تارىختىكى 10 چوڭ يامان ۋىرۇس
1. سىخ CIH، بۇ ۋىرۇس 1998-يىلى تارقالغان بولۇپ، 98/95Win نىڭ ئىجراچان ھۆججەتلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، بۇ خىل ۋىرۇس Windows مۇھىتىدا تارقىلىدىغان بولۇپ، بۇزغۇنچىلىقى ۋە يۇشۇرۇنچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. يامانلىقى تۇتۇپ قالسا ھەتتا BIOS نىمۇ قايتا يېزىۋىتەلەيدۇ. ھازىرغىچە دۇنيادا تەخمىنەن 20- 80مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان كەلتۈرگەن.
2. مېلىسسا (Melissa 1999-يىلى)، مېلىسسا ناھايىتى تېز تارقىلىدىغان ماكرو ۋىرۇس، ئۇ ئېلېكترونلۇق يوللانمىلار ئارقىلىق تارقىلىدۇ، لېكىن ئۇ ھۆججەت ياكى باشقا مەنبەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلمايدۇ. لېكىن ئۇ كارخانا ۋە ئېلېكترونلۇق يوللانما مۇلازىمېتىرلىرىنىڭ پروگراممىسىنى توختىتىپ قۇيالايدۇ. چۈنكى ئۇ تارقاتقان زور مىقداردىكى ئېلېكترونلۇق يوللانمىلار ئېلېكترونلۇق يوللانما ئۇچۇر ئېقىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى تارقىلىپ، %15-%20 گىچە سودا كومپيۇتېرلىرىغا يۇقۇملىنىپ، 3-6مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان كەلتۈرگەن.
3. سېنى سۆيىمەن (I Love You 2000-يىلى) ۋىروسى مېلىسسا ئوخشاشلا ئېلېكترونلۇق يوللانما ئارقىلىق يۇقىدۇ. ئۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى مېلىسسادىن چوڭ بولۇپ، يەرلىكتىكى ھۆججەت، سۈرەت ۋە ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈۋېتەلەيدۇ. تەخمىنەن 1-1.5 مىليون ئامېرىكا دوللىرى زىيان كەلتۈرگەن.
4. قىزىل كود (Code Red 2001-يىلى) بىر خىل پارازىتلىق ۋىرۇس. ئۇ مۇلازىمېتىر ئېغىزى 80 ئارقىلىق تارقىلىدۇ. بۇ ئېغىز دەل مۇلازىمېتىر بىلەن تور كۆرگۈ ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان ئېغىز. باشقا ۋىرۇس بىلەن ئوخشىمايدىغىنى بۇ ۋىرۇس ۋىرۇس ئۇچۇرلىرىنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مۇلازىمېتىردىكى قاتتىق دېسكىغا يازمايدۇ، بەلكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مۇلازىمېتىردىكى ئەسلەك(ئىچكى ساقلىغۇچ) تا تۇرىدۇ. دۇنيادا تەخمىنەن 2 مىليون 800مىڭ ئامېرىكا دوللىرى زىيان پەيدا قىلغان.
5. SQL Slammer بۇ ۋىرۇس 2003-يىلى تارقالغان بولۇپ، بىرخىل DDOS قەبىھ پروگراممىسى. ئۇ تارقاق شەكىلدە مۇلازىمەتنى توسۇش شەكلى ئارقىلىق مۇلازىمېتىرغا يوقىدۇ. ئۇ SQL Server نىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ مۇلازىمەتنى توسۇپ، 1434 ئېغىزى ھەمدە ئەسلەك(ئىچكى ساقلىغۇچ) تە SQL Server غا يوقىدۇ. يۇقۇملانغان SQL Server يەنە زور مىقداردا تارقىلىپ، مۇلازىمەتنى توسىدۇ ۋە يوقۇملاندۇرۇپ، SQL Server نى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئۇمۇ Red Code غا ئوخشاش ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مۇلازىمېتىردىكى ئەسلەك(ئىچكى ساقلىغۇچ) تا تۇرىدۇ. دۇنيادا تەخمىنەن 500 مىڭ مۇلازىمېتىر مۇشۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان. كورىيەدە پۈتۈن تور 12 سائەت پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغان.
