ئالىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 146 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 525|ئىنكاس: 1

WP7 يانفۇننى يېشىش (تۈرمىدىن قاچۇرۇش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوقلىما
2
توردا
1490 سائەت
دوللار
2069
ئاخىرقى قېتىم
2011-9-11
ھوقۇقى
200
نادىر
44
جۇغلانما
3497
تېما
168
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-23 00:17:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Windows Phone 7 قاچىلانغان يانفۇننى ئاۋال يەشمىسەك نۇرغۇن دېتاللارنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ. Windows Phone 7 نى يېشىش ئۈچۈن ئاۋال تۆۋەندىكى ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ پىرىستىن يېشىڭ. ئىچىدىن ئۈچ دانە ھۆججەت چىقىدۇ.


ChevronWP7.cer ئىمزا قويۇش ھۆججىتى
ChevronWP7.exe يېشىش قورالى
jail.reg تىزىملاش جەدىۋىلى ھۆججىتى. كومپىيۇتېرغا  sdk قاچىلانمىغان بولسا مۇشۇ رېگ ھۆججىتىنى ئىجرا قىلدۇرمىز.

Zune يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاڭ. Zune دېتالىنىڭ چۈشۈرۈش ئادېرسى ۋە تەپسىلى چۈشەندۈرۈلۈشى ماۋۇ يەردە بار

ChevronWP7.cer نى يانفۇنغا كۆچۈرۈڭ. ئاندىن يانفۇندىكى IE دا ChevronWP7.cer  نى ئېچىڭ. ياكى يانفۇندىكى IE نىڭ ئادېرس سىتونىغا تۆۋەندىكى ئادېرسنى كىرگۈزۈڭ.

/ChevronWP7.cer

كومپىيۇتېرىڭىزغا Windows Phone 7 SDK نى قاچىلىمىغان بولسىڭىز jail.reg  نى ئىجرا قىلدۇرۇپ كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغىتىڭ.

WP7 يانفۇننى سانلىق مەلۇما سىمى ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا چاتىسىز. Zune ئاپتۇماتىك قوزغىلدۇ. Zune  بىلەن يانفۇننىڭ ئۇلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىسىز.
يانفۇندىكى power كۇنۇپكىسىنى باسىسىز، ئېكران قۇلۇپلاقلىق بولسا ئاچىسىز. WP7 نىڭ تىزىملىك ھالىتى كۆرۈنۈپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىسىز.
ChevronWP7.exe  نى ئىجرا قىلدۇرۇپ، Unlock كۇنۇپكىسىنى باسىسىز.

بىر نەچچە سېكۇنىتتىن كېيىن   Unlock  كۇنۇپكىسى Relock گە ئۆزگەرسە تۈرمىدىن قاچۇرۇش (يېشىش) مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ.


your phone is locked with a PIN. Please unlock the phone and try again
دەپ خاتالىق ئۇچۇرى چىقسا، يانفۇننىڭ ئېكرانى قۇلۇپلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئېكراننى ئېچىڭ.

Sorry, I'm having trouble communicating with the phone.
- Please make sure it's connected using USB
- Please start the Zune application
دەپ خاتالىق ئۇچۇرى چىقسا سىمنى كومپىيۇتېرنىڭ باشقا USB ئېغىزى چېتىپ سىناپ بېقىڭ.

ئەسكەرتىش: يۇقارقى مەشغۇلاتلارنى WindowsXP دا قىلماڭ. چوقۇم Windows 7 نى ئىشلىتىڭ.
NOKIA  شىركىتى Symbian دىن ۋاز كېچىپ Windows Phone 7 سىستېمىسىغا يۈرۈش قىلدى. Windows Phone 7 قاچىلانغان نوكىيا ماركىلىق يانفۇنلار پات ئارىدا بازارغا سېلىندۇ. شۇڭا سىزدە ھازىرچە Windows Phone 7 سىستېمىلىق يانفۇن بولمىسىمۇ بۇنىڭ ھۈنەرلىرىنى ئۈگەنگەچ تۇرسىڭىز، كېيىنچە تازا ئەسقاتىدۇ.

WP7 نى تۈرمىدىن قاچۇرۇشنىڭ ۋىدېئولۇق چۈشەندۈرۈلۈشى.






قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟ئەزا بولۇش
ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم

Rank: 1

توردا
2 سائەت
دوللار
16
ئاخىرقى قېتىم
2011-8-24
ھوقۇقى
10
نادىر
0
جۇغلانما
19
تېما
0
يوللىغان ۋاقتى 2011-4-24 00:01:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە ئىش جايىدا بولۇپ يانفۇندىكى power كۇنۇپكىسىنى باسىسىز، ئېكران قۇلۇپلاقلىق بولسا ئاچىسىز. WP7 نىڭ تىزىملىك ھالىتى كۆرۈنۈپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىسىز. دەل مۇشۇ باسقۇچتىن ئۆتەلمىدىما... power نى بېسىپ تۇرىدىغان ئىشمىكىن دەپ بېسىپ تۈرۈپتىمەن، ئۇنداقتا تېلېفۇن ئۆچۈپ قايتا قوزغىلىپ كېتىدىكەن. بىر قېتىم بېسىپلا قويىۋەتسە ئېكران قۇلۇپلىنىدىكەن، قۇلۇپنى ئېچىپ يەنە power نى باسسا يەنە قۇلۇپلىنىدىكەن، يەنە ئاچىدىكەنمىز... ئۇزۇنراق بېسىپ تۇرسا يانفۇن ئۆچۈپ قالىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ChevronWP7.exe   تىكى Unlock كۇنۇپكىسى يۇرىمىدى، ئۆلۈك ھالەتتە. شۇنداق بولغاندا ئۇنى باسقىلى بولمايدىكەن...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

بايانات:
1. ئالىپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.
2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ. MSN: alipanwar@hotmail.com Skype: alipuyghur
تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بىلەرمەن سەھىپىسى ئېچىلدى
تورداشلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن مەخسۇس بىلەرمەن سەھىپىسى ئېچىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن ياردەم سوراپ يازغان تېمىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سەھىپىگە يوللىندۇ. كومپىيۇتېر، يانفون ۋە باشقا ساھەدىن ياردەم سورىماقچى بولساڭلار بىلەرمەن سەھىپىسىگە يوللىغايسىلەر.

كۆرۈش »

رەسىمسىز|ئالىپ تورى

GMT+8, 2011-9-11 17:03 , Processed in 0.143026 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش