ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 944|ئىنكاس: 4
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئېچىلماس بوپ قالغان Samsung N190S ئوڭشاش ۋە Rom يىزىش ئۇسۇلى

7

تېما

88

يازما

146

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
525
ئاقچا
1
QQ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bahitkuyi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-12 21:06  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالپ تورىدىكى بارلىق دوستلار.
بۈگۈن سىلەرگە كىچىككىنە بىر سوۋغا ئىلىپ كەلدىم. نەچچە ھەپتە  ئىلگىرى بىر دوستۇم  Samsun I9000升级版 SHW-M190S  دىن بىرنى ئىلىپ كەپتىكەن. ئىككى كۈن ھەپىلىشىش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ يانفۇننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ Rom يېزىپ ئۆزگەرتتىم. شۇنداق قىلىپ بۇ خىل يانفۇندىن بىر نەچچىنى مۇشۇ ئۇسۇلدا يېزىپ چىقتىم. بۇ قېتىم  كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتمەكچىمەن.
1. Rom يېزىش ئۈچۈن كېتەرلىك ماتېرىياللار
Samsung  يانفۇنلىرىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسى SAMSUNG_USB_Driver_for_Mobile_Phones
SHW-M190S نىڭ 2.3.6 Rom ھۆججىتى (بۇ پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن، سىزدە باشقا Rom بولسا چۈشۈرسىڭىزمۇ بولىدۇ)
Rom يېزىش دېتالى Odin3 v1.7
2. ئېچىلماس بوپ قالغان تېلېفوننى ئېچىشقا كېتىدىغان ماتېرىياللار
قايتا فورماتلاش ھۆججىتى
ئەسلى زاۋۇت Rom ھۆججىتى
SD كارتىنى تونۇتۇش ھۆججىتى ( بۇھۆججەت ھەر ئىككى خىل ئۇسۇلنى قوللانغۇچىلارغا ئورتاق)

1. مەزمۇن: Samsung N190S يانفۇنىغا Rom  يېزىش ئۇسۇلى
ئەمدى ئالدى بىلەن نورمال يانفۇنغا يىڭى Rom قاچىلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ مەشغۇلاتنى قىلىش ئۈچۈن، سىز كومپيۇتېرىڭىزغا چوقۇم Samsung يانفۇنلىرىنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى قاچىلىغان بولىشىڭىز كېرەك. سىز قاچىلىمىغان بولسىڭىز يۇقىرىقى چۈشۈرۈش ئورنىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىۋىتىڭ. ئۇنىڭدىن كىيىن سىز يازماقچى بولغان Rom ھۆججىتىنى تەييارلىۋىلىڭ. سىزدە تەييار Rom ھۆججىتى بولمىسا ئۈستىدە تەمىنلىگەن Rom ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىۋېلىڭ. ئاخىردا Rom يېزىش دېتالى Odin3 v1.7 نى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىڭ. ( مەشغۇلاتنىڭ قولايلىق بولىشى ئۈچۈن، چۈشۈرگەن ھۆججەتلەرنى بىر ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە ساقلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن)  
ئەمدى تەييارلىقىمىز تولۇق بولدى. ئۇنداقتا بىز مەشغۇلاتنى باشلاپ كەتتۇق.
Rom يېزىش دېتالى Odin3 v1.7  ئېچىپ قوزغاتقاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈش ھاسىل بولىدۇ. (Win7 مۇھىتىدا باشقۇرغۇچى ھالىتىدە  قوزغىتىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن)


ئۇنىڭدىن كىيىن يانفۇنىڭىزنىڭ  مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن Home كۇنۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ Recovery  ھالىتىگە كىرىڭ. مەشغۇلات توغرا بولسا، يەر كولاۋاتقان ماشىنا ئادەمنىڭ رەسىمى كۆرىنىدۇ. (ئاندرويد ماشىنا ئادىمى)
بۇ چاغدا كومپيۇتېردىن ئۈسكىنىنى تونۇغانلىق ئاۋازلىق ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ ھەمدە بىز قوزغاتقان Rom يېزىش دېتالى Odin3 v1.7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. يەنى ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك.

