- جۇغلانما
- 635
UID736
تىزىملاتقان2011-3-28
ئاخىرقى قېتىم2015-1-9
توردا63 سائەت
باشقۇرغۇچى
  
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 635
- ئاقچا
- 3
|
1- تەييارلىق باسقۇچى
- 1. ج د ك(JDK) نى ماۋۇ توربەتتىن چۈشۈرۈڭ ھەم قاچىلاڭ.
- 2. ماۋۇ يەردىن apktool1.3.2.tar.bz2 ۋە apktool-install-windows-2.2_r01-3.tar.bz2 نى چۈشۈرۈڭ. ئاندىن چۈشكەن بولاقنى يىشىپ چىققان apktool.jar، aapt.exe ۋە apktool.bat ھۆججىتىنى سىستېما قاچىلانغان دېسكىدىكى Windows مۇندەرجىسىگە كۆچۈرۈڭ.
- 3. ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دىتالنى چۈشۈرۈڭ ۋە ئۇنى س دېسكىنىڭ غول مۇندەرجىسىگە قويۇڭ (باشقا يەرگە قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، لىكىن دوس بۇيرىقى يازغاندا ئادرىسنى بەلگىلەشكە دىققەت قىلىڭ).
2- دىتالنى يېشىش باسقۇچى
1. باشلاش تىزىملىكى ئىچىدىكى قوزغىتىش(运行) دىگەن ئورۇنغا cmd دەپ كىرگۈزۈپ سىستېمىنىڭ دوس ھالىتىنى قوزغىتىڭ.
2. قوزغىلىپ بولغاندىن كىيىن سىز- apktool d C:\qutbilik.apk C:\qutbilik
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش دىگەن بۇيرۇقنى بىرىڭ (qutbilik.apk دىگەننى سىز چۈشۈرگەن دىتالنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىڭ، qutbilik دىگەننى ھەم ئاشۇ دىتالنىڭ نامىغا ئۆزگەرتىڭ[چوقۇم ئەمەس]).
3. بۇيرۇقنىڭ ئىجرا نەتىجىسى تۈۋەندىكىدەك بولىدۇ.- C:\>apktool d c:\qutbilik.apk c:\qutbilik
- I: Baksmaling...
- I: Loading resource table...
- I: Decoding resources...
- I: Copying assets and libs...
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش ھەمدە س دېسكىنىڭ qutbilik مۇندەرجىسىگە qutbilik.apk ناملىق دىتالنىڭ بارلىق يىشىۋىتىلگەن ھۆججەتلىرى پەيدا بولىدۇ.
3- مۇندەرىجە بىلەن تونۇشۇش
1. قۇتبىلىك مۇندەرىجىسى ئىچىدە lib, res, smali قاتارلىق ھۆججەت قىسقۇچلار ۋە AndroidManifest.xml بىر دانە ھۆججەت پەيدا بولىدۇ.
2. بىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان بايلىق ھۆججەتلەر ئادەتتە res ئىچىدە، شۇڭا قالغان ھۆججەتلەرگە چېقىلمايمىز. بۇنىڭ ئىچىدە values دىگەن ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى xml ھۆججەتلەر ئىچىدە بىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان لازىملىق سۆزلەر بار بولۇپ بىز شۇ سۆزنىڭ ئۆزىنىلا تەرجىمە قىلىپ قويساق بولىدۇ، ئەگەر دىتالدا پەقەت بىرلا تىل بولىقى بولسا values بىر دانە بولىدۇ، ئەگەر بىر دىن ئارتۇق تىل بولىقى بولسا values نىڭ ئىچىدە ئېنگىلىزچە تىل بولىقى بولىدۇ، values-XX-YY دە باشقا تىل بولىقى بولىدۇ(XX دۆلەتكە، YY دۆلەت ئىچىدىكى مەلۇم بىر يېزىققا ۋەكىللك قىلىدۇ). values-zh-rCN بولسا جوڭگۇچە ئاددىي يېزىقنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ بىز ئادەتتە مۇشۇنى تەرجىمە قىلىپ قويساقلا كۇپايە، سىستېمىنىڭ تىلى خەنچە ھالەتكە تەڭشەلگەندە مۇشۇ ھۆججەت ئۈنىمىنى كۆرسىتىدۇ (سىستېما ئىچىدە ئۇيغۇرچە دىگەن تۈر بولمىغانچە ھازىرچە مۇشۇنداق ئىپتىدئىي ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلىپ تۇرىمىز، بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، ھەممىسى ۋاقىت مەسىلىسى...).
