|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا romwaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-11-1 10:42
ئەسسەلامۇئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ، ياخشىمۇسىلەر؟ مەن كۆپچىلىككە بىر يانفون تەۋسىيە قىلاي!
ماركىسى: لىيەنشىياڭ
تىپى: ئا 2105
ئېكران چوڭلۇقى: 5دىيۇم
ئېكران سۈزۈكلۈكى: 480✘840
ئىچكى ساقلىغۇچى: 512مېگابات
يادروسى: تاق 1گېگابايت
كامېرا: 500 تۈمەن پېيكسىل
ئالدى كامېرا: 30 تۈمەن پېيكسىل
※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※ ※
بۇ يانفون 2012-يىل 8- ئايدا بازارغا چىققان بولۇپ زاۋۇتتىن چىقىشىغىلا 4.04 روم، پەقەت روت ھوقۇقىغا ئېرشسىڭىزلا ئۇيغۇرچىنى ئالمىدەكلا قوللايدۇ. بۇ يانفوننىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى ئارتۇقچىلىقى بولسا باتارىيىسى چوڭ، يەنى 2500 مىللىي ئامپىر. توكى بەك ياخشى يېتىدىكەن .يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ئېكران بەك چوڭ، يەنى 5دىيۇم. بەزىلەر دېيىشى مۇمكىن ئېكران چوڭ بولسا قولايسىز دەپ، ئەمما مەندەك ئۇيغۇرچىنى 100% تونۇتۇۋالسىڭىز بەك پەيزى بولىدىكەن، خەتلىرى چوڭ چوڭ چىقىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ لىيەنشىياڭ پەد يانفونىنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن. باھاسى 1300 ئەتراپىدا، قوش كارتا قوللايدۇ(تېلىگىراف ئەمەس) ، لېكىن توردىن ئىشەنچىلىك سېتىش دۇكىنى تاپالماي دۇكاندىن ئالدىم 1400 يۈەنگە، ئۈرۈمچى تەۋەسىدە ئەرزانراق. بەلكىم بىرلەشمە تىجارەت زاللىرىدا سۆزلىشىش ھەققىگىمۇ سوۋغا قىلىشى مۇمكىن. سېتىۋېلىپ قالساڭلار روت ئېلىشتىن غەم قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ، ئايفون ياخشى، گۈرۈچمۇ ياخشى، ئەمما لىيەنشىياڭ پەدمۇ بوش ئەمەسكەن. |
|