OmegaT كومپيۇتېر تەرجىمە ياردەمچىسى (CAT) دېتالىدۇر. ھەقسىز ۋە ئوچۇق مەنبەلىك دېتالدۇر. توربەت ئادرېسى: http://www.omegat.org
OmegaT تەرجىمە قىلمايدۇ، ئەمما تەرجىماننىڭ تەرجىمە خىزمىتىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.
OmegaT تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:
- نۇرغۇن ھۆججەتنى بىرلا پروجېكىت ئىچىدە بىر تەرەپ قىلالايدۇ(تەرجىمە قىلىشقا ياردەمدە بولىدۇ)
- TMX (Translation Memory eXchange) تەرجىمە خاتىرىسى فورماتىدىكى ھۆججەتلەرنى قوللايدۇ ۋە ھاسىل قىلالايدۇ.
- Unicode نى قوللايدۇ، يېزىش يۆنىلىشى ئوڭدىن سولغا بولغان يېزىقلارنىمۇ كۆرسىتەلەيدۇ.
- ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار(ئۇيغۇرچىنى ھازىرچە تەكشۈرەلمەيدۇ).
- Google Translate بىلەن چېتىشالايدۇ.
- ھەر خىل ھۆججەت فورماتلىرىنى قوللايدۇ، ئۇلار:
HTML we XHTML Microsoft Office 2007 XML OpenOffice.org/StarOffice ھۆججەتلىرى XLIFF (Okapi) MediaWiki (Wikipedia) ئادەتتىكى تېكىست ھۆججىتى PO ۋە POT (ھەر خىل پروگراممىلارنىڭ تىل ھۆججىتى) *.property ھۆججىتى(java پروگراممىلىرىدىكى تىل ھۆججىتى) - مۈجمەل ئىزدەش ئىقتىدارى بار بولۇپ، تەرجىمە قىلىنىدىغان بۆلەككە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان تەرجىمىنى "تەرجىمە خاتىرىسى" دىن ئىزدەپ تېپىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇلغان OmegaT دا يەنە، پايدىلانغۇچىلارغا قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ھازىرغىچە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بىر قىسىم سىستېمىلارنىڭ تىل ھۆججەتلىرى تەرجىمە خاتىرىسى فورماتىغا(TMX) ئايلاندۇرۇلۇپ تەمىنلەندى.
ئۇلار:
- kde_en_ug.tmx ھۆججىتى: KDE تەرجىمىسى (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى تەرجىمە قىلغان)
- oofice_en_ug.tmx ھۆججىتى: OpenOffice نىڭ 3.0 تەرجىمىسى (سەھران ئەپەندى، 100% تاماملانغان)
- oofice_jp_ug.tmxھۆججىتى: يۇقىرىقىغا ئوخشاش، بۇ ياپونچە-ئۇيغۇرچە
- skype_phpnuke_cfg_en_ug.tmx ھۆججىتى: Skype، phpNuke قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىسى
- ubuntu_en_ug.tmx ھۆججىتى: بۇ ھازىرغىچە تەرجىمە قىلىنغان Ubuntu نىڭ بىر قىسىم تەرجىمىلىرى، ھەممىسى ئەمەس
- wordpress_en_ug.tmx ھۆججىتى: بۇ Wordpress نىڭ تەرجىمىسى. http://uyghurche.wordpress.com/ دىن ئېلىندى
بۇلاردىكى جەمئىي ئۇچۇر سانى(تەرجىمە ئۇچۇرلىرى) دانە.
ئۇنىڭدىن سىرت:
http://kenjisoft.homelinux.com/atalghular.pdf دىكى ئاتالغۇلارنى ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە-ئۇيغۇر قىلىپ OmegaT دا ئىشلەتكىلى بولىدىغان فورماتقا ئايلاندۇرۇپ تەمىنلەندى. بۇنىڭدىكى ئاتالغۇلارنىڭ سانى 6797.
