ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1973|ئىنكاس: 0
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۇيغۇرئېدىت UyghurEdit

300

تېما

2368

يازما

11 تۈمەن

تەجرىبە

بېكەت قۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

نادىر
19
جۇغلانما
251029
ئاقچا
4447

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

ئۇيغۇرئېدىت (UyghurEdit) بولسا Windows مۇھىتىدىكى ھەقسىز ئۇيغۇرچە تەھرىرلىگۈچ. ئۇيغۇرئېدىتتا Unicode ئۆلچىمى ئىشلىتىلگەن. ئۇيغۇرئېدىتنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە باشقا تىللارنى ئارىلاش تەھرىرلەش ئىقتىدارى بولۇپلا قالماستىن، ھۆججەت قىلىپ ساقلاش، بېسىش، باشقا پروگراممىلار بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، ئىملا تەكشۈرۈش، ئىزدەش ۋە ئالماشتۇرۇش، يېنىۋېلىش، يانغانغا پۇشايمان قىلىش، UKY يېزىقى بويىچە كىرگۈزۈش، ئۇيغۇر كونا يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش، باشقا سىستېمىلارنىڭ ھۆججەتلىرىنى ئوقۇش، ھەتتا ھۆججەتنى HTML قىلىپ ساقلاش قاتارلىق ئىقتىدارى بار.


1. ئۇيغۇرئېدىت ھەقسىز، ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق ئورۇن ھەقسىز ئىشلەتسە بولىدۇ. سېتىشقا بولمايدۇ.

2. ئۇيغۇرئېدىتنى ئىشلىتىش جەريانىدا سىزگە زىيان يەتسە بۇنىڭغا مەن مەسئۇل ئەمەس. ئۆزىڭىز مەسئۇل.
3. ئۇيغۇرئېدىتتا Unicode ئۆلچىمى ئىشلىتىلگەن. شۇڭا Unicode ئۆلچىمىدىكى بارلىق يېزىقلارنى ئۇيغۇرچە بىلەن بىرلىكتە تەھرىرلەشكە بولىدۇ.
4. ئۆزىنىڭ كۇنۇپكىسى بولغاچقا Windows قايسى تىلدىكى نۇسخىسى بولۇشتىن قەتئىي نەزەر ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
5. Windows نىڭ ئۆلچەملىك كۇنۇپكىسىنى قوللايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرچىدىن باشقا يېزىقلارنىWindows نىڭ كىرگۈزۈش سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ كىرگۈزۈشكە بولىدۇ.
6. ئۇيغۇرئېدىت تەھرىرلەۋاتقان تېكىستنى كۆچۈرۈپ باشقا يەرگە چاپلاشقا، ۋە باشقىسىدىكىنى ئۇيغۇرئېدىتقا چاپلاشقا بولىدۇ.
7. تەھرىرلەۋاتقان ھۆججەتنى HTML قىلىپ ساقلاشقا بولىدۇ. يەنى UyghurEdit نى ئۇيغۇرچە تور بەت تەھرىرلىگۈچ قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
8.بوغدا، فاڭجېن سىستېمىسىنىڭ تەھرىرلىگۈچىدە كىرگۈزۈلگەن ھۆججەتلەرنى ئوقۇپ، ساقلىيالايدۇ. ھۆججەت Unicode ئۆلچىمىدە ساقلىنىدۇ.
9.پۈتكۈل ھۆججەتنى ياكى بىر قىسمىنى UKY يېزىقىغا ياكى UKY نى كونا يېزىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.
10.ئوڭدىن سولغا، ياكى سولدىن ئوڭغا قاراپ تەھرىرلەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
11.ئۇيغۇرچە بىلەن باشقا يېزىقلار ئۈچۈن ئايرىم  ئايرىم خەت نۇسخىسى تاللاشقا بولىدۇ.
12. ئىزدەش، ئالماشتۇرۇش يېنىۋېلىش، يانغانغا پۇشايمان قىلىش قاتارلىق بىر تەھرىرلىگۈچتە بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارلار ھازىرلانغان.
13. ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بار بولۇپ،«سۆزلۈك ئامبىرى» دا 100 مىڭغا يېقىن سۆزلۈك بار. ئىشلەتكۈچى ئىشلىتىش جەريانىدا سۆزلۈكلەرنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتەلەيدۇ.


ئۇيغۇر تىلى مېنىڭ ۋەتىنىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش