- جۇغلانما
- 128
UID505
تىزىملاتقان2011-3-11
ئاخىرقى قېتىم2014-11-29
توردا168 سائەت
تىرىشچان ئەزا
korash uyghur

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 128
- ئاقچا
- 26
|
java مەشغۇلات سۇپىسى يانفۇن سىستىمىسىدا قوللىنىلغاندىن بۇيان java پىروگىرامما تىلى بىلەن تۈزۈلگەن يۇمشاق دىتاللار كۈنسىرى كۈپەيمەكتە . تۈۋەندە java يۇمشاق دېتاللىرىنى يانفۇندىلا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دەرىسلىكى سۆزلىنىدۇ .
1- java يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن يانفۇندا ھازىرلىنىشقا تىگىشلىك شەرتلەر؛ يانفۇندا چۇقۇم X-plore ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ھۆججەت پىرىسلاش ۋە يىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ھۆججەت باشقۇرۇش يۇمشاق دېتال بۇلىشى ، py مەشغۇلات سىستىما قۇشۇمچىسى ، 汉化风暴 ، 手机脚本编辑器 قاتارلىق يۇمشاق دېتاللار بۇلىشى ، ئەڭ ئاساسلىقى مەلۇم بىرخىل ئۇيغۇرچە فونىت ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بۇلىشى كېرەك . ئەگەر ئۇيغۇرچە فونىت ۋە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولمىغان ئەھۋالدا ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى ئىشىلتىلسە بۇلىدۇ. يۇقىرقى شەرىتلەر ھازىرلانغان سىمبىيان سىستىمىلىق 3-ياكى 5-ئەۋلات يانفۇنلار بىلەن java يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەشخۇلاتىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئېلىپ بارغىلى بۇلىدۇ. 5- ئەۋلات يانفۇنلاردا كۇنۇپكا تاختىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مەۋھۇم كۇنۇپكا يۇمشاق دېتالىنى يانفۇنغا قاچىلىۋېلىش لازىم.
2- java يۇمشاق دېتالىنى بولاقتىن يىشىش؛ يانفۇننىڭ ساقلىغۇچ كارتىسىغا ئۆزىمىز خالىغان ئىسىم بىلەن بىرنەچچە ھۆججەت قىسقۇچ (مۇندەرىجە) قۇرىۋالغاندىن كىيىن X-plore نى قوزغىتىپ نۇربەلگىنى يەشمەكچى بولغان كىڭەيتىلگەن نامى jar بولغان يۇمشاق دېتالغا توغرىلاپ يانفۇننىڭ ok كۇنۇپكىسىنى باسساق بولاق ھۆججىتى ئېچىلىپ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىچىدىكى ھەممە ھۆججەتلەر ئۇچۇق كۈرىنىدۇ. بۇۋاقىتتا نۇربەلگىنى كۈرۈنگەن ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ خالىغان بىرىگە توغرىلاپ ‹ تىزىملىك › نى ئېچىپ ‹ تاللاش › قا كىرىپ ‹ ھەممىنى تاللاش › نى تاللايمىز، ئاندىن يەنە ‹ تىزىملىك › تىن ‹ ھۆججەت › كە كىرىپ ‹ يىشىش › نى تاللاپ يىشىدىغان ھۆججەت قىسقۇچنى ( بىرئاز بۇرۇن قۇرىۋالغان ھۆججەت قىسقۇچلاردىن بىرسىنى ) كۆرسىتىپ بەرسەك ‹ كۆپەيتىلىۋاتىدۇ › دىگەن ئۇچۇر چىقىپ يۇمشاق دېتالنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەممە ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلار بىز بەلگىلەپ بەرگەن ھۆججەت قىسقۇچقا يىشىلگەن بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن X-plore دىن چىكىنسەك بۇلىدۇ.
