بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-18 21:37
تۆۋەندە Android سستېمىدىكى ئاتالغۇلار ۋە ھۆججەتلەر ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە بېرەي ، كېيىنكى روم تۈزۈش قىسمىنى ئۆگىنش ئۈچۈن باشتىكى چۈشەنچە قىسمىنى ياخشى كۆرۈڭ .
ئەلتەر ئەپ بازىرى چۈشۈرۈش ئادرېسى :http://www.elter.cc/appmarket/uploads/share/share.html
Android سۆزىنىڭ ئىنگلىز تىلىدىكى مەنىسى ماشىنا ئادەم .
HBOOT
.بۇنى كومپىيۇتېردىكى BIOS دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ ، يەنى يانفۇننىڭ قوزغىلىش ئۇچۇرى ، ھۆججەتلەرنىڭ قاچىلىنىش تەرتىپى قاتارلىقلارنى باشقۇردىغان ھالەت .
RADIO
بۇنى تېلېفوندىكى ئالاقە بۆلىكى بىلەن سىستېما بۆلىكىنى باغلاپ تۇرىدىغان باغلانما دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ .
RECOVERY
بۇنى GHOST نىڭ بىر بۆلىكى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ ،يەنى GHOST قا ئوخشاش سىستېمىنى زاپاسلىغىلى ، ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ .
روم ھەققىدە
ئادەتتە Androidسىستېمىنىڭ سىستېما ھۆججىتى يەنى روم ZIPشەكىلدە بولىدۇ(ئاز بىر قىسمى TARشەكىلدە )ZIP ھۆججىتىنى ھەممىمىز بىلىمىز يەنى پىرىس ھۆججەت ،بۇنى WINRARدىن پايدىلىنىپ ئاچساق ياكى يېشىپ مەلۇم بىر يەرگە قويساق بولىدۇ ،
كۆرگىنىمىزدەك بىر رومدا ئادەتتە system ، META-INFمۇندەرىجىسى ۋە بىر boot.imgھۆججىتى بۇلىدۇ ،بەزى روملاردا يەنە باشقا قۇشۇمچە ھۆججەتلەرمۇ بولىدۇ مەسىلەن data/appمۇندەرىجىسى recovery،ھۆججىتى ۋە باشقىلار ، بۇ يەردىكى data/appنىڭ ئىچىدە بەزى ئەپلەر بولىدۇ ،يەنە قارىساق system/appنىڭ ئىچىدىمۇ نۇرغۇن ئەپلەر بار ، ئۇنداقتا data/appتىكى ئەپلەر بىلەن system/appتىكى ئەپلەرنىڭ قانداق ئوخشىماسلىقى بار ،؟بىردىنبىر ئوخشىماسلىقى system/appنىڭ .ئىچىدە سىستېما ئەپلېرى ۋە باشقا قۇشۇمچە ئەپلەر بولىدۇ ،سىستېمىنى تېلېفونغا ئورناتقاندىن كېيىن بۇ ئەپلەر روتسىز يۇيغىلى بولمايدۇ data/app،نىڭ ئىچىدىكى ئەپلەر بولسا كېيىن قوشقان قۇشۇمچە ئەپلەر(سىستېما ئەپلېرى ئەمەس ،قوللىنىشچان ئەپلەر)مەسىلەن ئويۇن ،كىيۇ كىيۇ ،مىكروخەت دىگەندەك ، بۇ ئەپلەرمۇ سىستېما بىلەن تەڭ ئورنىتىلىدۇ ،بىراق روتسىزمۇ خالىغانچە يۇيىۋەتكىلى بولىدۇ
META-INFمۇندەرىجىسى رومغا ئىمزا قويۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇندەرىجە ئادەتتە تەھرىرلىمەيمىز .،
Boot.imgھۆججەت بولسا سىستېمىنىڭ يادرو ھۆججىتى ،ئىجرا قىلغۇچى ھۆججەت دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ ،ھەربىر رومنىڭ boot.imgھۆججىتى بىرگە بىر مۇناسىۋەتتە بولىدۇ ،شۇڭا بۇ ھۆججەتنى ئالماشتۇرۇشقا ھەم قالايمىقان تەھرىرلەشكە بولمايدۇ
Systemمۇندەرىجىسى بىز تەھرىرلەيدىغان ئاساسلىق مۇندەرىجە ،تۆۋەندە بۇ مۇندەرىجىدىكى ھۆججەتلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي . .
System/app.1 مۇندەرىجىسى : بۇ مۇندەرىجىدە ئاساسلىق سىستېما ئەپلېرى قويۇلغان بولىدۇ ،بەزى روملاردىكى بۇ مۇندەرىجىدە ھەربىر ئەپكە ماس ھالدا odexھۆججەتلەر بولىدۇ ،بۇ odexھۆججەتلەرگە ئانچە كۆڭۈل بۆلمىسەكمۇ بولىدۇ ،ئەپلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى :
\system\app\Browser.apkتور كۆرگۈچ
\system\app\Bugreport.apk دوكلات
\system\app\Calculator.apk ھېسابلىغۇچ
\system\app\Calendar.apk كالېندار
\system\app\CalendarProvider.apk كالېندار تەمىنلىگۈچ
\system\app\Camera.apk ئاپپارات
\system\app\com.amazon.mp3.apk ئامازون مۇزىكىسى
\system\app\Contacts.apk ئالاقەداشلار
\system\app\DownloadProvider.apkچۈشۈرۈش
\system\app\Email.apkئېلخەت
\system\app\FieldTest.apk تەكشۈرۈش پىروگراممىسى
\system\app\GDataFeedsProvider.apk گوگىل ساندان
\system\app\Gmail.apk گوگىل ئېلخەت
\system\app\GoogleApps.apk گوگىل ئەپ
\system\app\GoogleSearch.apk ئىزدەش قۇرالى
HTML\system\app\HTMLViewer.apk كۆرگۈچ
\system\app\Launcher.apk قوزغاتقۇچ
\system\app\Maps.apk خەرىتە
\system\app\MediaProvider.apk ۋاستە تەمىنلىگۈچى
\system\app\Mms.apk قىسقا ئۇچۇر ،رەڭلىك ئۇچۇر
\system\app\Music.apk مۇزىكا قويغۇچ
\system\app\PackageInstaller.apkئورنىتىش پىروگراممىسى
\system\app\Phone.apk تېلېفون نومۇر بۇرىغۇچ
\system\app\Settings.apk سىستېما تەڭشىكى
\system\app\SettingsProvider.apk تەڭشەك تەمىنلىگەن
\system\app\SetupWizard.apk تەڭشەك يولباشچى
\system\app\SoundRecorder.apk ئۈنئالغۇ
\system\app\Street.odexكوچا خەرىتە
\system\app\Sync.apk قەدەملىگۈچ
\system\app\Talk.apk ئۈن پىروگراممىسى
\system\app\TelephonyProvider.apkتېلېفون تەمىنلىگۈچى
\system\app\Updater.apk يېڭىلاش پىروگراممىسى
\system\app\Vending.apk زاۋۇت ئۇچۇرى
\system\app\VoiceDialer.apk ئۈنلىك نومۇر بۇرىغۇچ
\system\app\TtsService.apkدوسلاردىكى ئۆزگىرىش توڭى
\system\app\TtsService.apkئۈن بىرىكتۈرۈش
\system\app\Twitter.apkبىلوگ
\system\app\SuquashiInputMethod.apkخەت كىرگۈزگۈچ
\system\app\UserDictionaryProvider.apkئابونت لوغىتى
\system\app\VoiceSearch.apkئۈنلىك ئىزدەش
\system\app\***Services.apkتور مۇلازىمىتى
Youtbe\system\app\Youtbe.apk سىن
ئادەتتە ئوخشىمىغان روملاردىكى ئەپلەرنىڭ ئىسمى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن ،قانداقلا ئىسىمدىكى ئەپ بولسۇن شۇ ئەپنى يەشسەك ياكى ئاددى ئۇسۇلدا شۇ ئەپنى قايتا ئورنىتىش بۇيرۇقىنى بەرسەك ئەپنىڭ ھەقىقى نامىنى بىلەلەيمىز .