يۇقىرىقى رەسىمدىكى COM12 نومۇرى ھەر خىل كومپيۇتېردا ھەر خىل بولۇپ، ئوخشىمىسا ھېچقىسى يوق

ئەمدى بىز دىتالدىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك تاللايمىز.

Rom ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى tar, mpd5  بولۇپ، PDA كۆزنىكىگە چوقۇم شۇنداق نامدىكى Rom ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بىرىمىز.

ئۇنىڭىدىن كىيىن تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك مەشغۇلات قىلىمىز.


بۇ ئاخىرقى مەشغۇلات بولۇپ، تەخمىنەن 3 دىن 5 مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ جەرياندا ئۈسكۈنىنىڭ USB  ئۇلاش سىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك. مەشغۇلات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ھالەت شەكىللىنىدۇ.

ھازىر مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا Rom يېزىش مەشغۇلاتىنى تاماملىدۇق. ئەگەر بۇ جەرياندا يانفۇن ئۆزى قوزغىلالمىسا يانفۇننى قايتا قوزغىۋەتسەك بولىدۇ. يانفۇن قوزغالغاندىن كىيىن بىز يانفۇننىڭ  SD كارتىنى تونىمىغانلىقىنى بايقايمىز . لېكىن ھېچقىسى يوق. بۇنىڭمۇ ھەل قىلىش چارىسى يۇقىرىقى SD كارتىنى تونۇتۇش ھۆججىتى چۈشۈرۈپ شۇنىڭدىكى مەزمۇن بويىچە مەشغۇلات قىلىۋەتسەك بۇ مەسىلىمۇ تەلتۆكۈس ھەل بولغان بولىدۇ.
ئەمدى سىز يانفۇنىڭىزنىڭ يىڭى نەشىرىنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
2. مەزمۇن: ئېچىلماس بوپ قالغان يانفۇننى ئېچىش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇل يۇقىرىقى 1- مەزمۇنغا ئوخشايدىغان  ئۇسۇلدا مەشغۇلات قىلىپ، سەۋەنلىك كۆرۈلۈپ يانفۇنى كېسەككە ئايلىنىپ قالغانلارغا ماس كېلىدۇ.
بۇ مەزمۇن 1.مەزمۇنغا قارىغاندا نازۇكراق بولۇپ، يىڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە تېمىنى تەپسىلى ئوقۇپ، چۈشەنچە ھاسىل قىلغاندىن كىيىن ئاندىن مەشغۇلات قىلىشىنى سەمىمىي تەۋسىيە قىلىمەن.
ئالدى بىلەن زۆرۈر ماتېرىياللاردىن يانفۇن ئەسلى زاۋۇت Rom ھۆججىتى بىلەن قايتا فورماتلاش ھۆججىتى چۈشۈرۈپ تەييار قىلىۋالىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئوخشاش ئۇسۇلدا  Rom يېزىش دېتالى Odin3 v1.7 دىتالىنى قوزغىتىمىز ھەمدە يانفۇنىڭىزنىڭ  مەنبە كۇنۇپكىسى بىلەن Home كۇنۇپكىسىنى تەڭ بېسىپ Recovery  ھالىتىگە كىرىڭ. مەشغۇلات توغرا بولسا، يەر كولاۋاتقان ماشىنا ئادەمنىڭ رەسىمى كۆرىنىدۇ. (ئاندرويد ماشىنا ئادىمى)
بۇ چاغدا كومپيۇتېردىن ئۈسكىنىنى تونۇغانلار ئاۋازلىق ئەسكەرتمىسى چىقىدۇ ھەمدە بىز قوزغاتقان Rom يېزىش دېتالى Odin3 v1.7 نىڭ كۆرۈنمە يۈزىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. يەنى ئاستىدىكى رەسىمدىكىدەك.

يۇقىرىقى رەسىمدىكى COM12 نومۇرى ھەر خىل كومپيۇتېردا ھەر خىل بولۇپ، ئوخشىمىسا ھېچقىسى يوق
ئۇنىڭدىن كىيىن بىز قايتا فورماتلاش ھۆججىتىنى PIT كۆزنىكىنى بېسىپ كۆرسىتىپ بىرىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك


بۇ مەشغۇلاتنى قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئەسلى زاۋۇت ھۆججىتىنى PDA كۆزنىكىنى بېسىپ تاللاپ بىرىمىز. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

ئەسلى زاۋۇت ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى MD5 بولۇپ، يۇقىردا تەمىنلىگەن ئادرىستىن چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ. (ئەسلى زاۋۇت Rom ھۆججىتىنى تاپماق بەك تەسكەن مەن نەچچە كۈن ئىزدەپ تاپالماي، ئاخىرى ئىچكىرىدىكى بىر خەن توردىشىمدىن سوراپ ئالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئەسلى Rom ھۆججىتىنى 300 يۈەندىن يۇقىرى باھادا سېتىۋالىدىكەن). شۇڭا ھۆددە قىلىمەنكى توردا مەن تەمىنلىگەن ئادرىستىن باشقا يەردىن ئەسلا ھەقسىز چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ مەن باشقا نۇرغۇن ھەقسىز دېگەنلىرىنى سىناپ مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەشغۇلات جەريانى بەك مۇھىم.

ئۇنىڭدىن كىيىن Start كۈنۇپكىسىنى بېسىپ مەشغۇلاتنى باشلاپ كەتسەك بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:


ئەگەر مۇۋاپىقىيەتلىك مەشغۇلات قىلغان بولسىڭىز تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك ھالەت شەكىللىنىدۇ.

مۇۋاپىقىيەت ئۇچۇرى

مۇۋاپىقىيەت ئۇچۇرى


ھازىر مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا Rom يېزىش مەشغۇلاتىنى تاماملىدۇق. ئەگەر بۇ جەرياندا يانفۇن ئۆزى قوزغىلالمىسا يانفۇننى قايتا قوزغىتىۋەتسەك بولىدۇ. يانفۇن قوزغالدىمۇ؟ دېمەك سىزنىڭ كېسىكىڭىز ئەمدى ئالتۇنغا ئايلاندى.  لېكىن يەنە بىر مەسىلە شۇكى يانفۇن زاۋۇت ھۆججىتى كورىيەچە بولۇپ، سىزگە ياقماسلىقى تەبئىي، شۇڭا بىرىنچى ئۇسۇل بويىچە يىڭى Rom  تېپىپ يېزىۋەتسىڭىزلا ئىش تامام.
يانفۇن قوزغالغاندىن كىيىن بىز يانفۇننىڭ  SD كارتىنى تونىمىغانلىقىنى ھېس قىلساق بۇنىڭمۇ ھەل قىلىش چارىسى بار. يۇقىرىقى SD كارتىنى تونۇتۇش ھۆججىتى چۈشۈرۈپ شۇنىڭدىكى مەزمۇن بويىچە مەشغۇلات قىلىۋەتسەك بۇ مەسىلىمۇ تەلتۆكۈس ھەل بولغان بولىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرسلىك مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. ھەل قىلالمىغان دوستلار بولسا، ئىنكاس قالدۇرسا بىرلىكتە ھەل قىلساق بولىدۇ. '

ئەسكەرتىش: Rom يېزىش مەشغۇلاتى خەتەرلىك مەشغۇلات، تاساددىپىي مەغلۇب بولۇپ، ئامراق يانفۇنىڭىز كېسەككە ئايلىنىپ قالسا مەن جاۋابكار ئەمەس. ئەمما قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشنى خالايمەن. شۇڭا ئىمكان قەدەر يىڭى ئۆگەنگۈچى بولسىڭىز Rom يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ. ئاللاھدىن ھەممىڭلارغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.
چاقماق گۇرۇپپىسى

1

تېما

7

يازما

53

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
131
ئاقچا
1
wisal727 ۋاقتى: 2012-11-13 18:28:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەنمۇ مۇشۇ يانفۇننى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى ۋاقىت بوپ قالدى. بۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇپ باقتىڭىزمۇ؟ يەنە بىر مەسلە، مېنىڭ يانفۇنۇمغا خەنزۇچە روم قاچىلىغان ئىدىم. ھەممە ئەھۋال نورمال. لېكىن بەزىدە (13) 未注册  دېگەن خەت چىقىۋالىدۇ ، ئاندىن  ئۆزلىكىدىن  كارتىنى باشقىدىن تىزىملىتىپ يەنە نورمال ھالەتكە قايتىپ كېلىدۇ.بۇ قانداق مەسلە؟

14

تېما

864

يازما

118

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3479
ئاقچا
1
amat015 ۋاقتى: 2012-11-13 20:49:26 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ئىنچىكە ھەم تەپسىلى يىزىپسىز. تىمىڭىز ھەقىقەتەن نادىلاشقا ئەرزىگۈدەك ئىجادى تىما بوپتۇ. رەھمەت. ئاللا ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن.

7

تېما

88

يازما

146

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
525
ئاقچا
1
QQ
Bahitkuyi  ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-14 02:45:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
wisal727 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-13 18:28
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەنمۇ مۇشۇ يانفۇننى ئىشلىتىۋاتقىل ...

ئوڭشاتقۇچىلارنىڭ ئىھتىياجى  چۈشمەسلىك سەۋەبىدىن تىخى  ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ بىقىشقا ئىمكانىيەت بولمىدى.  سىزنىڭ تېلېفۇنىڭىزدىكى مەسىلىگە كەلسەك  بۇ خىل ئەھۋال ئاساسەن ئاساسسى تاختىدا مەسىلە بولغانلىقىدىن بولىدۇ.  مىنىڭ بىلىشىمچە كارتا قىسقۇچ  بىلەن ئاساسى تاختا مۇقىم تىگىشمەيدۇ. بۇ پەقەت بىر پەرەز،  بىر چاغدا باشقا بىر خىل تىپتىكى تېلېفون مۇشۇنداق ھالەتتە ئوڭشالغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر سەۋەب: سىز ئىشلەتكەن سىستىمىدا Bug  خاتالىقى (بۇنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى بىلمەيدىكەنمەن شۇڭا شۇنداق دەپ ئاتاۋەردىم) بار ئوخشايدۇ.
ھەل قىلىشنىڭ چارىسى:1. سىستىمىنى خاسلىقىنى زاۋۇت ھالىتىگە قايتۇرۇپ سىناپ بىقىڭ.
2.مۇكەممەل دەپ قارالغان Rom  ھۆججىتىنى قايتا يىزىپ سىناپ كۆرۈڭ.
يۇقارقى ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئوڭشالمىسا  يانفون رېمونت قىلىش ئورنىغا بىرىپ يانفۇنىڭىزنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ.
سىزگە ئامەت تىلەيمەن.
چاقماق گۇرۇپپىسى

7

تېما

88

يازما

146

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
525
ئاقچا
1
QQ
Bahitkuyi  ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-14 02:50:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
amat015 يوللىغان ۋاقتى  2012-11-13 20:49
ناھايتى ئىنچىكە ھەم تەپسىلى يىزىپسىز. تىمىڭىز ھەقىقەت ...

رىغبەتلەندۈرگىنىڭىزدىن تولىمۇ مىننەتدار  بولدۇم. تۇنجى تېما يوللىشىم بولغاچقا نۇقسانلاردىن خالىي  بولالمىغان بولۇشۇم مۈمكىن.  يول كۆرسىتەرسىلەر....
چاقماق گۇرۇپپىسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش