بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئىلقۇت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-3 16:37
ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىغا نازارەتچىلىك قىلىش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى
ھەممىمىزگە مەلۇم، بۈگۈنكى كۈندە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى كۈچلۈك خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىنتېرنېت تورى ساھەسىدە ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىغا بولغان سەل قاراش تۈپەيلىدىن، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىدا ئېغىر دەرىجىدە مەسىلە مەۋجۇت بولماقتا. ئانا تىلنى قوغداش ھەر بىر ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللانغۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر!
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى (باشبەت)دىكى ھەربىر پارچە يازما كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىملاغا بولغان قاتتىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن باشبەتتە تورداشلارنىڭ كۆرۈشىگە يوللىنىدۇ. ھازىرغىچە، بېكىتىمىزدە ئەڭ كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىنغان ۋە ئەڭ كۆپ زېھىن كۈچ تەلەپ قىلغان بىر بۆلەك دەل ئىملا كوررىكتورلۇق خىزمىتى بولماقتا.
گەرچە ئىملانى شۇنچە چىڭ تۇتۇپ ئىشلىگەن بولساقمۇ، ئەمما مۇكەممەللىك پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولۇپ، ئىنسان مۇكەممەللىكتىن يىراق بولغاچقا، بېكىتىمىزدىكى ئىملانىڭ توغرىلىق نىسبىتىنى %100 كە يەتكۈزدۇق دېيەلمەيمىز، بىز پەقەت ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىملانى ئەڭ يۇقىرى چەكتە توغرىلاشقا تىرىشتۇق دېيەلەيمىز.
شۇڭا، ئانا تىلغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنىڭ توغرىلىق نىسبىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى مەخسۇس ئىملا نازاراتچىلىك پائالىيىتىنى يولغا قويدى.
تور بېكىتىمىزدە يولغا قويۇلىدىغان ئىملا نازارەتچىلىك پائالىيىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىش شەكلى ۋە پىرىنسىپى تۆۋەندىكىچە:
1. پائالىيەت پىرىنسىپى
ئۇيغۇر تىلىنى بۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋر تەلىپىگە ماسلاشتۇرۇش، ئىنتېرنېت تورىدىكى ئۇيغۇرچە ماتېرىياللارنى ئىزدەشكە قولايلىق بولۇش، شۇنىڭدەك دىيارىمىزدىكى تىل-يېزىققا مەسئۇل ئورگانلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇشلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى (باشبەت)دىكى مەزمۇنلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسىگە ماسلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئەلكوررىكتور يۇمشاق دېتالىنىڭ كارخانا كەسپى نۇسخىسىغا ئاساسەن كوررىكتورلۇق ئېلىپ بېرىلغان. شۇ سەۋەبتىن، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى (باشبەت)دىكى مەزمۇنلىرىنىڭ ئىملا نازارەتچىلىكى يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. پائالىيەت ئېلىپ بېرىش شەكلى
ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرى ۋە قارلۇق شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى گۈدۈك مىكرو بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ (قارلۇق شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى گۈدۈك مىكرو بلوگىنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئىقتىساد ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن ئالاھىدە قوللاپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز!) پائالىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك، سۈپەتلىك، ياخشى ئېلىپ بېرىلىشىغا ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى كاپالەتلىك قىلىدۇ.
قىستۇرما ئەسكەرتىشى: مەزكۇر پائالىيەت لايىھەسى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن، قارلۇق شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى گۈدۈك مىكرو بلوگى بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، پائالىيىتىمىزنى ئىقتىسادىي ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، 500 يۈەن نەق پۇل ۋە تەشۋىقات جەھەتتىن قوللاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇڭا ئەسلىدىكى پائالىيەتنىڭ شەكلىدە ئازراق ئۆزگىرىش بولدى.
ئۆزگىرىش تۆۋەندىكىچە:
1) پائالىيەت ۋاقىت قەرەلى ۋاقتىنچە بىر ئاي قىلىپ بېكىتىلدى.
2) پائالىيەتكە كىرگۈزۈلگەن مەزمۇن دائىرىسى: ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى باشبەت (http://www.ilqut.com/)، گۈدۈك مىكرو بلوگىنىڭ سىستېما تىلى قىسمى (http://guduk.com)، ئوكيان تورىنىڭ سىستېما تىلى قىسمى (http://www.okyan.com) قاتارلىقلار بولىدۇ.
3) ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى داۋاملىق ھالدا دىيارىمىزدىكى شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىركەتلەرنىڭ ماددىي بويۇم ياكى ئىقتىساد جەھەتتىن قوللىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشىدۇ، ئەگەر دىيارىمىزدىكى مەزكۇر پائالىيەتنى داۋاملىق قوللاپ بېرىدىغان شىركەتلەر ئوتتۇرىغا چىقسا، پائالىيەت ۋاقتى ئۇزارتىلىشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك شىركەتلەر تەمىنلىگەن ماددىي بويۇم ياكى نەق پۇلنى مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئاكتىپ كۈچ چىقارغان تورداشلارغا مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق، پائالىيەتنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، مەزكۇر پائالىيەتنى قوللىغان شىركەتلەرنى ۋە شۇ شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
3. پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۇسۇلى
كەڭ تورداشلار ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى (باشبەت)دىكى مەزمۇنلار، ئوكيان تورىنىڭ سىستېما تىلىغا ئىشلىتىلگەن سۆز-ئىبارىلەر شۇنىڭدەك گۈدۈك مىكرو بلوگىنىڭ سىستېما تىلىغا ئىشلىتىلگەن سۆز ئىبارىلەرنىڭ ئىملاسىغا قارىتا نازارەتچىلىك ئېلىپ بارسا بولىدۇ. (ئادەم كۈچىمىزنىڭ چەكلىك بولۇشى ۋە ۋاقىت يار بەرمەسلىكى سەۋەبلىك، مۇنبەردىكى تېمىلار گەرچە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە تەھرىرلىنىدىغان بولسىمۇ، ئەمما تەھرىرلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېڭى ئىملا قائىدىسىگە تولۇق كۆنۈپ بولغۇچە، ئۇلاردىمۇ بەلگىلىك خاتالىق سادىر بولىدىغان بولغاچقا، مۇنبەر تېمىلىرى ۋاقىتلىق پائالىيەت دائىرىسگە كىرگۈزۈلمىدى!) پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا قارىتا چەكلىمە يوق. پەقەت ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىۋاتقان، ئۇيغۇر يېزىقىغا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھازىرلىغان ھەر قانداق تورداش مەزكۇر پائالىيەتكە قاتناشسا بولىدۇ.
كونكېرت ئۇسۇلى مۇنداق: تورداشلار ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ باشبېتىدىكى مەزمۇنلارنى كۆرۈش ۋە گۈدۈك مىكرو بلوگىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، ئەگەر ئىملا خاتالىقى بار سۆزلەر بايقالسا، ئۇنى رەتلەپ، ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىدە تېما يوللاش شەكلىدە ياكى گۈدۈك مىكرو بلوگىدا #ئىلقۇت مۇكاپاتلىق ئىملا نازارەتچىلىك پائالىيىتى# تېمىسىدا ئېكراندىن رەسىم تۇتۇپ مىكرو بلوگ يوللاش ئارقىلىق پاش قىلسا بولىدۇ.
پاش قىلىش ئۇسۇلى:
1) ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىدە پاش قىلىش شەكلى:
ئىملا خاتالىقى بار سۆز: XXXXX
مەزكۇر سۆزنىڭ توغرا بولغان ئىملاسى: YYYYY
مەزكۇر ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن يازما ئادرېسى: www.ilqut.com/xxxxx/yyyy/20130101.php
ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن سۆز سانى: xx تال سۆز
2) گۈدۈك مىكرو بلوگىدا پاش قىلىش ئۇسۇلى:
#ئىلقۇت مۇكاپاتلىق ئىملا نازارەتچىلىك پائالىيىتى# ئىملا خاتالىق كۆرۈلگەن سۆز «XXXXX»، بۇ سۆزنىڭ توغرا بولغان ئىملاسى «YYYYY»، يازما كېلىش مەنبە ئادرېسى: www.ilqut.com/xxxxx/yyyy/20130101.php غا شۇ ئىملا خاتالىقى كۆرۈلگەن جاينى ئېكراندىن رەسىمگە تۇتۇپ گۈدۈك مىكرو بلوگىغا رەسىم شەكلىدە قىستۇرۇپ يوللاش...
رەسىمدىكىدەك:
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدىكى ئىملا خاتالىقى
گۈدۈك مىكرو بلوگىنىڭ سىستېما تىلىدىكى ئىملا خاتالىقى
ئىملاسى خاتا سۆزلەر يۇقىرىقى شەكىلدە ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرى ۋە گۈدۈك مىكرو بلوگىدا پاش قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى شۇ سۆزلەرنىڭ ئىملاسىغا قارىتا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئېلىپ بېرىپ، ئەگەر شۇ سۆزنىڭ ئىملاسى ھەقىقەتەن يېڭى ئىملا قائىدىسى بىلەن بىردەك بولمىسا، پاش قىلغۇچى تورداشنى نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. مۇكاپات سوممىسى شۇ تورداشنىڭ يانفونىغا قاچىلاپ بېرىلىدۇ (مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلدى، ئەگەر تورداشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى پىكىر-تەكلىپى بولسا، تەمىنلىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. پائالىيەتكە قاتناشقان تورداشلار ئۆزىنىڭ ئىشلىتىۋاتقان يانفون نومۇرىنى ئېلخەت: rawajtap@126.com قا ئېلخەت يوللاش شەكلىدە مەلۇم قىلسا بولىدۇ.)
