- جۇغلانما
- 1971
UID1431
تىزىملاتقان2011-5-18
ئاخىرقى قېتىم2014-4-9
توردا535 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1971
- ئاقچا
- 26
|
مائارىپ ئې - خېتى يەنى xxx.edu.cn@ دېگەن شەكىلدىكى ئې - خەت بولۇپ، بۇ خىل ئې - خەتنى ئادەتتە مائارىپ ئورۇنلىرى، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلىرىلا ئۆز مەكتىپىدىن ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئې - خەت بىر ھېسابتا سىزنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىڭىزنىڭ بىر خىل ئىسپاتى بولالايدۇ. بۇ خىل ئې - خەتنىڭ پايدىسى كۆپ، نۇرغۇن سېستىما شىركەتلىرى يۇمشاق دېتال ياكى مۇناسىۋەتلىك تاۋارلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار باھادا ساتىدىغان بولۇپ، ئەگەر سىزدە مۇشۇ خىل ئې - خەت بولسا سىزمۇ ماس تاۋار - مەھسۇلاتلارنى ئاشۇ ئوقۇغۇچىلار قاتارىدا ئېتىبار باھادا ئالالايسىز. مەسىلەن : :www.shop.edu.cn تورى مىكروسوفت ھوقۇق بەرگەن، مىكروسوفت قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ھەقىقىي نەشرىدىكى مەھسۇلاتلىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار باھادا ساتىدىغان بىر تور بولۇپ، سىز Windows 8 نىڭ رەسمىي نەشرىنى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تورىدىن سېتىۋالالىغاندىن سىرت يەنە مۇشۇ توردىن خەلق پۇلىغا پۇلنى چىقىم گۆھىرى (支付宝) دىن پۇل تۆلەپ سېتىۋالالايسىز، ئەلۋەتتە، 20 يۈەن ئېتىبارغىمۇ ئېرىشەلەيسىز، بىراق بۇ تورغا پەقەت ئوقۇغۇچىلارلا تىزىملىتالايدۇ، دېمەك، مائارىپ ئې - خېتى دەل مۇشۇ يەردە ئىشلەيدۇ.
بۇ خىل مائارىپ ئې – خېتىنى پەقەت مائارىپ ئورۇنلىرىلا بېرىدۇ، ئەمما ماۋۇ يەردە مىكروسوفتنىڭ ئۆزىنىڭ تارقاتقىنى بار ئىكەن، بۇ يەرگە كىرىپ مائارىپ ئې – خېتى تىزىملىتىپ قويۇڭ~ ئەگەر ھازىر لازىم بولمىسا كېيىن لازىم بولىدۇ~ تىزدىن تىزىملېتىۋىلىڭ، كېيىن تېزىملىتىشنى توختىتىۋېتىشى مۇمكىن.
تىزىملاش ئادرېسى: https://domains.live.com/members ... in=live.shop.edu.cn |
|