3- تىل ھۆججىتىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش؛ يانفۇننىڭ ھۆججەت باشقۇرۇش رايۇنىدىن كىرىپ يىشىلگەن ھۆججەتلەرگە قارايدىغان بولساق بولاقتىن يىشىۋالغانلىرىمىزنىڭ lang ۋە META-INF ئىسىملىك ھۆججەت قىسقۇچ ۋە كىڭەيتىلگەن نامى class , png بولغان ھۆججەتلەردىن ئېبارەت ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.( ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇنلىغان ھۆججەت ۋە بىرنەچچە ھۆججەت قىسقۇچمۇ بۇلىدۇ ئەلۋەتتە )
بۇيەردە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بىر ئىش شۇكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان يۇمشاق دېتال بىرخىل تىللىق يۇمشاق دېتال بولسا كۆپىنچە ئەھۋاللاردا
lang ئىسىملىك ھۆججەت قىسقۇچى بولمايدۇ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك بولغان تىل بۇيرۇقلىرى كىڭەيتىلگەن نامى class بولغان ھۆججەتلەردە ساقلانغان بۇلىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان يۇمشاق دېتال كۆپخىل تىللىق يۇمشاق دېتال بولسا ئۇھالدا ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشقا تىگىشلىك بولغان تىل بۇيرۇقلىرى lang ئىسملىك ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى unicode ھۆججەتلىرىدە ساقلانغان بۇلىدۇ. بۇيەردىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئۇيغۇر چىلاشتۇرۇشقا تالىلىغان يۇمشاق دېتالنىڭ نەچچە خىل تىللىق يۇمشاق دېتال بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا
lang ئىسىملىك ھۆججەت قىسقۇچنىڭ بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك، lang ئىسىملىك ھۆججەت قىسقۇچ بولسىلا ئۇنىڭ ئىچىدىكى
unicode ھۆججەتلىرىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن مەلۇم بىرسىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاللىۋالغاندىن كىيىن
手机脚本编辑器 بىلەن تاللىۋالغان unicode ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەسلىدىكى تىل بۇيرۇقلىرىنىڭ ئورنىغا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى ئەڭ ئىخچام، ئەڭ چۈشنىشلىك قىلىپ يېزىپ قۇيىمىز. تاللىۋالغان unicode ھۆججتى ئىچىدىكى بارلىق تىل بۇيرۇقلىرىنى مۇشۇ تەرتىپ بۇيىنچە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۇز ئورنىغا ساقلىۋېلىپ class ھۆججەتلىرىگە چېقىلمايلا يىشىلگەن ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بولاققا ئالساق بۇلىدۇ. ئەگەر lang ئىسىملىق ھۆججەت قىسقۇچ بولمىسا ئۇچاغدا كىڭەيتىلگەن نامى class بولغان ھۆججەتلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمىز بۇخىلدىكى ھۆججەتلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى سىمبىيان يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ تىل ھۆججىتى بولغان rsc ھۆججىتىنى ئۇيغاۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش. ناۋادا ئۇيغاۇرچىلاشتۇرماقچى بولغىنىمىز ئېنگىلىس تىلىدىكى يۇمشاق دېتال بولسا ئۇنىڭ ( lang ئىسىملىك ھۆججەت قىسقۇچى بولمىغان ئەھۋالدا ) class ھۆججىتىدىكى چوڭ ھەرىپلەر بىلەن يېزىلغان سۆزلىكلىرىنىلا ئۇيغۇر چىلاشتۇرىمىز ( دىققەت ! چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلغان ھەرىپلەرنى ئەمەس بەلكى چوڭ ھەرپ بىلان يېزىلغان سۆزلىكلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمىز ) باشقىللىرىغا چېقىلىشنىڭ ھاجىتى يوق .
ئەمدى مىسال ئۈچۈن Blueftp يۇمشاق دېتالىنىڭ 1.70 نەشىردىكىسىنى كۆرۈپ باقايلى؛ يۇمشاق دېتالنى بولاقتىن يىشىپ قارىساق lang ئىسىملىق ھۆججەت قىسقۇچى بار ئېكەن .دىمەك بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ تىل ھۆججىتى ئاشۇ ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدە بار دىگەن گەپ lang ھۆججەت قىسقۇچنى ئېچىپ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرگە قارىساق كىڭەيتىلگەن نامى png بولغان 20دانە سۈرەتنى ۋە كىڭەيتىلگەن نامى xml بولغان 21 دانە ھۆججەتنى كۆرىمىز ،سۈرەتلەرنىڭ ھەر بىرى بىردىن دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى xml ھۆججەتلىرى بولسا ماس ھالدىكى تىل ھۆججەتلىرىدىن ئىبارەت . بۇ تىل ھۆججەتلىرىدىن مەلۇم بىرسىنى 手机脚本编辑器 بىلەن ئېچىپ ئۇيغۇر چىلاشتۇرۇشنى باشلىساق بۇلىدۇ. مەسلەن ئەرەپچە تىل ھۆججىتىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولساق ( بۇ تىل ھۆججىتىنى تاللاشتىكى مەخسەت خەنزۇچە تىل ھۆججىتىنىڭ يۇقىلىپ كەتمەسلىكى كۆزدە تۇتۇلدى ) 手机脚本编辑器 بىلەن ئەرەپچە تىل ھۆججىتىنى ئېچىپ يانفۇننىڭ ھۆججەت باشقۇرۇش رايۇنىدىن خەنزۇچە تىل ھۆججىتىنى ئېچىۋېلىپ خەنزۇچە سۆزلەرگە قاراپ تۇرۇپ ئەرەپچە تىل بۇيرۇقلىرىنىڭ ئورنىغا خەنزۇچە تىل بۇيرۇقلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسىنى ئەڭ ئىخچام ، ئەڭ چۈشىنىشلىك قىلىپ يازىمىز. (چۈنكى ئەرەپ تىلىنى بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن خەنزۇچە سۆزلەرگە تاينىشقا مەجبۇر بۇلىمىز ) بۇ خىل مەشغۇلات جەريانىدا 手机脚本编辑器 تىن ۋە يانفۇننىڭ ھۆججەت باشقۇرۇش رايۇنىدىن چىكىنمەيمىز پەقەت يانفۇننىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ بىر-بىرىنى ئالماشتۇرۇپ مەشخۇلات ئېلىپ بارىمىز. ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئاخرلاشقاندىن كىيىن يۇمشاق دېتالنى بولاققا ئېلىپ يانفۇنغا قاچىلاپ تىل تاللاش رايۇنىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دۆلەت بايرىقىنى تاللىساق يۇمشاق دېتال تىلى ئۇيغۇرچە بۇلىدۇ. ناۋادا يۇقىرقىدەك بىر-بىرىنى ئالماشتۇرۇپ مەشخۇلات قىلىشنى ئاۋارىچىلىق ھىس قىلساق يۇمشاق دېتالنىڭ تىل ھۆججەتلىرى ئارىسىدىكى قايسى تىل بىزگە ئەڭ تۇنۇش بولسا شۇ تىلنى بىۋاستە ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق بۇلىدۇ.
META-INF ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى MANIFEST.MF ھۆججىتىدە يۇمشاق دېتالنىڭ ئىسمى ،نەشىرى تارقاتقۇچى ۋە تاقىتىلغان توربىكەت ئادرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلار ساقلانغان بۇلۇپ ، يۇمشاق دېتال نەشىرىدىن باشقا ئۇچۇرلارنى ئۆزىمىز خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالساق بۇلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلارنى ئەڭ ياخشىسى يۇمشاق دېتال تىلىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولۇپ يانفۇنغا قاچىلىنىش ئەھۋالى ۋە يانفۇندىكى قوزلىش جەريانىدىكى نۇرماللىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ئاندىن ئۆزگەرتىش كېرەك . ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ بولغان يۇمشاق دېتال بۇ ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتىشتىن بۇرۇن نۇرمال قاچىلىنىپ يۇقىرقى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرىتكەندىن كىيىن نۇرمال قاچىلانمايدىغان ئەھۋال يۈز بەرسە ئۇ ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بىلەن يازغاندا نۇرماللىشىدۇ.
4- تىل ھۆججىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلانغان يۇمشاق دېتالنى بولاققا ئېلىش؛ X-plore بىلەن تىل ھۆججىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ تەييار بولغان ھۆججەت قىسقۇچقا كىرىپ نۇربەلگىنى يۇمشاق دېتالنىڭ مەلۇم ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنىڭ خالىغان بىرىگە توغرىلاپ
‹ تىزىملىك › نى ئېچىپ ‹ تاللاش › قا كىرىپ ‹ ھەممىنى تاللاش › نى تاللايمىز، ئاندىن يەنە ‹ تىزىملىك › نى ئېچىپ ‹ zip › غا كىرىپ ‹ zip غا كۈپەيتىش › نى تاللاپ مەلۇم بىر ھۆججەت قىسقۇچنى كۆرسىتىپ بەرسەك ‹ Files.zip › دىگەن ئۇچۇر كۆرىنىدۇ مۇقىملاشتۇرساق ‹ zip › ھۆججىتى قۇرىلىشقا باشلايدۇ ۋە ھۆججەت قۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ‹ Files.zip ھۆججىتى غەلبىلىك قۇرۇلدى › دىگەن ئۇچۇر چىقىدۇ بۇ ۋاقىتتا ‹ مۇقىملاشتۇرۇش › نى بېسىۋىتىپ X-plore دىن چىكىنىپ يانفۇننىڭ ھۆججەت باشقۇرۇش رايۇنىدىن بۇ zip ھۆججىتى بار ھۆججەت قىسقۇچقا كىرىپ zip ھۆججىتىنىڭ كىڭەيتىلگەن نامىنى jar قىلىپ ئۆزگەرتىمىز ، شۇنىڭ بىلەن بارلىق مەشخۇلاتلار ئاخىرلاشتى . بۇ يېڭى jar ھۆججىتىنى يانفۇنىڭىزغا قاچىلاپ ئېشلىتىپ كۆرۈڭ ئۈنىمنى قانداقراق بوپتۇ؟ قىلغان ئەمگىكىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغانلىقىدىن سۈيۈندىڭىزغۇ دەيمەن…؟
دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار؛ يۇمشاق دېتالنى بولاقتىن يەشكەندە ۋە بولاققا ئالغاندا بىرەر ھۆججەتنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ياكى باشقا بىر ھۆججەتنىڭ قۇشۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك .ئۇ ئىشلارغا دىققەت قىلمىغاندا شۇنچە جاپا بىلەن قىلغان ئەمگەكنىڭ نەتىجىسى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىدۇ .تىل ھۆججىتىنى تەرجىمە قىلغاندا سۆزلەرنىڭ ئىخچام ،مەنىسىنىڭ توغرا بۇلىشىغا دىققەت قىلىش لازىم.
ئىلاۋە؛- قەدىرلىك دوستۇم يۇقىردا ئېيىتقانلىرىم بۇيىنچە مەشخۇلات قىلسىڭىز java يۇمشاق دېتاللىرىنى مۇۋاپىقيەتلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەقسىدىگە يىتەلەيسىز، قىسقىسى بۇدەرىسلىك سىزگە ياخشى يارىدەمچى بۇلالايدۇ . شۇنداقتىمۇ سىزگە تەۋسىيەقىلىدىغىنىم نۇقۇل ھالدا بۇ دەرىسلىككە تايىنىۋالماڭ ئۆزىڭىزمۇ تىرىشىپ كۆرۈڭ ، بىرەر يۇمشاق دېتالنى مۇۋاپىقيەتلىك ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭدىن ئۈزىڭىزلا پايدىلانماي توربەتلەرگە يوللاپ قويۇڭ كۆپچىلىكمۇ تەڭ بەھرىمان بولسۇن!!!
手机脚本编辑器
يازما مەنبەسى: كۆرەش بلوگى
يازما ئاپتورى: سەۋرىيار
|
|