|
saihon i91 تىلفۇنىنى تىلگىرافنىڭ بىزنىڭ تۇرپاندا تارقاتقان ئىدى ، باشقا جايلاردا تارقاتتىمۇ خەۋرىم يوق ، بۇ تىلفۇننىڭ سىستېمسى android 2.3.5 ، تور بەتتە خەتلەر سولدىن ئوڭغا ئۈزۈك چىقىدۇ ، تۇلا ھەپىلىشىپ ئاخىرى بۇ تىلفۇنغا ئۇيغۇرچىنى تۇنۇتتۇم (كېڭەيتىلگەن رايوندا ) . بۇ تىلفۇننىڭ ماتىرياللىرىنى توردىن تاپالمىدىم ، سۈرىتىدىن باشقا ھىچنىمىسى يوقكەن . بۇ جەرياندا ئۈچ تىلفۇننى كېسەك قىپتىمەن ، ئىككىنى تىلگرافقا كىرىپ ئالماشتۇرۇپ چىقتىم .
كۈندە تىلفۇن ئالماشتۇرمەن دەپ كىرىۋەرگىلى بولمايدۇ -دە ، باشقىلار ھەممىسى نورمال ئىشلىتۋاتسا ، شۇڭا ئاساسى رايوندا ئۇيغۇرچىنى تونۇتىمەن دەپ كۈچەپ كەتمىدىم ، بۇ تىلفۇننى ئىشلىتۋاتقانلار ھازىرچە مۇشۇنىڭغا رازى بۇپ تۇراسىلەر .
بىرىنچى باسقۇچ : روت ھۇقوقى ئالىمىز ، تىلفۇننى كومپيوتېرغا ئۇلاپ ، 360 .... دىگەندەك دىتاللار بىلەن كومپيوتېرغا تونۇتۇڭ . 刷机精灵 دىتالىنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرغا قاچىلاڭ ، 常用工具 دىن root破解 نى بىسىپ ، 完成 دىگەن خەت چىققاندا تىلفۇننى قايتا قوزغۇتۇڭ . تىلفۇنغا RE管理器 نى قاچىلاڭ .
ئىككىنچى باسقۇچ : بۇ يەردىن خەت نۇسخىسىنى چۈشۈرۈڭ ، پىرىستىن يېشىپ SD كارتىڭىزغا سىلىڭ ، RE管理器 ئارقىلىق بارلىق ھۈججەتلەرنى system مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈڭ ، ھەممىسىگە ھۇقوق بېرىڭ ( ئەسكەرتىش : ھۇقوق بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ !!!) . ئاندىن system/fonts مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ قايتا قوزغۇتۇڭ . ئاندىن libicuuc.so , libskia.so , libwebcore.so بۇ ئۇچ ھۈججەتنى system/lib مۇندەرىجىسىگە كۆچۈرۈپ قايتا قوزغۇتۇڭ . ئەمدى ئۇيغۇرچە تورلارغا چىقىپ كۆرۈپ بىقىڭ . سۈرەت يوللاي دىسەم ھازىر saihon i91 تىلفۇن يىنىمدا بولماي قالدى ، غەم قىلماي ئالماشتۇرۇڭ ، تۇغرا مەشغولات قىلسىڭىزلا كېسەك بولمايدۇ .
ئەسكەرتىش : تىلفۇن مەشغولاتىغا پىششىق بولمىسىڭىز سىنىماڭ !!!!!! تىلفۇنىڭىز كىسەك بۇلۇپ قالسا مەن ئىگە ئەمەس .
|
|