system\frameworkھۆججەت خالتىسى بىز روم گۈزەللەشتۈرگەندە تەھرىرلەيدىغان ئاساسىي جازا . بۇنىڭ ئىچىدىكى jar ھۆججەتلىرى سىستېمىنىڭ مۇھىم ئىقتىدارلېرىنى نورمال ئىجرا قىلىشقا ياردەم قىلىدۇ. ئادەتتە بۇ jarھۆججەتلىرىگە تەگمەيمىز ،شۇڭا بىر بىرلەپ چۈشەندۈرمەي . jar ھۆججەتلىرىدىن باشقا ئەڭ مۇھىم ئاساسىي جازا ھۆججىتى framework-res.apkمۇ مۇشۇ ھۆججەت خالتىسىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ . بەزى روملاردىكى frameworkمۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىدە framework-res.apk دىن باشقىمۇ apk ھۆججەتلىرى بولىدۇ،مەسلەن com.htc.resources.apk دىگەندەك ،بۇ frameworkمۇندەرىجىسىنىڭ ئىچىدىكى apkھۆججەتلەر سىستىمىنىڭ ئاساسىي جازىسى بولقانلىقتىن سىستىما تەرجىمە قىلغاندا ئەڭ ئالدى بىلەن مۇشۇ apkھۆججەتلەرگە ئۇيغۇر تىلىنى قۇشىمىز . سىستىمىنىڭ سىگنال ، توكدان ،تور ،كۆكچىش قاتارلىقلارنىڭ سىنبەلگىلېرىنىمۇ مۇشۇ ئەپلەردىن ئۆزگەرتىمىز.
System/bin مۇندەرىجىسىدىكى ھۆججەتلەرگە سىستېمىنىڭ مۇھىم ئىقتىدارلېرىنىڭ كودلېرى يېزىلغان بولىدۇ ،مەسلەن بارماق تونۇش ،ھالەت ئىستونى تۇتقۇچ ، قوزغىلىش مۇلازىمىتى دىگەندەك ، شۇڭا بۇ مۇندەرىجىدىكى ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتمەڭ .
System/ect مۇندەرىجىسىگە ئارقا سەھنىدە تۇرۇپ تېلېفوننىڭ قاتتىق ،يۇمشاق دېتاللېرىنى قوللاپ بېرىدىغان ھۆججەتلەر ساقلانغان بولىدۇ ،مەسلەن GPSتەڭشىكى ،sdكارتا قاچىلىغۇچ،تورنىڭ كىرىش ئېغىزى ،WIFIقىستۇرۇلما ئەلەي بەلەي دىگەندەك ، بۇ ھۆججەتلەرنىمۇ ئۆزگەرتمەڭلا ر .
System/fonts مۇندەرىجىسى ھەممىمىزگە تونۇش بولسا كېرەك ،خەت نۇسخىسى قاچىلانغان مۇندەرىجە DroidSansFallback.ttf،بولسا خەنچە خەت نۇسخسى DroidSans-Bold.ttf، بولسا ئېنگلىزچە خەت نۇسخسى ، ئادەتتە ئۇيغۇرچە قوللىتىش ئۈچۈن ئالماشتۇردىغىنىمىز بولسا DroidSansArabic.ttf
System/lib مۇندەرىجىسى
System/libمۇندەرىجىسىدە كۆپلىگەن SOھۆججىتى بولىدۇ ،بەلكىم SO دەپ بۇغىچە ھېلىقى تېلېفونۇمدىكى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى ئۇلاپ بەرمىگەن ئەبلەخ شۇغۇ دىگەن خىيال كاللاڭلاردا ئەگىپ يۈرۈيدىغاندۇ .ئەمەلىيەتتە system/libنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە خەتلېرىمىزنى ئۇلاپ بېرەلمىگەن ھەم بېرەلىگەن ئاشۇ libicuuc.soھۆججىتىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مۇھىم بولغان SOھۆججەتلېرى بار ، ئۇلار ئاساسلىق
***Lib/dspDSPقوزغاتقۇچقا ئائىت مۇندەرىجە
***lib/egl كۆرسەتكۈچ يادروسىغا ئائىت مۇندەرىجە
***libaudio.so مىكرافون ۋە ئۈن قوزغاتقۇچ
***libaudioflinger.so ئۈن قوزغاتقۇچ
***libbridge.so ئاپپاراتقا ئائىت
***libbattd.so باتارېيە قوزغاتقۇچ
***libcamera.so ئاپپارات قوزغاتقۇچ
***libcameraservice.so ئاپپارات مۇلازىمەت قوزغاتقۇچ
***libfmradio.so رادىئو قوزغاتقۇچ
***libHPImgApi.so رەسىم ئېغىزى قوزغاتقۇچ
***libOMX.TI.JPEG.Encoder.so رەسىم كودلىغۇچ
***libOMX.TI.AAC.decode.so بۇ تۈردىكىلەرنىڭ ھەممىسى ۋاستە قوزغاتقۇچلار
\system\lib\libandroid_runtime.so سىستېما ئىجرا قىلغۇچ