مۇكاپات سوممىسى ھازىرقى ئەھۋالدا ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىنىڭ ئۆز ئىقتىسادى ۋە قارلۇق شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى گۈدۈك مىكرو بلوگى تەمىنلىگەن مۇكاپات سوممىسىغا ئاساسەن بېكىتىلدى. ئەگەر دىيارىمىزدىكى ئانا تىلغا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار شىركەتلەر مەزكۇر پائالىيەتتىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن، مەزكۇر پائالىيەتنى قوللاپ بەرسە، ئۇ ۋاقىتتا مۇكاپات سوممىسىدا ۋە مۇكاپات بويۇمىدا قايتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى مۇكاپاتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى شۇ قوللىغۇچى شىركەت بەلگىلەيدۇ. ئەگەر بۇنداق قوللاشقا ئېرىشەلمىسەك، ئۇ ھالدا پائالىيەت داۋاملىق ھالدا يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مەزكۇر پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشقان، كۈچ چىقارغان، قاتناشقان تورداشلارنىڭ پاش قىلغان ئىملا خاتالىقى بار سۆزلەرنىڭ مۇكاپاتى نەقلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدا ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شۇ تورداشنىڭ ئەمگىكىگە قارىتا مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق باشقا تورداشلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئىملاغا تېخىمۇ دىققەت قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئانا تىلغا بولغان مەسئۇلىيەتنى ئەڭ ئاددىي ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بولغان ئۆزىمىز يېزىۋاتقان يېزىقنىڭ ئىملاسىغا دىققەت قىلىشتىن باشلاش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدىكى ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا قارىتا باشلامچىلىق رول ئويناش ئىشقا ئاشۇرىلىدۇ.
پائالىيەت مۇكاپات سوممىسى:
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ۋاقتى ۋاقتىنچە بىر ئاي قىلىپ بېكىتىلدى. (2013-يىلى 1-يانۋاردىن 2013-يىلى 1-فېۋرالغىچە بولىدۇ.) ئەگەر داۋاملىق ھالدا مەزكۇر پائالىيەتنى قوللاپ بەرگۈچى شىركەتلەر مەيدانغا چىقسا، ئۇ ھالدا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، پائالىيەت ۋاقتى ۋە مۇكاپات سوممىسىدا قايتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
مۇكاپات ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ:
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 300 يۈەن نەق پۇل
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 200 يۈەن نەق پۇل
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات 10 نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 50 يۈەن نەق پۇل
ئاخىرقى سۆز
بۇ قېتىم ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرى ۋە گۈدۈك مىكرو بلوگىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان «ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىغا نازارەتچىلىك قىلىش مۇكاپاتلىق پائالىيىتى»نىڭ تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلىرىمىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ، پائالىيىتىمىزنىڭ ئۈنۈملۈك، سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىنى قوللاپ بېرىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۆز شىركىتىنى ۋە شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ، تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنىڭ قالايمىقان بولۇشى سەۋەبلىك، ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدا تىلىمىزنىڭ سۈپىتىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك تەخىرسىزلىكنى توغرا تونۇپ يېتىپ، مۇشۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ بېرىشىنى، شۇنداقلا كەڭ تورداشلارنىڭمۇ، ئىلقۇت كارخانىچىلار تورىدىكى كەسپىي مەزمۇنلارنى كۆپرەك كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىملەرگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئانا تىلغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، پائالىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
دەسلەپكى قەدەمدە، مۇكاپات سوممىسى بەلكىم ئانچە يۇقىرى بولمىغان بولۇشى، تورداشلارنىڭ تارتقان جاپاسىغا ئۇيغۇنلاشمىغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۆزىنىڭ ئانا تىلىغا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچان بولغۇچى تورداشلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئۆز ئانا تىلىمىزغا مەسئۇل بولۇش، ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى، سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. بۇ يەردە مۇكاپات پەقەت بىر ۋاسىتە، مۇپاكات پەقەت مۇشۇ پائالىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك، سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان تورداشلارنىڭ تارتقان جاپاسىغا قارىتا ئاز-تولا رەھمىتىمىزنى ئېيتىپ، مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن تەسىس قىلىنغان. ئەگەر دىيارىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرسەك، پائالىيەت مۇكاپاتىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ. ھەمدە بىز دىيارىمىزدىكى شىركەتلەرنىڭمۇ بۇ پائالىيەتنى چوقۇم قىزغىن قوللاپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!
ئەڭ ئاخىرىدا، تورداشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنىڭ يېتەرسىزلىكى بولسا تۈزىتىش پىكىرىنى بېرىشىنى، پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا قارىتا قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
ھۆرمەت بىلەن:
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى
2013-يىلى 1-يانۋار
-------------------------------------
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئالاھىدە قوللىغان ئورۇن: قارلۇق شىركىتى باشقۇرۇشىدىكى گۈدۈك مىكرو بلوگى
-------------------------------
تېما تولۇقلىمىسى (20130102):
تورداشلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن بىر قانچە پارچە كىچىك تەشۋىقات رەسىمى تەمىنلەندى. تورداشلارنىڭ قوللاپ بەرگىنىگە رەھمەت.
640*120 چوڭلۇقىدا
310*70 چوڭلۇقىدا
300*80 چوڭلۇقىدا
تورداشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەتنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز! |