- جۇغلانما
- 436
UID3559
تىزىملاتقان2011-10-23
ئاخىرقى قېتىم2014-5-23
توردا81 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 436
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghurum0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-6 03:10
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى مىكرو بىلوگ دەيدىغان بىر ئاتالغۇ تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىردى . مۇشۇ مىكرو بىلوگنى ۋاستە قىلىپ نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ دۇنيادىكى گىگانىت ئۇچۇر تىخنىكا شىركەتلىرىگە ئايلاندى . دۇنياۋى بولغان مىكرو بىلوگ Twitter ، دۆلتىمىزدىكى 微博 قاتارلىقلار تور دۇنياسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئايرىلماس ھەمرايىغا ئايلاندى . مىكرو بىلوگ يوللانغان تېمىنىڭ قىسقا ، تېز بولۇشتەلەك ئالاھىدىلىكلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بولۇپ ئەتراپىڭىزدا يۈزبىرىۋاتقان ئىشلارنى مەيلى كومپىيوتىر مەيلى يان تېلفون بولسۇن دەل شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە سىزگە ئەگەشكەن تۈمەنمىڭلىغان كىشلەرگە بىلدۈرەلەيسىز ، ھىس قىلغانلىرىڭىزنى يوللاپ ئۆزىڭىز بىلەن ئورتاق ئىددىيەدىكى كىشىلەر ئارا پىكىر ئالماشتۇرالايسىز . ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى مۇنبەرلەرگە ئوخشاش تەستىق كۈتىدىغان ئىش يوق ، يوللىغان ھامان باشقىلار كۆرەلەيدۇ . گەپنىڭ نەق مىغىزىغا كەلسەك ئۆز ئانا تىلىمىزدىكى مىكرو بىلوگ بولۇشىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئەلۋەتتە ئويلايسىزدە ! ....بولمامتىكى . ئۇ بولسىمۇ قارلۇق مېدىيا پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولغان گۈدۈك مىكرو بىلوگى . ئادىرسى:Http://www.guduk.com بۇ مىكرو بىلوگ سۇپىسى ئىچىلغاندىن بۇيانقى قىسقىغىنە يېرىم يىللىق مۇساپىدە بارغانسىرى مۇكەممەللىشىشكە يۈزلىنىپ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن 12000 دىن ئارتۇق ئەزانى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى . بۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇيغۇر كومپىيوتىرچىلىقى ، تور ، ئۇچۇر - تىخنىكا ساھەسىگە تۆھپە قوشۇپ كىلىۋاتقان تىخنىك خادىملار ، سىز يەنە قارلۇق مېدىيا پەن تىخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاتامانلىرى بولغان پەخرىدىن قارلۇق ، نەجمىدىن قارلۇق ، نۇرمۇھەممەد قارلۇق قاتارلىقلار بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز . ئىشىنىمەنكى سىز بۇ مىكرو بىلوگدىىن ھەقىقى ئېنتىرنىت تورىنىڭ ھوزۇرىنى سۈرەلەيسىز . قىنى ئەمىسە نېمىگە ئىككىلنىپ تۇرىۋاتىسىز ؟ دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ گۈدۈكچى بولۇڭدە بولىشىغا گۈدۈك چىلىڭ ! ھە راست ماڭا ئەگشىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ئادىرسىم :www.guduk.com/muhemmedemin
|
|