شۇڭا OmegaT دىن پايدىلىنىپ تەرجىمە خىزمىتىنى(ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە) ئىشلىسىڭىز ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
OmegaT نىڭ 2.0.5 نەشرى: چۈشۈرۈش جەمئىي 5.53 مېگابايت
OmegaT نى ئىشلىتىش ھەققىدە ئاددىي ساۋاتبىر قېرىندىشىمىز ھازىر OmegaT نىڭ قوللانمىسىنى تەرجىمە قىلىپ ئىشلەۋاتىدۇ، ئۇ پۈتۈپ بولغۇچە كۆپچىلىككە OmegaT نى ئىشلىتىش ھەققىدە ئازراق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەكچىمەن.OmegaT نى ئىشلىتىپ باشقا تىلدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز، OmegaT نى كەنجىسوفت بېتىدىن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ، ئەگەر باشقا تىلغا تەرجىمە قىلىدىغان ئىش بولسا OmegaT نىڭ ئەسلى بېتىدىن www.omegat.org دىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
(تۆۋەندىكىلەر كەنجىسوفتتىن چۈشۈرۈلگەن نەشرى ھەققىدىكى ئىزاھاتلاردۇر )
1. چۈشۈرۈش ۋە ئورنىتىش
http://kenjisoft.homelinux.com دىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
OmegaT نى ئورنىتىش ھاجەتسىز، چۈشۈرگەن ZIP ھۆججىتىنى يېيىپلا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. يېيىلغاندا ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى، ئادەتتە OmegaT205 نامىدا بىر مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. مۇشۇ مۇندەرىجە ئىچىدىكى OmegaT.exe نى قوش چەكسىڭىزلا ئىجرا بولىدۇ. ئەگەر ئىجرا بولمىسا كومپيۇتېرىڭىزدا Java نىڭ 1.5 تىن يۇقىرى نەشرى يوق بولغان بولىدۇ. بۇ چاغدا ‹2. ئىشلەش مۇھىتى› دىكى كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلسىڭىز بولىدۇ.
2. ئىشلەش مۇھىتى
OmegaT نى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن چوقۇم java 1.5 دىن يۇقىرى نەشرى بولۇشى كېرەك، ئادەتتە JRE قىسمىنى چۈشۈرسىلا بولىدۇ، ھەممىنى چۈشۈرۈش ھاجەتسىز. http://java.sun.com/javase/downloads/index.jsp نى ئېچىپ، ئەڭ يېڭى نەشرى بولغان JDK 6 Update 19 (JDK or JRE) نىڭ JRE قىسمىنى چۈشۈرۈپ، كومپيۇتېرىڭىزغا ئورنىتىڭ. (JDK نىڭ سىغىمى چوڭ، چۈشۈرۈشكە جىقراق ۋاقىت كېتىدۇ).
3. ئىشلىتىش
بۇنىڭدا ئاساسلىقى Linux سىستېمىلىرىدىكى PO ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى مىسال ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلىدۇ.
OmegaT.exe (يايغاندا ھاسىل بولغان مۇندەرىجە ئاستىدا بار)نى ئىجرا قىلدۇرسا(چاشقىنەكتە قوش چەكسە ئىجرا بولىدۇ)، تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك كۆرۈنىدۇ.

بۇيرۇق تىزىملىكى(Menu) دىكى Project--›New نى چېكىپ، Project نامىنى كىرگۈزۈپ ساقلىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك چىقىدۇ.

بۇ رامكىدا تەرجىمىدىكى ئەسلى تىل، نىشان تىللارنى تاللاش، ئەسلى تىلنى بۆلەكلەرگە ئايرىش(Segmentation)، لۇغەت (dictionary)، ئاتالغۇ(glossary)، TMX ھۆججەتلىرى(tm)، تەرجىمە قىلىنىدىغان ھۆججەتلەر(source) قاتارلىقلارنىڭ يولىنى(path) ۋە تەرجىمىدە نەتىجىسىنى(target) ساقلايدىغان مۇندەرىجىنى كۆرسىتىپ بېرىش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ.
PO ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلغاندا ئەسلى تىلغا چوقۇم EN-US (ئىنگلىزچە)نى، نىشان تىلغا UG نى تاللاش كېرەك. شۇنداقلا Enable Sentence-level Segmenting دېگەننى تاللىماسلىق كېرەك. بولمىسا ھەر بىر ئۇچۇرنى بىر قانچە بۆلەككە بۆلۈۋېتىپ، تەرجىمىسى تاماملانغان ئۇچۇرنى تەرجىمە قىلىنمىغان دەپ خاتالىشىپ قالىدىغان ئىش يۈز بېرىدۇ.
Project نى ياساپ بولغاندىن كېيىنمۇ، بۇلارنى بۇيرۇق تىزىملىكى(Menu) دىكى Project--›Properties نى چېكىش ئارقىلىقمۇ ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
ئاندىن كېيىن تەرجىمە قىلىنىدىغان PO ھۆججەتلىرىنى ‹source› دېگەن مۇندەرىجە ئىچىگە كۆچۈرۈپ(ئەلۋەتتە بۇ OmegaT نىڭ سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ)، Project--›Reload نى چەكسىلا، OmegaT ‹source› نىڭ ئىچىدىكى بارلىق مۇندەرىجە ۋە ھۆججەتلەرنى ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ تەرجىمىسى بار بولغان بولسا(PO ھۆججەتلىرى بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان بولسا) ئۇلارنىمۇ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدۇ(بۇرۇنقى تەرجىمىسىنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ).
