بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-20 01:25   
 
 
[مەندىن ئالىپ ئەھلىگە چوڭ چوڭ سالام !    
MIUIنىڭ رومىنى يوللاپ قويسام ، بىرنەچچە توردىشىمىز قەتئىلا قىلالماپتۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ تېمىنى يازدىم ،  
1. تلفۇننى سېتىۋالدىڭىز ، ئەلۋەتتە زاۋۇت قۇلپىسىنى يېشىسىز ~~تۆۋەندىكىچە :سۇئال: نىمە ئۈچۈن زاۋۇت قۇلپىسى بولىدۇ ؟ 
چۈنكى باشقا قولى قىچىشىپ قالغانلارنىڭ تېلىفۇنىڭىزنى ئېلىۋېلىپ ، سېستىما قاچىلاپ ، باشقىلارغا پايدىسىغا ساتماسلىقى ئۈچۈن.  
 
قۇلۇپ ئاچقاننىڭ قانداق تەسىرى بار ~؟ 
خۇددى تېلفۇنغا روت ھوقۇقى ئالغاندەك ، تېلىفۇنىڭىزنىڭ بارلىق ھەقسىز ياساپ بېرىش مۇلازىمىتى يوق بولىدۇ .(ئەلۋەتتە تېلىفۇنىڭىز قارغۇ بولۇپ قالمىسىلا ، يەنە زاۋۇت قۇلپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ،ياسىتىۋەرسىڭىز بولىدۇ  
 
قانداق قىلىپ قۇلۇپ ئاچىمىز ؟ 
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز،  ئىنكاس يېزىڭ  
 
تاپالمىساڭلار ، تېلىفۇننىڭ قېپىغا ، ياكى تېلىفۇننىڭ باتاريېسىنى چىقىرۋېتىپ ئىچىگە قارىساڭلار ، رەسىمدە دىيىلگەن 3- 4- قۇردىكى جەدۋالگە تولدۇرىدىغان سانلار چىقىدۇ . 5- قۇرغا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ، تېلىفۇندا شۇ نۇمۇرنى باسسىڭىز كۆرسىتىپ بېرىدۇ . 
 
ماتىرياللارنى تولدۇرۇپ ئەۋەتىپ بولغاندىن كيىن ، باش شىركەت سىزنىڭ ئېلخېتىڭىزگە ئۈچ كۈننىڭ ئىچىدە جاۋابىنى بېرىدۇ . ئەگەر سىزگە كەلمىگەن بولسا ، ئەخلەت ساندۇقى دىن ئىزدەپ كۆرۈڭ ، ئۇيەردىمۇ بولمىسا ، باش شىركەت نۇمۇرى 4008308300غا تېلفۇن قىلىپ ،پاراڭلىشىپ كۆرۈڭ ، بەك بەتەلەي بولمىسڭىزلا ، ئېلخەتكە كىلىدۇ ئۇچۇر .  
 
2. ئەمدى قۇلۇپ ئېچىش دېتالىنى قانداق ئىشلىتىمىز ~؟ 
بىرىنچى قەدەم تەييارلىق خىزمەت:  
1›كومپىيوتېرغا توغرا ئۇسۇلدا تېلىفۇننىڭ قوزغاتقۇچ يۇمشاق دېتالىنى قاچىلاڭ ~ 
2›قۇلۇپ ئېچىش نۇمۇرىنى تەييارلاڭ  
3›قۇلۇپ ئېچىش دېتالىنى چۈشۈرۈڭ  
 
بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىدا سىزگە 8812ې نىڭ قوزغاتقۇچ دېتالىنى ۋە قۇلۇپ ئېچىش دېتالىنى تەمىللەيمەن . 
 
ئىككىنجى قەدەم  
1› تېلفۇندا fastboot قا كىرىسىز  
كىرىش ئۇسۇلى : تېلىفۇننى ئېتىپ (ئەسكەرتىش : تېلىفۇننىڭ تەڭشىكىگە كىرىپ ، تېلفۇن تىز قوزغاتقۇچ ، يەنى 快速启动نى ئېتىۋېتىڭ ) ئاۋاز پەسلەتكۈچ كونۇپكىسى بىلەن تېلفۇننى ئېچىش كونۇپكىسىنى تەڭ بېسىڭ . ئون سىكوت ئەتراپىد تۇرغۇزسىڭىز ، ھېلىقى تونۇش گۈل بەلگىسى مىدىرلىماي تۇرىدۇ . (مانا بۇ fastboot ھالىتى دەپ ئاتىلىدۇ ) 
 
2›قۇلۇپ ئېچىش دېتالىنى ئىجرا قىلىش  
fastbootھالەتتە تېلىفۇننى USBسىمى بىلەن PC )كومپىيوتېردېگەننى مۇشۇنداق قىسقارتتىم ، ئۇيغۇرچە ئىشلەتمەپسەن ،دەپ پىكرىڭلار چىقماس؟) غا ئۇلايمىز . ئاندىن قۇلۇپ ئېچىش قورالى ئىچىدىكى 一键解锁  نى قوزغىتىمىز ، خەنچىنى بىلسىڭىز ، ئۇنى قىلىڭ ، بۇنى قىلىڭ دەيدۇ ، دېگەننى قىلىپ ، ئاندىن 16 خانىلىق قۇلۇپ ئېچىش نۇمۇرىنى كىرگۈزىمىز . رەسىمدىكىدەك : 
 
 
 
3›قۇلۇپ ئېچىلىپ بولىشىنى ساقلايمىز . 
قۇلۇپ ئېچىش نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىيىن تېلىفۇن قايتا قوزغۇلۇپ ، زاۋۇت ئەسلىگە كەلتۇرۈش ھالىتى چىقىدۇ . ئەگەر خاتا كىرگۈزگەن بولسىڭىز IDLEيۈزى  چىقىپ تۇرۋالىدۇ (دىگىنى شۇ قوزغۇلۇش رەسىمى چىقىپ تۇرۋالىدۇ ) 
 
4›قانداق قىلىپ ئوڭۇشلۇق بولغىنىنى تەكشۇرىمىز؟ 
مەن تەمىللىگەن شۇ قۇلۇپ ئېچىش دېتالىنى قوزغۇتۇپ تەكشۈرسىىڭىز بولىدۇ . تۆۋەندىكىدەك : 
 
 
 
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز،  ئىنكاس يېزىڭ  
 
 
3. Recoveryيېزىش  
دېتال ئىشلىتش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە ، رەسىمدىن كۆرۈڭ  
 
 
دېتال ئادىرسى :  
http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=8106&file_key=EHLspjmH 
 
 Recovery يېزىپ بولغاندىن كىيىن ، تېلىفۇن ئۆزلىكىدىن قايتىدىن قوزغۇلۇپ ، Recovery ھالىتىگە كرىدۇ (Recovery ھالىتىگە كىرىش ئۇسۇلىنى يادىڭىزدا تۇتۇڭ ، ئاۋاز چىڭايتىش بىلەن تېلفۇن قوزغۇتۇش كونۇپكىسىنى تەڭ باسىسىز !!) 
 
4.مەن يۇقارقى سېستىمىدىن روت ھوقۇقى ئالالمىغان ، شۇڭا باشقىچە ئۇسۇل ئېلىپ كەلدىم .روت چۈشۈرۈش ئادىرسى : 
 
http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=8109&file_key=dHtiaTAf 
بۇنى چۈشۈرۈپ ، sdكارتىڭىزغا چۈشۈرگندىن كىيىن ، تېلىفۇن ئېتىك ھالەتتە Recovery غا كىرىپ ، 从SD卡选择刷机包غا كىرىپ ، 从SD卡选择ZIP文件غا كىرىپ ، بايام چۈشۈرگەن روت ھۆججىتىنى تاپىمىز . ئاندىن تېلىفۇننى ئېچىش ئېتىش كونۇپكىسى بىلەن مۇقىملايمىز ، تۆۋەندىكىسى رەسىملىك : 
 
 
 
 
 
 
مانا ، تېلفۇنغا روت ھوقۇقى ئېلىنىپ كەتتى . ئەمدى روم چۈشۈرۈپ ، قاچىلايدىغانلا يەرگە كەلدى . روم قاچىلاش ئۇسۇلى روت ئېلىش ئۇسۇلىغا ئوخشاش ، ئەمما ئەڭ ئاۋال Recoveryغا كىرگەندىن كىيىن 选择清空所有数据، ئاندىن 选择清空缓存数据 نى مۇقىملىۋېتىمىز . ئاندىن روت ئالغانغا ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ روم قاچىلايمىز . تۆۋەندىكىسى رەسىملىك كۆرسەتمە : 
 
 
 
 
 
 
 
 
رەسىملەر قالايمىقان بولۇپ كېتىپتۇ ، تەرتىپى ئۈستىدە بار ، شۇنىڭغا قاراپ ئش قىلارسىز ، رەتلىسەم تۈزۈك رەتلەنمىدى، مىنىڭ ھورۇنلۇقۇم تۇتۇپ بىر بىرلەپ چىقارغۇم كەممىدى .    
 
سىزگە تەۋىسيە قىلىدىغان روم ، يەنى روم چۈشۈرۈش ئادىرسى :  
/forum.php?mo ... amp;highlight=8812e 
بۇ رۇمنى ئىشلەتكۈچى دەل بىزنىڭ مۇنبەردىكى ئاكتىپ ئەزا xjislamدېگەن توردىشىمىز ئىشلىتىۋاتقان روم ، بۇ توردىشىمىز كەسمە رەسىم بىلەن تەمىللىمىگەچكە ، رەسىمسىز چىقىپ قالدى  
GSMكارتا ئىشلەتكۈچىلەرگە يۇقرقى رومنى تەۋىسيە قىلىمەن ، رومنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن ، مۇنبەردىكى قېرىندىشىم TasH_Bulak نىڭ تۆۋەندىكى يازمىسى بويىچە GSMدا تورغا چىقىدىغان قىلىپ تەڭشىۋېلىڭ :  
/thread-6171-1-1.html 
 
 
ئىككىنجى روم ، يەنى ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان MIUI نىڭ رومى ، ئۇستەل يۈزى بەك گۈزەل ھەي بۇ رۇمدا .  
چۈشۈرۈش ئادىرسى : 
 
/forum.php?mo ... 5%D9%84%DB%88%D9%83 
 
 
ئەڭ ئاخىرقىسى ئۇيغۇرچە تونۇتۇش : 
http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=4757&file_key=coPkQzSU 
مونۇ ئادىرستىكى ھۆججەتنى پىرىستىن يېشىڭ ، ئىچىدە ئۇيغۇر ئەپ چ دېگەن دېتالنى قاچىلاڭ . ئاندىن دېتالنى ئېچىپ ، چىرايلىق خەت نۇسقىسى قاچىلاش دېگەننى بېسىڭ ، ئاندىن روت ھوقۇقى كۆزنىكى چىقىدۇ ، 允许دېگەننى قولىڭىز ھارغىچە بېسىپ بېرىڭ  . بىر ۋاقىتتا تېلفۇن قايتا قوزغىلىدۇ ياكى قاتىدۇ . شۇنداق بولسا قاچىلنىپتۇ دەپ بىلىڭ .  
 
ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش . يۇقارقى ئادىرستىن چۈشۈرگەننى پىرىستىن يېشىپ ، ئىچىدىكى .... رەسىمگىلا قاراڭە بولدى  
 
 
ئاستىدىكىسىنى ئاۋال ، ئۇستىدىكىسىنى كىيىن قاچىلسىڭىز بولىدۇ . گۈدۈك دېگەننى كۆردىڭىزمۇ ، ھە ... شۇنىمۇ ئويناپ قويۇڭ ~~~  
 
سىلەرگە ياردىمۇ `؟ يارىدى دەڭ !  تېلفۇنۇم توختاپ قالاي دەپ قاپتۇ ! 13399758638  چاقچاق ئەمەس جۇمۇ ~؟  
 
 تورداشلار ، مۇشۇ بىر تېمىنى تەييارلىغۇچە نۇرغۇن جاپا تارتتىم ، بولسا سىلەر مۇشۇ تېمىنى ھەمبەھىرلەپ قويساڭلار، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئورتاق پايدىلانساق ، يەنە رەھىمى كېلىپ تېلفۇنۇمغا پۇل قاچىلاپ قويدىغانلار چىقامدۇ تېخى .    بەك چارچىدىم جۇمۇ ، ئىككى سائەت بولدى ، مەن تورخانىدا ئولتۇرۇپ تېما يازغىلى .  بۇ تېما مۇشۇ مۇنبەردىكى ئىككى قېرىندىشىمنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يېزىپ چىقىلدى . كۆچۈرمەڭ ، ئەمما مەنبەنى تارقىتىڭ ! 
 
 
 
 
 |