- جۇغلانما
- 302
UID666
تىزىملاتقان2011-3-23
ئاخىرقى قېتىم2013-11-15
توردا31 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 302
- ئاقچا
- 2

|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالىپ تور بىكىتىدىكى ئۇستازلار، ئالدىنىقى قېتىم ئالىپ مۇنبىرىدىكى بىر تېمىدىن ئاندىروئىد سىستىمىلىق يانفونغا ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسىنى تونۇتۇش توغىرسىدا ناھايتى تەپسىلىي بىلىم ئالغانتىم، مەنمۇ شۇ بويىچە قىلىپ خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، روت ھوقۇقىغا ئىرىشىپ قىلغان بولساممۇ ھەرپلەر پەقەتلا باغلاشمىدى، توربەتمۇ شۇنداق كۆرۈنىۋاتىدۇ، مىنىڭ تىلفونۇم Dopod A3288 بولۇپ ئاندىروئىد 1.6نەشىرى قاچىلانغان(2.2نەشىرىگە يىڭىلىغاندا كامىرانى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن ئەسلىدىكى 1.6نەشىرىگە قايتۇرۋالغان)، ئەلۋەتتە ئارىمىزدا مۇشۇ نەشىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس، تىلفوندا ئانا تىل يىزىقىمىزنى ئىشلىتىش ھەۋىسى تۈپەيلىدىن مۇشۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۋاتىمەن، بۇنىڭدىن باشقا دوستلىرىمىزغىمۇ پايدىسى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، كەڭ تىلفون ئىشلىتىۋاتقان تەجىربىلىك ھەۋەسكارلار ۋە ئۇستازلارنىڭ بىلىمىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.
كامالىي ئىھتىرام بىلەن: زەپەر
|
|