- جۇغلانما
- 525
UID8113
تىزىملاتقان2012-6-17
ئاخىرقى قېتىم2014-11-10
توردا127 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 525
- ئاقچا
- 1

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bahitkuyi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-11 01:12
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىپ تورىدىكى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى ئۇستازلار!
مەن ئالىپ تورىنىڭ ئاددى بىر ئەزاسى، توغرىسىنى ئېيتقاندا سىرتتىن كۆرۈرمىنى. ئالپ تورىغا تىزىملاتقىلى خىلى بوپ قالدى، لېكىن بىرەر تىيما ياكى ئىنكاس يوللاپ باقمىغان ئىدىم. بۇ قېتىم قەتئىي بىر ئىرادىگە كېلىپ، ئۆگىنىشنى ئاساس، ئورتاقلىشىشىنى قوشۇمچە قىلىش نىيىتى بىلەن بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى ۋە كەسپى دائىرەمنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي.
ئىسىم فامىلەم- نۇرئەھمەد سۇلتان. (كۆپىنچە نۇر دەپ قىسقارتىپ ئىشلىتىمەن)
يۇرتۇم: غۇلجا شەھىرى
تۇغۇلغان ۋاقتىم: 1985-يىلى 12-ئاينىڭ 22- كۈنى
ئالاھىدىلىكىم: بىر كۆرگەن نەرسىنى تىزلا ئۆگىنىۋېلىش. ( بۇ ماڭا ئىرسىيەت)
كەمچىلىكىم: قىزىققان
ھازىرقى خىزمىتىم: كومپيۇتېر مۇلازىمەت تىپىدىكى خىزمەت( كىچىك تىپتىكى ئېلان، فىلىم، كومپيۇتېر رېمونتچىلىقى دۇكىنى)
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېر ئالدىدىكى شارائىتىم، نەچچە يىللىق كەسپى تەجىربىلىرىم سەۋەبلىك، ئۆزۈمنىڭ ئالپ تورىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىغا قوشۇلسام دېگەن ئۈمىت پەيدا بولدى. بۇنداق دېيىشىمدىكى ئاساسىم:
1. مەن بىر ئۇيغۇر ، يەنە كېلىپ ئانا تىلىنى، مىللىتىنى، مىللى غۇرۇرىنى قوغداش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلالايدىغان ئوت يۈرەك ئۇيغۇر.
2.كومپيۇتېر ئالدىدا 12 سائەتتىن ئارتۇق خىزمەت قىلىش شارائىتىغا ئىگە. ئادەتتە خىزمىتىم جىددى ئەمەس. چۈنكى ئۆزۈمگە ئۆزۈم خوجايىن.
3.تولاراق مۇشۇ ئاندروئىت تېلېفونى رىمونت قىلىش ( Rom يېزىش، Root ھوقۇقى ئىلىش، ئېچىلماس بوپ قالغانلىرىنى ئىچىش دىگەندەك ئىشلارنى كۆپ قىلىمەن.
4. كومپيۇتېردا ئادەتتە ئىشلىتىدىغان سىستېمىلارنى، Unicode ئۆلچىمى قاتارلىق ئىشلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالايمەن.
مەن ئەمدى كەسپى كومپيۇتېر خىزمەتچىسى ئەمەس، لېكىن ، ئوتتەك قىزغىنلىقىم بىلەن ئۆگىنىۋاتقان بىر ئۆگەنگۈچى. مەن ئەزەلدىن كومپيۇتېر ئىشلىتىشتە بىرەر ئۇستازتۇتۇپ باقمىغان ياكى بىرەر كۇرسلارغا ئوقۇپ باقمىغان. پۈتۈنلەي ئۆزۈم ئۆگىنىش ئارقىلىق ھازىرقى سەۋىيىگە كەلگەن. بۇ تەرەپتىن توردا ماتېرىيال ئىزدەشكە، بىلەلمىگەن، يىشەلمىگەن، چۈشىنەلمىگەن ئىشلىرىمنى ، بەيدۇ، گوگۇل قاتارلىق تورلاردىن ئىزدەپ تېپىپ ئۆگىنىشكە بەك ماھىر.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنىڭ تەرجىمە گۇرۇپپاڭلارغا قوشۇلۇپ، ئۆزۈمنىڭ بىلىمىمنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرلىكتە باشقا تورداشلارغا قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلسام دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم. شۇڭا ئالىپ تورىدىكى باشقۇرغۇچى ئۇستازلارنىڭ ئويلاپ كۆرۈپ، سىناپ بېقىش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، مۇشۇ گۇرۇپپىنىڭ خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ياكى چىقالمايدىغانلىقىمغا ئاساسەن ماڭا پۇرسەت بەرسە دەپ تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلۇم؛ تېلېفون نومۇرۇم: 18999585140 QQ:63187043
دەسلەپكى يازمامدا ئېمىلا خاتالىقى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن قايتا تەھرىرلەپ قويدۇم. خاتالىقىمنى كۆرسىتىپ بەرگەن دوستلارغا سەمىمى رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. |
|