىك.
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2013-2-14 13:52:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت
ۋاقتى: 2013-2-14 13:53:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللايمەن… شۇنداق قىلىلى…
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2013-2-14 13:53:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا  .  كىرەك بولغان چۇشمىسە سەت تىرىكىمەن .
...  نەچچە قىتىم تىرىكىپ كۇنۇپكا تاختىلىرىمنى ئۇرۇپ چىقىپمۇ بولدۇم. يەنە چاقسام دەپ زاپاس بىرنى ئىلىپ قويدۇم.
ۋاقتى: 2013-2-14 14:00:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەخ كۆڭلۈمدىكىنى دەپسىز قېرىندىشىم، مەن تۈنۈگۈن ئاخشام سىز دېگەن ئەھۋالغا ئەڭ كۆپ ئۇچرىدىم، ھەم نۇرغۇن ۋاقتىم زايە بولۇپ كەتتى. بىرەيلەن تۈنۈگۈن مۇشۇ ئالىپ تورىغا نۇرغۇن دېتال يوللاپتىكەنتۇق، كومپيۇتېرىمنىڭ سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىغا قارىماي نۇرغۇنلىرىنى چۈشۈرىۋالاي دەپ چۈشۈرسەم بىر قىسىملىرى چۈشمىدى، بىر قىسىملىرى چۈشۈپ بولغاندىن كېيىنكى ھۆججەتنى ئاچقىلى بولمىدى قارىسام چۈشكەن ھۆججەتنىڭ سىغىمى نۆل (0) دەپ تۇرىدۇ. يەنە نۇرغۇنلىرىغا مەخپىي نومۇر سېلىغلىق ئىكەن. تېما ئېگىسىگە مەخپىي نومۇرنى دەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىنكاس يازسام ھازىرغىچە جاۋاب كەلمىدى. ئاخشامقى ناھەق ئىسراپ بوپكەتكەن ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ۋاقتىمغا ھازىرغىچە ئىچىم ئاغرىيدۇ مېنىڭ.
ۋاقتى: 2013-2-14 14:09:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !  دوسلار،  مەن مۇنداق خىيال قىلىپ قالدىم ، ھازىر مۇشۇ يانفۇندا ئەپ تەرجىمە قىلىدىغانلارمۇ خېلى باركەن ھەم بۇ ئىشقا قىزىقىدىغانلارمۇ كۆپكەن، شۇنداق بولغاندىكىن مۇشۇ مىكرو خەتتەك دېتاللارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ مىكرو خەتتە بىرەر توپ قۇرۇپ . مۇزاكىرە سورۇنى ھازىرلىساق دەپ قارايمەن  . مەن بىرنى قۇرۇپ قويدۇم ئەمما ئادەم ئاز.  خالايدىغانلار بولسا مېنى قوشساڭلار. مەن سىلەرنىمۇ شۇ توپقا قوشۇپ قويسام ،  چۈنكى كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ بولىدۇ  
مېنىڭ  :   elipba709
ۋاقتى: 2013-2-14 14:12:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ 115 غا ۋەھشى ئۆچ مەن ، بولسا بىر يوللىماڭلا  115 دىگەن مۇناپىققا
ۋاقتى: 2013-2-14 14:22:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسا ماۋۇ بەيدۇ، 360 ۋە ئۇچقۇر تور دىسكىسىنى ئىشلىتەيلى، مۇشۇلارنىڭ چۈشۈرۈش كۇنۇپكىسى ئۇتاندەك چىقىپ تۇرىدا بىرلا باسساق چۈشىدۇ، لېكىن ئاۋۇ ئۇچقۇرنىمۇ قوللاپ قۇيايلى، ئۆزىمىزنىڭ بولغاندىكىن!
ۋاقتى: 2013-2-14 14:32:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماشائاللا ماشائاللا .نىمىدىگەن ياخشى تىما بۇ
قىرىندىشىم ئاللا سىزگە نوھ ئەلەيھىسالامدەك 950 يىل ئۆمۈر بەرسۇن ........
ۋاقتى: 2013-2-14 14:36:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bahit8 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-14 13:53
توغرا  .  كىرەك بولغان چۇشمىسە سەت تىرىكىمەن .
...  نەچچە  ...

بۇ ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ
ۋاقتى: 2013-2-14 14:37:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablimitjan158 يوللىغان ۋاقتى  2013-2-14 14:36
بۇ ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىڭ

ئۆزگەرتىمەن شۇ  بىر نى چىقىپ بولۇپ ئىلىپ بولۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟
ۋاقتى: 2013-2-14 15:04:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىسام تىما  يازغۇچى ماڭا ئوخشاش ئىشقا يولۇقۇپتۇ. ئەڭ ياخشىسى كۈندە كىرىپ تۇرۇڭ.بۇ ئەڭ ياخشى ئامال
ۋاقتى: 2013-2-14 15:37:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تىما بۇپتۇ  ھەممەيلەننىڭ ئويلىغىنى ئوخشاش چىقىۋاتىدۇ
ۋاقتى: 2013-2-14 15:46:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيدۇ تور دىسكىسى بەك قولايلىق
ۋاقتى: 2013-2-14 16:15:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بەيدۇ تور دېسكىسىنى تەۋسىيە قىلىمەن . ئىنتايىن مۇقىم ... تورداشلارنىڭ مۇشۇ تور دېسكىسىغا يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ....   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش