ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1077|ئىنكاس: 5
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

中兴U880E نى بۇزۇپ قويدۇم، ياردەم كېرەك!

3

تېما

44

يازما

154

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
406
ئاقچا
1
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئالىپ ئەھلى!  گەپنى ئەگىتمەي دەۋېرەي...
ئۆتكەندە دىگەندەك، جوڭگۇ كۆچمە تېلېگىرافىدىن بىر دانە 中兴U885 تېلىفۇنى ئېلىپ، ئۇنى توردىن ماتېرىيال ئاختۇرۇپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە روم يېڭىلاپ، نەشىرىنى 4.04 كە كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرچىنى نورمال تونۇيدىغان ھالەتكە ئەكەلگەن ئىدىم. بۇنى بۇ تېمامدىمۇ دەپ ئۆتكەن ئىدىم. تۈنۆگۈن كەچ ھېلىقى بىر مەرۋايىت تۇتاشتۇرۇپ ئوينايدىغان ئويۇننى بالامغا قاچىلاپ بېرىمەن دەپ، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن قوزغاتسام، ئېكران كۆك رەڭلىك بالداق سىزىق چىقىۋېلىپ، ئېكران قېتىۋالدى. يەنە قوزغاتسام ئەھۋال ئوخشاش. Revovery ھالەتتە زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرساممۇ ئەھۋال يەنىلا ئوخشاش. ئىشقىلىپ تېلىفۇن بىر قوزغىلىپلا كۆرۈنمە يۈز كۆرۈنگەندىن كېيىن يەنە ئۆچۈپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇستازلاردىن مۇشۇندق ئەھۋالغا يولۇققانلار تەجىرىبەڭلارنى دەپ ياردەم قىلىۋەتسەڭلار!
ئەسكەرتىش: ئەسلى تېلىفونۇم جوڭگۇ كۆچمە تېلېگىرافىنىڭ 中兴U885 تىپلىق تېلىفونى ئىدى. مەن بۇنىڭغا中兴U885 نىڭ 4.0 رومى بولمىغاچقا،  4.0 دىن يۇقىرى نەشىرىكى روم قاچىلايمەن دەپ روم يېڭىلاپ، تىپىنى 中兴U880E  غا ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئىشلىتىش جەريانىدا سۈرئەت بىر ئاز ئاستىلاپ قالغاندەك بىلىنگەن، لېكىن ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللىغان ئىدى. ..

16

تېما

324

يازما

595

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2647
ئاقچا
9
taxna. ۋاقتى: 2013-1-7 14:45:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا روم قاچىلىسا تولپۇن تونىيامدىكەن

باھا سۆز

ھەئە، بىر خىل ماركىدىكى بولغاندىن كېيىن، تونۇيدىغان ئوخشايدۇ.  ۋاقتى: 2013-1-7 15:59
http://www.kutadgubilik.com/

3

تېما

44

يازما

154

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
406
ئاقچا
1
Mathteach  ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-7 16:22:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلىفونۇم ئوڭشالدى. بۇزۇلۇش سەۋەبىنى مەن مۇنداق تەھلىل قىلدىم.
1. ئەسلى تېلىفوننىڭ رومىنىڭ ئاندىروئىد نەشىرى 2.36 ئىكەندۇق، لېكىن مەن بۇنىڭغا 4.04 لىك رومنى قاچىلاپتىمەن. بەلكىم ئىككى خىل نەشىرنىڭ تېلىفوننىڭ سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپى ئوخشاش ئەمەس بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا تېلىفونۇم كۆپ ھاللاردا قېتىۋېلىپ جاپا ساپتۇ. مەسىلەن: قارلۇقنىڭ ھېلىقى سالام ئەلى دېگەن ئويۇنى ۋە چوڭ تىپتىكى ئويۇنلارنى ئوينىسام ئىجرا بولمايلا تېلىفون قېتىۋالاتتى ھەم تېلىفوننىڭ كەينى بەك قىززىپ كېتەتتى. بۇمۇ تېلىفوننىڭ بۇزۇلۇشىغا بىر سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.

2. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا تېلىفوننىڭ باتارىيىسىنى زەرەتلىمەيلا ئۆچۈپ قالغۇچە ئىشلىتىۋېرىپ، باتارىيىنىڭ ئۆمرىنى قىسقارتىۋېتىپتىمەن. تۈنۆگۈن كەچتىمۇ ھېلىقى چوڭ تىپتىكى ئويۇننى توكى ئازراق قېلىپ، تېلىفون «قورساق ئاچتى» دەپ قاچا تاراقشىتىپ كەتسىمۇ كارىم بولماي قاچىلاۋېرىپتىمەن. شۇڭا ئەسلى تېلىفون بىلەن كەلگەن باتارىيە كاردىن چىقىپتۇ.  بۇنى ئويلاشماي روم يېڭلاش بۇيرۇقىنى ئالدىراپلا بىرىپ ساپتىمەن تېخى! بەلكىم بۇمۇ تېلىفون بۇزۇلۇشنىڭ بىر سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
3. تېلېفونۇم ئۇيغۇرچىنى تونۇدى دەپ، توردىكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاچكۆزلۈك بىلەن قاچىلاۋېرىپ، تېلىفوننىڭ يۈكىنى ھەددىدىن زىيادە ئاشۇرۇۋېتىپتىمەن. ئەسلى ئۆزەمگە لازىملىق بولغىنىنىلا قاچىلاپ قالغىنىنى زاپاسلاپ ساقلاپ قويغان بولسام بولاتتىكەندۇق...
4. ھازىرغا قەدەر تېلىفونغا ئۇيغۇرچە تونۇتىمەن، رۇت ھوقۇقى ئالىمەن  دەپ بەك كۆپ ئېتىشىپ كەتتىم. شۇڭا بۇنىڭمۇ مەلۇم دەرىجىدە تەسىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن....
شۇنىڭ بىلەن يۇقارقىدەك باھانە سەۋەبلەر بىلەن تېلىفوننىڭ رۇتلاقلىق رومىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم ھۆججەتلەرنى تېلىفوننى بالامغا ئويناشقا بەرگەندە بالام ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تېلىفون قوزغىلىپلا يەنە ئۆچۈپ قالىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە باتارىيىسى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن باتارىيەدىن بىرنى 40 سومغا ئالدىم. ئاندىن ئەسلى رومنى قايتىدىن يازدىم. شۇنىڭ بىلەن تېلېفون ئوڭشالدى.... ئاخىرىدا ئالىپ تورىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ قەدرىگە يەتكەندەك بولدۇم. نادىر يازمىلارنىڭ ئارقىسىدا مۇشۇنداق بىر تارىخ بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟! ھازىرغا قەدەر قانچە تېلىفوننى بۇزۇپ، ئوڭشاپ بولغانسىلەر ھە! ئاخىردا ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن! رەھمەت سىلەرگە!...

12

تېما

517

يازما

1164

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4695
ئاقچا
1
QQ
تادان ۋاقتى: 2013-1-7 17:04:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Revoveryدا باشقا روم يىزىپ ئوڭشىۋالمامسىز .Revoveryگە كىرمىسە قورقساق بولىدۇ.

14

تېما

864

يازما

119

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3482
ئاقچا
1
amat015 ۋاقتى: 2013-1-8 02:08:02 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە يانفۇننىڭ كەينى تەرىپى قىززىپ كەتكەنلىكنىڭ ئۆزىلا تىلىفۇنغا يازغان روم بىلەن قاتتىق دىتاللارنىڭ ماسلاشمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن cpu  بىلەن خەت ئامبىرى (زىكۇ) ماسلاشقان تەقدىردىمۇ توك مەنبەسى ماسلاشماسلىقى مومكىن. شۇڭا  ئامال بار  ئۆزىنىڭ تىپىغا ماس كىلىدىغان رومنى يىزىپ ئىشلەتسە ياخشى بولامدىكىن. بۇ مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم.

باھا سۆز

مېنڭچىمۇ شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ.  ۋاقتى: 2013-1-8 16:26
شەيدا بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
شەيدا ۋاقتى: 2013-5-2 14:58:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش