- جۇغلانما
- 1256
UID8513
تىزىملاتقان2012-7-4
ئاخىرقى قېتىم2015-1-11
توردا146 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1256
- ئاقچا
- 1
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا busugha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-31 11:59
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىپداشلار، مەنHTC EVO 4G تېلىفونىمغا شىياۋمى سېستىمىسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتقان ، بۇ سېستىمىنى ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىپ بېرەلەيدىغان قىلىغىلى بولامىكىن دەپ سېستىمىنىڭ libicooc.so ھۆججىتىنى ۋە فونتنى ئۆزگەرتىپ ھوقوق بېرىپ سىناپ باقسام ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى، باشقا تورلارغا قاراپ باقسام گۈرۈچفونغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش دەرسلىكى باركەن، ئەمما باشقا تېلىفونلارغا ئۆزگەرتىپ ياسىغان گۆرۆچ سېستىمىسىغا ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇش دەرسلىكىنى تاپالمىدىم،شۇڭا ئىزدىنىشچان ئالىپ ئەھلىدىن ياردەم سوراپ ئۈشبۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، تەجرىبىلىك تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىرلىرىگە تەشنامەن.
تۆۋەندىكىسى يۇقىرىقى مەسىلە ھەل بولۇپ بولغاندىن كىيىنكى مەسىلە:
ئەقىللىق تورداشلىرىمنىڭ ئاستىغا قالدۇرغان ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن تېلىفونىمغا گۈرۈچ سېستىمىسىنىڭ v4نۇسخىسىنى قاچىلاپ خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرىۋىدىم تېلىفونىمدا سۆيۈملۈك ئانا تىلىمىز نورمال كۆرۈندى، شۇنىڭ بىلەن يەنە سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، گۈرۈچفوننىڭ پۈتۈنلەي ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغان نۇسخىسى بارمىدۇ؟ ئەگەر شۇنداق نۇسخىسى بولسا ئاشۇ ئۇيغۇرچە سېستىمىلىق گۈرۈچفوننىڭ سېستىمىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزۈمنىڭ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان سېستىمامنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرايمىكىن دىگەن، تورداشلارنىڭ يەنە قىممەتلىك كۆرسەتمىلىرىگە تەشنامەن! |
|