3. values-zh-rCN نىڭ ئىچىدىكى strings.xml ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەر پروگراممىسى ئارقىلىق ئاچىمىز، ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ شەكلى ئادەتتە
4. 兔子评测
5. بولىدۇ، بىز بۇنىڭدىن پەقەت兔子评测 دىگەن خەتنىلا تەرجىمە قىلىپ قويساق كۇپايە.
6. بارلىق تىل ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بولۇپ ئۆز ئورنىغا ساقلايمىز(ھۆججەت ئىچىدىن ساقلاش دىگەننى چەكسىڭىزلا بولىدۇ).
7. drawable دەپ بىر ھۆججەت قىسقۇچ بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە دىتالنىڭ رەسىم ھۆججەتلىرى ساقلانغان. ئەگەر ئۆزگەرتىش ئىھتىياجى بولسا مۇشۇ يەردىكى رەسملەرنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ.
8. layout دىگەن ھۆججەت ئىچىدە ھەرقايسى كونتروللارنىڭ خاسلىقى ساقلانغان بولۇپ سىز دىن UI لايىھلەش ئىقتىدارى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى ھازىرچە چقىلماي تۇرۇڭ. Color دەپ بىر ھۆجەت قىسقۇچ بار بولۇپ بۇنىڭدا دىتال يۈزدىكى رەڭ بىرىلگەن كونتروللارنىڭ رەڭ پارامىتىرى ساقلانغان، بەك زۆرۈر ئىھتىياج بولمىسا بۇنىڭغىمۇ چېقىلماڭ.
4- دىتالنى بولاقلاش.
1. تەرجىمە قىلىش ۋە رەسىملەرنى ئۆزگەرتىش ئاياغلاشقاندا سىز qutbilik ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ئېچىغلىق ھالەتتە تۇرغان بارلىق ھۆجەتلەرنى تاقاپ بايىقى دوس بۇيرۇقى ھالىتىدىكى قارا ئىكراغا يېنىپ كىلىڭ، ئۆچۈرۋەتكەن بولسىڭىز قايتا قوزغۇتۇڭ.
2. دوس بۇيرۇقى يېزىش كۆزنىكىگە سىز تۈۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ بىر ئاز ساقلاڭ. بۇيرۇقنىڭ نەتىجىسى تۈۋەندىكىدەك بولىدۇ.- C:\>apktool b c:\qutbilik
- I: Checking whether sources has changed...
- I: Checking whether resources has changed...
- I: Copying libs...
- I: Building apk file...
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش سىز ئەمدى qutbilik ھۆجقەت قىسقۇچى ئىچىگە كىرىپ dist دىگەن ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىن qutbilik.apk دىگەن ھۆججەتنى تېپىڭ ۋە ئۇنى كۆچۈرۈپ ئۈستەل يۈزىگە چاپلاڭ. ھۇھ دىتالنى يىشىش، تەرجىمە قىلىش، بولاقلاش ئاخىرلاشتى، ئەمدى بۇ دىتالغا قول قويىمىز.
5- دىتالغا قول قويۇش
مەن تەمىنلىگەن ئىمزا قويۇش دىتالىنى يىشىپ ئىچىگە qutbilik.apk دىگەن ھۆججەتنى كۆچۈرۈڭ(دىمەكچى سىز تەرجىمە قىلىپ بولاقلاپ ئالغان apk ھۆججەتنى مۇشۇ ئورۇنغا كۆچۈرۈڭ)
2. كۆچۈرگەن دىتالنىڭ ئىسمىنى qutblog.apk قىلىپ ئۆزگەرتىڭ( ئەگەر ئۆزگەرتىشنى خالىمىسىڭىز Bashlash.bat ھۆججىتى ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلانى تەھرىرلىۋالسىڭىز بولىدۇ)، ئاندىن Bashlash.bat دىگەن ھۆججەتنى قوزغىتىپ بىردەم ساقلاڭ، تۈۋەندىكىدەك ئۇچۇر كۆرۈنسە ئىمزا قويۇش ئاياغلاشقان بولىدۇ.
签字工具 - Uyghur Android blog Sizni Qarshi Alidu
- Welcome to Uyghur Android Blog
- 欢迎光临维吾尔安卓研究博客
- Blog: Www.Qutblog.Com
- Diqqat: Hazir qutblog.apk Namliq Hojjatka imza Qoyup qutblog_signed.zip Namliq
- Hojjat Hasil Qilidu;
- Diqqat: Imza Qoyush Tamamlandi...
- 请按任意键继续. . .
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش يۇقارقى گەپلەرنىڭ مەنىسى بولسا قۇت بلوگى سىزنى قارشى ئالىدۇ، پات-پات كەپ تۇرۇڭ، ئاندرويىد ھەققىدە ئىسىل بىلىملەر بار دىگەن گەپ، مۇشۇ گەپلەر چىقىپ بولغاندىن كىيىن سىز qutblog_signed.zip ناملىق بىر دىتالنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرىسىز، بۇ دىتالنى تېلېفونىڭىزغا قاچىلاپ كۆرۈپ بېقىڭ، نىمىنى كۆردىڭىز؟
يۇقارقى ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلىنغان دىتال ئۇيغۇرچە ھەرىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەت نۇسخىسى قاچىلانغان ھەم نىگىزىدىن ئۇيغۇرچە قوللايدىغان تېلېفونلاردا نورمال ئىجرا بولىدۇ(خەتلەر نورمال كۆرىنىدۇ)، ھازىر قېرىنداشلار ئارسىدا تارقىلىپ يۈرگەن ئاندرويىد تېلېفونلارنىڭ كۆپىنچىسى نىگىزىدىن ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان بولغاچقا ھەم خەت نۇسخىسى قاچىلانمىغان بولغاچقا، بۇ ئۇسۇلدا تەرجىمە قىلىنغان دىتالنىڭ خەتلىرى نورمال كۆرۈنمەيدۇ، بۇنى يەنە بىر قېتىملىق يازمىدا تەپسىلى تونۇشتۇرىمەن. دىىقىتىڭىز داۋاملىق قۇت بلوگىدا بولسۇن.
مەزكۇر ماقالە مەنبەسى: قۇت بىلوگى Www.QutBlog.Com
سىناق تەرجىمە ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن دىتال قۇت بلوگىدا ئېلان قىلىنغان سۆيۈملىك ئاندرويىد تېلېفونىڭىزنىڭ دەرىجىسى قانچە؟ ناملىق تېمىدىكى « دەرىجىدىن تاشقىرى توشقان » ناملىق دىتال.
ئۇيغۇر ئاندرويىد ناملىق چ چ توپىنىڭ نۇمۇرى : 147414066
قۇتبىلىك ئەپەندىنىڭ چ چ نۇمۇرى: 137936175
(ئالاھىدە مۇھىم شەخسى پاراڭ بولمىسا چ چ توپى ئارقىلىق ئالاقە قىلىڭ، سىزگە، ماڭا ھەم كۆپچىلىككە ياخشى)
ئېلان : قۇت بلوگى ھەرساھە-ھەر كەسىپتىكى ئاندرويىد ھەۋەسكارلىرىنى قارشى ئالىدۇ، شۇنداقلا ئوخشىمىغان سەۋىيەدىكى ئاندرويىد ھەۋەسكارلىرىغان ئاندرويىد تېلېفونلارنى ئىشلىتىش، ئاندرويىد تېلېفوننىڭ دىتاللىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئاندرويىد تېلېفونلارغا پروگرامما تۈزۈش، ئاندرويىد تېلېفونلار ئۈچۈن قاچىلاش سىستېمىسى(刷机包) ياساش... دىگەندەك نادىر بىلىملەرنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، ھەۋەسكار دوستلارنىڭ قۇت بلوگىنى كەڭ تورداشلارغا تەشۋىق قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئالىپ تورىدىكى يۇمشاق دىتال تەرجىمە قىلىشقا قىزىقىدىغان تورداشلارغا ئاندرويىد تېلېفونغا دىتال تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىنىمۇ ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى بىرىمەن.
|
|