چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ياخشى شىركىتى بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى ئالدىن قۇتلۇقلايدۇ .
چېچەن كىرگۈزگۈچىسى سىناق نۇسخسى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 30-كۈنى تارقىتىلغان بولۇپ ، ئۇلۇغ قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى 1.0 رەسمىي نۇسخىسى تارقىتىلدى .
سىناق نۇسخىدا بايقالغان بارلىق مەسىلىلەر تۈزىتىلدى ،360 قاراۋۇلى تەستىقىدىن ئۆتتى ھەمدە 360 يۇمشاق دېتال باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن سىرت نامزات سۆز تەرتىۋى جەھەتتە ئازراق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلدى . (سىناش خىزمىتىگە قاتنىشىپ تەكلىپ –پىكىر بەرگەن دوستلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز )
چېچەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى Windows مۇھىتىدا ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش دېتالى بولۇپ ، XP/Vista/Win7/win8 قاتارلىق مەشغۇلات سېستىمىلىرىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ . (ۋاقتىنچە win8 metro دا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ ، ئۈستەل نۇسخىسىدا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، كىيىنكى نۇسخىدا بۇ مەسىلىنىمۇ چوقۇم ھەل قىلىمىز )
چېچەن كىرگۈزگۈچ ئاساسلىق ئىقتىدارى :
1. ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنالايسىز، سۆزلۈك ئامبىرى تەجرىبىلىك كوررېكتورلارنىڭ تەكشۈرىشىدىن ئۆتكەن.
2.ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگۈچ، چېچەن كىرگۈزگۈچىسى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىرگۈزۈش ئادىتىنى ئەستە ساقلايدىغان بولۇپ، كۆپ ئىشلەتكەن سۆزلىرىڭىزنى نامزات سۆزلۈك قاتارىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنىغا تىزىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
3.يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئەگەر سىز يېڭى ئۆگەنچى بولسىڭىز يۇمشاق كۇنۇپكا تاختىسىنى قوزغىتىپ ، كۇنۇپكا تاختىسى ئارقىلىق ( ياكى كۇنۇپكا تاختىسىغا قاراپ ) خەت كىرگۈزسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.
4. كىرگۈزۈش سۈرئىتىڭىز تېزلىشىدۇ، سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزنىڭ باش ھەرپلىرىنى كىرگۈزسىڭىزلا ، چېچەن سىزگە كىرگۈزگەن ھەرپلىرىڭىزگە ماس كېلىدىغان ، كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى نامزات سۆز قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
5.سۆز بىرىكمىسى كىرگۈزۈش تېخىمۇ قولايلىق ھەم تېز، مەسىلەن: ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز پەقەت ‹‹ ش ۇ ا ر ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ، ‹‹ ئۈرۈمچى شەھىرى ›› دىگەننى يازماقچى بولسىڭىز ‹‹ ۈ ش ›› ئىككى ھەرپنى كىرگۈزسىڭىزلا بولىدۇ. ( سۆز بېرىكمىسى يازغاندا ئەمزە ‹‹ ئ ››قوشۇپ يېزىشىڭىز ھاجەتسىز )
6.كۆپ خىل كىرگۈزگۈچ ئۇسلۇبى تەمىنلەندى، ئۆزىڭىز ياقتۇرغان ئۇسلۇب، رەڭلەرنى تاللاپ ئىشلىتەلەيسىز. يەنە شىركىتىمىز تەمىنلىگەن Chichenicc ئۇسلۇب لايىھەلەش قورالى ئارقىلىق ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان پاسوندىكى ئۇسلۇبلارنى ياساپ ئىشلىتەلەيسىز.
7.بىر كۇنۇپكا بىلەنلا ئەڭ يېڭى سۆزلۈك ئامبىرىنى ئىشلىتەلەيسىز، سۆزلۈك ئامبىرىنى توردا يېڭىلاشقا بولىدۇ، شىركىتىمىز سۆزلۈك ئامبىرىنى داۋاملىق تولۇقلايدۇ، سۆزلۈك ئامبىرى يېڭىلاش ئۈچۈن دېتالنى قايتا قاچىلىشىڭىز ھاجەتسىز.
8.shift كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە، لاتىنچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرالايسىز، ئىنتايىن قولايلىق.
9.قاچىلاش باسقۇچى ئاددىي، قولايلىق؛ قاچىلاشتىن ئىلگىرى ياكى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن كومپيۇتېرىڭىزنىڭ تەڭشەكلىرىنى ئۆزگەرتىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.
چېچەن ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى .
چېچەن كىرگۈزگۈچ توربېتى (كىرگۈزگۈچ چۈشۈرۈش ) ئادرېسى :
http://ime.izda.com
چېچەن كىرگۈزگۈچ ئىشلىتىش قوللانمىسى ئادرېسى :
http://ime.izda.com/ime/help
مەزكۇر ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ھەقسىز يۇمشاق دېتال.
نۇسخا نومۇرى : چېچەن 1.0
مەزكۇر دېتالنىڭ بارلىق ھوقۇقى ياخشى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىگە تەۋە
مەنبەسى:
http://www.izda.com/index.php?m= ... tid=59&id=71820