\system\lib\libandroid_servers.soسىستېما مۇلازىمەتچىسى
\system\lib\libaudioeq.so ئاۋاز تەڭشىگۈچ
\system\lib\libaudioXXXX.so لەر ئاۋازغا ئائىت
\system\lib\libbluetooth.so كۆكچىشقا ئائىت
\system\lib\libcamera xxx.so ئاپپاراتقا ئائىت
\system\lib\libcrypto.so سىفىرلاشقا ئائىت
بۇلاردىن باشقا بىز باشقا ئەپلەرنى ئورناتساق شۇ ئەپنىڭ ئىچىدىكى soھۆججەتلەر مۇشۇ system/libمۇندەرىجىسىگە قاچىلىنىدۇ ،مەسلەن بەيدۇخەت كىرگۈزگۈچىنى قاچىلىساق شۇنىڭ ئىچىدىكى libkpencore.soبىلەن librabjni.soھۆججىتى مۇشۇ مۇندەرىجىگە كۆچۈرۈلىدۇ ،بۇ ئىككىسىنى يۇيىۋەتسەك بەيدۇ خەت كىرگۈزگۈچىسى ئىشلىمەيدۇ دىگەن گەپ ، ئەمما چاتاق يېرى بەزى دىتاللارنى قاچىلىساق system/libگە قاچىلانغان soھۆججەتلېرى شۇ دىتالنى يۇيغاندىن كېيىن يۇيۇلماي قىلىپ سىغىم ئىگەللەيدۇ ،شۇڭا ئۇنداق soھۆججەتلېرىنى قول سىلىپ يۇيىۋىتىش كېرەك ..
System/mediaمۇندەرىجىسى
بۇ مۇندەرىجىدە ئاساسلىق bootanimation.zipھۆججىتى بىلەن audioمۇندەرىجىسى بولىدۇ ،
Bootanimation.zipھۆججىتى بولسا دەل تېلېفوننىڭ ئىچىلىش رەسىمى(ھەركەتلىك)،بۇنى تەھرىرلەشنى كېيىن سۆزلەي ،ياكى ئۆزۈڭلار قېرىشىپ باقساڭلارمۇ قىلالايسىلەر ،
System/media/audioمۇندەرىجىسىدە ئاساسلىق تېلېفوننىڭ ئاۋاز ھۆججەتلېرى بولىدۇ يەنى
\system\media\audio\alarms قوڭغۇراق سائەت ئاۋازلېرى
\system\media\audio\notificationsئەسكەرتىش ئاۋازلېرى(قىسقا ئۇچۇر )
\system\media\audio\ringtonesقوڭغۇراق ئاۋازى (كەلگەن تېلېفون)
\system\media\audio\ui مەشغۇلات ئاۋازى
بۇ ئاۋاز ھۆججەتلېرى ئادەتتە oggشەكىلدە بولىدۇ ،بەزى سىستېمىلاردا mp3شەكىلدىمۇ بولىدۇ . بۇ مۇندەرىجىلەرگە يەنە شۇ شەكىلدىكى ئاۋازلىق ھۆججەتلەرنى قۇشۇشقا ھەم يۇيۇشقا بولىدۇ
.System/usrمۇندەرىجىسى بولسا ئابونت مۇندەرىجىسى ،ئىچىدە ئىشلەتكۈچنىڭ ھەمبەھىرسى ،كونۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇش ،ۋاقىت ،رايون غا ئائىت ئۇچۇرلار ساقلانغان بولىدۇ ،بۇ مۇندەرىجىنى تەھرىرلەش ھاجەتسىز
،system/build.propھۆججىتىنى بىخەتەر ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ ،ئەمما قالايمىقان ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ،بۇ ھۆججەتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سىستېمىنىڭ كۆڭۈلدىكى تىلى ، رايون ، كۆڭۈلدىكى ئاۋازلار ،سىستېما نەشىرى دىگەندەك مەزمۇنلارنى تەڭشەشكە بولىدۇ ، بۇ ھەقتە كېيىنكى دەرىسلىكلەردە تەپسىلىي توختىلىمىز .
رومنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن ،ئەمدى چاپاننىڭ يىڭىنى جەينەككىچە تۈرۈپ روم تۈزۈشنى باشلاڭ ،
System/appنىڭ ئىچىدىن ئىشلەنمەيدىغان ئەخلەت ئەپلەرنى يۇيۇڭ ،ئەگەر يۇيغان ئەپنىڭ odexھۆججىتى بولسا قوشۇپ يۇيۇڭ ،ياقتۇرغان باشقا ئەپلېرىڭىز بولسا قۇشسىڭىز بولىدۇ ،يېڭى ئەپ قۇشقاندا چۇقۇم ئەڭ يېڭى نەشىرىنى قۇشۇڭ ،(دىققەت : سىستېما ئەپلېرىنى Settings.apk، Framework-res.apk دىگەندەك ۋە باشقىلار ،،نى قالايمىغان يۇيماڭ ،سىستېما ئىشلىمەي قالىدۇ )
System/mediaمۇندەرىجىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز ھۆججەتلېرىنى يۇيسىڭىز ياكى قۇشسىڭىز بولىدۇ .
ئەگەر روت ھۇقۇقى ئالماقچى بولسىڭىز تەمىنلەنگەن suھۆججەتنى system/xbinمۇندەرىجىسىگەSuperuser.apkنى system/appمۇندەرىجىسىگە قۇيۇڭ .سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
ئۇيغۇرچە تونۇتماقچى بولسىڭىز كومپىيۇتېردىكى ياقتۇرغان ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىڭىزنىڭ ئىسمىنى DroidSansArabic.ttf دەپ ئۆزگەرتىپ(تەييار خەت نۇسخسىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ) system/fonts نىڭ ئىچىدىكى شۇ ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرۇڭ ئاندىن تېلېفونىڭىزغا ماس كىلىدىغان libicuuc.soھۆججىتىنى تېپىپ system/libنىڭ ئىچىدىكى شۇ ھۆججەت بىلەن ئالماشتۇرۇڭ .
ھەممىنى تەڭشەپ بولغاندىن كېيىن رومغا ئىمزا قۇيىمىز ،
( ئىمزا قۇيۇشقا جاۋا مۇھىتى كېرەك ،شۇڭا ئالدى بىلەن جاۋا مۇھىتى ھازىرلاڭ ، بىلمىگەنلەر بەيدۇغا java设置环境变量 دەپ ئىزلىسەڭلا بولىدۇ )
ئەگەر رومنى مەلۇم جايغا يېشىۋالغان بولسىڭىز يەنە بۇرۇنقىدەك ZIPشەكىلدە پىرىسلاپ ئىمزا قۇيۇڭ ،
ئەگەر رومنى بىۋاستە WINRARئىچىپ تۇرۇپ ھۆججەتلەرنى يۇيغان ياكى قۇشقان بولسىڭىز بىۋاستە شۇ رومغىلا ئىمزا قويسىڭىز بولىدۇ ،
ئىمزا قۇيۇش ئۈچۈن goapk_Sign V0.2دىتالىنى چۈشۈرۈڭ ،چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئىمزا قۇيىدىغان رومنى شۇ مۇندەرىجىگە قۇيۇڭ
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ
ئاندىن Imza Quyux.batنى قوش چىكىپ ئاچىمىز ،
رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ،بىر رەقىمىنى كىرگۈزۈپ Enterكونۇپكىسىنى باسساق ئىمزا قۇيۇشقا باشلايدۇ ،تەخمىنەن بىر مىنوتتا ئىزا قۇيۇپ بولىدۇ ،ئىمزا قۇيۇلغان روم Goapkدىگەن مۇندەرىجىگە ساقلىنىدۇ ،
شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام دىگەن گەپ ، ئۆزگەرتكەن رومىڭىزنى قاچىلاپ ھۇزۇرىنى سۈرۈڭ .
كېيىنكى دەرس : روم تۈزۈشتىش ئەپ كۆچۈرۈش
تېلېفونىڭىزدا بىر قانچە خەت كىرگۈزگۈچ ،بىر قانچە ئېكران باشقۇرغۇچ بولۇپ دائىم ئالماشتۇرۇپ ئاۋارە بۇلامسىز ؟ باكى باشقا تېلېفونلاردىكى مەلۇم سىستىما ئەپلېرىنىڭ سىزنىڭ سىستېمىڭىزدا بۇلىشىنى ، سىستېمىڭىزنى ئۆزىڭىز ياقتۇرغانچە تۈزۈشنى ئويلامسىز ؟ ئۇنداقتا دىققىتىڭىز كېلەركى دەرسلىكتە بولسۇن .
ئەلتەر ئەپ بازىرى چۈشۈرۈش ئادرېسى :http://www.elter.cc/appmarket/uploads/share/share.html
|