ئاخىرىدا ھۆججەتلەرنىڭ تىزىملىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر كۆزنەك كۆرۈنىدۇ، تۆۋەندىكىدەك:

شۇنىڭ بىلەن بىرەر ھۆججەت تاللاپ ياكى بىۋاسىتە ‹close› بېسىۋېتىپ تەرجىمىنى داۋام قىلساق بولىدۇ.
تەرجىمە رامكىسىدىكى بىرەر بۆلەكنى قوش چەكسەك، نۇر بەلگىسى تەرجىمىسىنى كىرگۈزىدىغان ئورۇنغا توغرىلىنىدۇ. (OmegaT غا بىۋاسىتە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، بۇ كەنجىسوفتتىن چۈشۈرگەن OmegaT دىلا بار ئىقتىدار. Ctrl+K نى بېسىپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشنى ئېچىشقا ۋە تاقاشقا بولىدۇ).
OmegaT نىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بۇرۇنقى تەرجىمىلەردىن، لۇغەتتىن، ئاتالغۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتۇر. OmegaT نى يايغاندا ھاسىل بولغان مۇندەرىجە ئاستىدا ‹glossary›،‹tm› دېگەن مۇندەرىجە بار بولۇپ، ‹glossary› نىڭ ئىچىدە http://kenjisoft.homelinux.com/atalghular.pdf دىكىنى OmegaT دا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ ياسالغان ھۆججەت(ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە) بار. ‹tm› ئىچىدە ھازىرغىچە تەرجىمە قىلىنغان OpenOffice، Skype، Gnome، Kde.... قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىلىرىنى TMX (تەرجىمە خاتىرىسى) فورماتىغا ئايلاندۇرۇلغان ھۆججەتلەر بار.
بۇلارنى ئۆزىڭىز ياسىغان Project نىڭ مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى ‹glossary› ۋە ‹tm› نىڭ ئىچىگە كۆچۈرسىڭىزلا بولىدۇ.
ئەگەر خەنزۇچە ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز، ئاناتىلىم لۇغىتىنى OmegaT دا ئىشلەتسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
ئاناتىلىم لۇغىتىنى http://kenjisoft.homelinux.com/soft/LightNEasy.php?page=ome_down دىن چۈشۈرۈپ، يايغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان 3 دانە ھۆججەتنى Project نىڭ مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى ‹dictionary› نىڭ ئىچىگە كۆچۈرسىڭىزلا بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن تەرجىمە رامكىسىدىكى بىرەر بۆلەكنى قوش چەكسىڭىزلا، تەرجىمە خاتىرىسى كۆزنىكىدە، مۇشۇ تەرجىمىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان 5 دانە تەرجىمىنى، ئاتالغۇ رامكىسىدا مۇشۇ بۆلەكتىكى ئىنگلىزچە سۆزلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم مەنىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

دىققەت: تەرجىمە كۆزنىكى ۋە ئاتالغۇ كۆزنىكىدە كۆرۈنگەن ئۈلگىلەردىن پايدىلانسىڭىزلا بولىدۇ، بىراق ئىشلەتمەڭ. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى كونا بولۇپ ئاتالغۇلار بىرلىككە كەلمىگەن.
تەرجىمە تاماملانغاندىن كېيىن Project--›Create Translated Documents نى چەكسىڭىز، ئۆزىڭىز ياسىغان Project نىڭ مۇندەرىجىسى ئاستىدىكى target دېگەن مۇندەرىجە ئاستىدا تەرجىمىسى تاماملانغان ھۆججەتلەر تەييار بولىدۇ.
مۇشۇ ھۆججەتلەرنى Ubuntu ياكى باشقا يەرلەرگە يوللىسىڭىزلا تەرجىمىڭىزنى دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئىشلىتەلەيدۇ.
دىققەت: OmegaT دا تەرجىمە قىلىنغان ھۆججەتلەر ياسىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى چوقۇم تەكشۈرمىسەك بولمايدىكەن. سەۋەبى ھاسىل قىلىنغان تەرجىمە ھۆججەتلىرى تەركىبىدە msgid_plural (كۆپلۈك) دېگەننىڭ تەرجىمىسىگە ئىككى ئۇچۇر چىقىرىپ قويىدىكەن.
مەسىلەن تۆۋەندىكىدەك.
msgid "%d minute (%d%%) remaining"
msgid_plural "%d minutes (%d%%) remaining"
msgstr[0] "%d مىنۇت (%d%%) قالدى."
msgstr[1] "%d minutes (%d%%) remaining"
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا ئۇنىڭ كۆپلۈكىنى تەرجىمە قىلىنمايدۇ، شۇڭا مۇشۇنداق يەرنى (msgid_plural) نى ئىزدەپ تېپىپ msgstr[1] بار قۇرنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك. بولمىسا Ubuntu ۋە باشقا يەرلەرگە يوللىغاندا خاتالىقى چىقىدۇ.
مەنبەسى: كەنجى سوفىت تور بېتى
|