6. زەربە دولقۇنى (Blaster 2003-يىلى)، بۇ ۋىرۇس مىكروسوفت شىركىتى شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى تارقاتقان RPC يوچۇقىدىن پايدىلىنىپ تارقالغان. ئىشقىلىپ RPC مۇلازىمىتى بار بولغان ھەمدە بىخەتەرلىك يامىقى ئورناتمىغان كومپيۇتېرلاردا RPC يوچۇقى مەۋجۇت بولىدۇ، سىستېما بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يوقۇملانغاندىن كېيىن كومپيۇتېردا تۆۋەندىكىدەك ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ: سىستېما بايلىقى زور سىغىم ئىگىلەيدۇ، بەزىدە RPC مۇلازىمىتى ئۈزۈلگەنلىك ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ، ھەمدە سىستېما ئۈزلۈكسىز قايتا قوزغىلىدۇ، ئې-خەت يوللىغىلى-تاپشۇرۋالغىلى، ھۆججەتلەرنى نورمال كۆچۈرگىلى، تور بەتلەرنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ، چاپلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلار ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرايدۇ، DNS ۋە ISS مۇلازىمىتى يولسىز رەت قىلىنىدۇ. بۇ ۋىرۇس شۇ زامانلاردا دۆلىتىمىزدە ناھايىتى نامدار ۋىرۇس بولۇپ قالغان. دۇنيادا ئۇنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان كومپيۇتېرلار كۈرمىڭ.
7. زومىگەر قۇرت (Sobig.F 2003-يىلى)، بۇ Sobig پارازىت قۇرتىنىڭ 5- خىل ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئىنتايىن كۈچلۈك يۇقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. خەتەرلىك يوچۇقلار ئارقىلىق يەرلىك سانلىق مەلۇماتلارغىمۇ ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ.
8. بەگلە (Bagle 2004-يىلى)، ئۇ بىر خىل ئېلېكترونلۇق يوللانمىلار ئارقىلىق تارقىلىدىغان پارازىت تىپلىق ۋىرۇس، ئۇ ئېلېكترونلۇق يوللانما سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ تارقىلىدۇ. ھەمدە Windows سىستېمىسىدا Backdoor قۇرىدۇ، ھازىرغىچە شۇنداق. بۇ ۋىرۇسنىڭ بۇزغۇنچىلىق دەرىجىسى ئېغىر، تارقىلىش دائىرىسى كەڭ. بۇنىڭ بۇزغۇنچىلىقى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتىدۇ.
9. My Doom، بۇ ۋىرۇس 2004 يىلى تارقالغان بولۇپ، ۋىرۇس بىلەن ئەخلەت يوللانمىلارنى ئۆزئارا بىرىكتۈرۈش تېخنىكىسى قوللانغان. تېز سۈرئەتتە كارخانا ئېلېكترونلۇق يوللانما سىستېمىسىدا تارقىلىپ، يوللانمىلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۋېتىپ، تورغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ۋىرۇس ياكى ئەخلەت يوللانما بولسۇن ۋە ياكى قايسى خىل شەكىلدە بولمىسۇن ئىشلەتكۈچىلەرگە يەتكۈچە ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنىمىزدە بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىكىشى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ ساندىكى ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ئەھۋالنى بىلمىگەچكە، بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىنىڭ باشقا ۋىرۇسلاردىن تېز بولۇشىغا تۈرتكە بولماقتا. MessageLabs تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، My Doom ۋىرۇسى يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، ھەر 10 پارچە يوللانمىنىڭ بىرسى مۇشۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن، ئالدىنقى يىلىدىكى Sobig ۋىرۇسى ھەر 17 پارچە يوللانمىنىڭ بىرسىگە يۇقىدىكەنتۇق. My Doom ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئەڭ ئېغىر بولغاندا جاھاندىكى تور سۈرئەتلىرى زور دەرىجىدە ئاستىلاپ كەتكەن.
10. سىلكىنىش دولقۇنى (Sasser 2004-يىلى)، بۇ ۋىرۇس سىستېمىسىدا يۇچۇق بار كومپيۇتېرلارنى توردا ئاپتوماتىك ئىزدەيدۇ، ھەمدە بۇ كومپيۇتېرلارغا ۋىرۇس ھۆججەتلىرىنى چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىدۇ، شۇڭا بۇنىڭ تارقىلىش ۋە قوزغىلىش جەريانىغا ئادەم ئارلاشمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئىشقىلىپ ياماق پروگراممىسى ئورنىتىلمىغان ھەمدە تورغا چېتىلغانلىكى كومپيۇتېرلارغا يۇقىدۇ. بۇ ۋىرۇسنىڭ ئالاھىدىلىكى ئەينى ۋاقىتتىكى زەربە دولقۇنىغا ئوخشاش بولۇپ، سىستېمىدىن چاتاق چىقىرىدۇ، ھەمدە كومپيۇتېر توختىماي ئۆزلىكىدىن قايتا قوزغىلىدۇ.
مەنبە: يارۇق بلوگى
|