- جۇغلانما
- 1387
UID6062
تىزىملاتقان2012-2-1
ئاخىرقى قېتىم2015-5-16
توردا200 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1387
- ئاقچا
- 1
|
تىخنىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىشى ،ئىھتىياجنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئىشىشى شۇنداقلا رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن نۇرغۇن يىڭىلىقلار بارلىققا كەلدى . بولۇپمۇ كۆچمە ئۈسكۈنلەر بازىرى قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەن بىر جەڭگاھقا ئايلاندى . قاتتىق دىاللارنى دىمەيلا قويايلى ، يۇمشاق دىتاللارمۇ ئاشۇ جەڭگاھتىكى يارقىن نوقتىلارنىڭ بىرى ,بولۇپمۇ كۆچمە مەشخۇلات سىستىمىلىرى كىشىلەر نەزەر سىلىۋاتقان يارقىن نوقتا ، windows phone مۇ دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ، بۇنداق سىستىمىنىڭ بارلىقىنى كۆپىنىچە قىرىنداشلىرىمىز بىلمەمدۇ ياكى ئانچە بەك چۈشىنىپ كەتمەمدۇ بارلىققا كەلگىلى بىر قانچە يىل بولغان سىستىما بىلەن ئۇچراشقانلارمۇ ناھايتى ئاز . بەلكىم IOS ياكى ئاندىرويىتقا كۆنۈپ كەتكەندىمىز ، ياكى mitro ئۇسلۇبقا كۆنەلمىگندىمىز ياكى ۋەھاكازالار.
تۈۋەندە قىرىنداشلارغا windows phone نىڭ نىمىلىكى ۋە ئىشلىتىش ھەققىدە تەجىربىلىرىم ۋە باشقا ماتىرياللار ئاساسىدا چۈشەنچە بىرىشنى لايىق كۆردۈم ئاز تولا پايدىسى تىگىپ قالسا دىگەن ئۈمىدتە !
windows phone ھەققىدە
windows phone بولسا داڭلىق يۇمشا دىتال ماگىناتى مىكروسوفت تەرىپىدىن 2010-يىلى ئىلان قىلىنغان يىپىق كودلۇق ،چەكمە كونتىرول قىلىنىدىغان ،win ce يادروسىدىكى ، mitro كۆرۈنمە يۈزنى ئاساس قىلغان يانفۇن مەشخۇلات سۇپىسى.
ھازىر ئۇنىڭ windows phone7.5 . windows phone7.8ۋە windows phone8 دىن ئىبارەت ئۈچ خىل نۇسقىسى بار.
بولارنى قىسقارىپ ئايرىم-ئايرىم wp7,wp7.8,wp8 دەپ ئاتايمىز .
wp7نىڭ نەشىر نۇمىرى 7.1.7740 تىن 7.10.8779 غىچە ئۈزلۈكسىز يىڭىلنىپ كەلگەن .
wp7.8 نىڭ نەشىر نۇمىرى7.10.8835ۋە 7.10.8858 ئىككى خىل ،
wp8 نىڭ نەشىر نۇمىرى 8.0.9666 دىن باشلاندى.
windows phone ئالدىنقى بىر ئەۋلات windows mobile(ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى) مەشخۇلات سىستىمىسى بىلەن يادروسى بىر بولسىمۇ ئىككىسى ئارىسىدا ئاسمان زىمىن پەرق مەۋجۇت .
windows mobile غا قاچىلايدىغان ئەپلەر cab شەكىلدە بولغان بولسا windows phone دا xap شەكىلىگە ئالماشتى ۋە مەخسۇس بازارلاشىتى ،سىز پەقەت تىزىملاتسىڭىزلا بۇنداق مۇلازىمەتتىن بەھىرلىنەلەيسىزباشقا ئۇسۇلدا قاچىلاشقا بولمايدۇ(يەشسىڭىز خالىغان ئۇسۇلدا قاچىلىيالايسىز) .
wp7,wp7.8 نىڭ روملىرى (بولۇپمۇ ئۈچىنجى تەرەپ) سىستىما يادرو نومىرى بىلەن ئاتىلىدۇ .مەسىلەن hd7 نىڭ 8779 رومى .
بىر قىرىندىشىمىز قايسى بىر تىمىدا htc نىڭ wp تىلفۇنىنىڭ رومى كۆپ سىتىۋالغاندا htc نى تاللايمەن دىگەنكەن.
wp يان تىلفۇنلىرىنىڭ رومىنىڭ كۆپ بولىشى ھەرگىز ئارتۇقچىلىق ئەمەس بەلكى ئەڭ ئاجىز تەرىپى ھىسابلىنىدۇ .
يەنى مىكروسوفت تەرەپنىڭ تىخنىكا قوللىشىغا ئىرىشمگەن تىلفۇنلارنىڭ ئۈچىنجى تەرەپ رومى كۆپرەك بولىدۇ ،htc نىڭ mozart ,hd7 سامسوڭنىڭ focus قاتارلىقلار 7.10.8701 دىن كىيىن دەرىجە كۆتۈرۈلمىدى(升级包 تەمىنلەنمىدى) ياكى جۇڭگودىكى ئابونتلارغا تەمىنلەنمىدى ،پەقەت nokia نىڭ lumia تىلفۇنلىرى بۇ مۇلازىمەتتىن بەھىرلەندى.چەتئەل خاككىرلىرى nokia lumia 900 دىن يادرو ھۆججىتىنى كۆچۈرۈپ mozart ,hd2 titan,focus قاتارلىقلارنىڭ ئۈچىنجى تەرەپ رومىنى ياساپ تەمىنلىدى .
تۆۋەندىكى windows phone مەشخۇلات سىستىمىسىدىكى تىلفۇنلار .
نۆۋەتتىكى windows phone7 تىلفۇنلىرى :
nokia نىڭ lumia 900, lumia 800,lumia710,lumia 610 قاتارلىقلار
htc نىڭhtc hd7pro, htc hd7,htc mozart،htc titan,htc radar,htc titan2 قاتارلىقلىقلار
samsung نىڭ focus,focus s ,focus flash ,omnia ,omnia w قاتارلىقلار
LG نىڭ LG Optimus 7،LG Quantum،LG Jill Sander قاتارلىقلار
acer نىڭ Acer W4
Fujitsu نىڭ 富士通IS12T تىلفۇنى
DELL نىڭ Dell Venue Pro،Dell Lighting تىلفۇنى
جوڭشىڭنىڭ Tania تىلفۇنى
نۆۋەتتىكى wp8 تىلفۇنلىرى:
nokia نىڭ lumia 920,lumia 820,lumia 822,lumia 810,lumia 620 قاتارلىقلار
htc نىڭ HTC 8X،HTC 8S تىلفۇنى
samsung نىڭ Ativ S تىلفۇنى
LG نىڭ LG Fantasy تىلفۇنى
huawei نىڭ 华为Ascend W1 تىلفۇنى
يۇقارقى تىلفۇنلارنىڭ شەكلى ھەر خىل بولسىمۇ ئەمما مىكروسوفت تەرەپ كونوپكا ،ساقلىغۇچ، ئىكران دىگەندەكلەرگە قاتتىق تەلەپ قويغان . يەنى ساقلىغۇچ ئەڭ تۆۋىنى 8 گىگابايت ،كونوپكىدىن ئالدى تەرەپتە ئۈچ تاللا(ئىزدەش، ئۆي،قايتىش) بار ،يان تەرەپتە ئىككى ئاۋاز كونوپكىسى ۋە كامىرا كونوپكىسىلا بار . ھەممىسى بىردەكلىكنى ساقلىغان .
ئىكران ئىنىقلىقى wp7 تىلفۇنلىرىنىڭ ھەممىسنىڭ 800*480، wp8 تىلفۇنلىرىنىڭ 800*480 ،1280*720 ،1280*768
سىز مەيلى قايسىسىنى ئىشلەتمەڭ ناھايتى تىزلا كۆنەلەيسىز .
داۋامى بار
|
|