- جۇغلانما
- 486
UID1729
تىزىملاتقان2011-6-11
ئاخىرقى قېتىم2014-11-10
توردا53 سائەت
ئاكتىپ ئەزا
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 486
- ئاقچا
- 5
|
مەزكۇر لۇغەت سۈرەت،رەسىم ۋە ئاۋاز بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنۋېرسال يېشىل نۇسخىدىكى لۇغەت بولۇپ،قىستۇرمىللىرى ئايرىم قاچىلاش شەكلىدە تەمىنلەنگەن،بۇ نۇسخىسىدىكى ئالاھىدىلىكلەر بولسا بۇرۇنقى نۇسخىسىدا ساقلانغان بەزى ئىچكى خاتالىقلار تۈزىتىلدى،ھەم ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈك ئامبىرىدىكى ئىندېسكىلاپ ساقلانغان سۆزلۈك 72 مىڭغا يەتكۈزۈلدى(داۋاملىق تولۇقلىنىۋاتىدۇ...)،مۇشۇ لۇغەتنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى تولۇقلاشقا قاتناشقان دوستلارغا لۇغەتنى ئىشلىتىپ پايدىلىنىۋاتقان ،كەڭ تورداشلار نامىدىن ئالاھىدە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەزكۇر لۇغەتنى سىناش خىزمىتىگە قاتناشقانلارغا رەھمەت ئېيتىمىز.
لۇغەتنىڭ بۇ نەشىرىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ۋە مەشغۇلات ئەسكەرتمىسى ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە 3خىل تىللىق قىلىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ،تەمىنلەنگەن تىل ھۆججىتىدىن پايدىلىنىپ يېڭى تىل قوشۇشقا بولىدۇ.
لۇغەتنىڭ تور نۇسخىسى ۋە ئاندرويد نۇسخىسى تاماملاندى(مۇلازىمىتېر ھازىرلىنىپ بىللە تارقىتىلىدۇ)،كېيىنىكى قەدەمدە ئاللا خالىسا ئايفون نۇسخىسى ۋە Windows Mobile نۇسخىسى ،linux ,ئالما نۇسخىسى ياسىلىدۇ.
بۇ بىر ئۇنۋېرسال لۇغەت بولۇپ،لۇغەت ئامبىرى ۋە ئىقتىدارلىرى قىستۇرما تەمىنىلەش شەكلى ۋە ئايرىم قاچىلاش شەكلىدە قوشۇلىدۇ.
لۇغەتنىڭ كۆرۈنمە يۈزى تۆۋەندىكىدەك:
چۈشۈرۈلمىدىكى EraDict2.5.exe بولسا لۇغەت پروگىراممىسى، لۇغەت پىروگىراممىسنى بىر قېتىم قوزغىتىۋەتسىڭزى لۇغەت لۇغەت تۇنجى قوزغالغالغاندا ئۆزىگە كېرەكلىك مۇندەرىجىنى تەييار قىلىدۇ ھەم خەت نۇسخىسىنى قاچىلايدۇ شۇڭا بەزى ۋىروسخورلار تۇسۇپ بېقىشى مۇمكىن،لېكىن دېتالدا ۋىروس يوق،خاتېرجەم ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
لۇغەتنىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ھەم تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلىرىنى بىلىش ئۈچۈن لۇغەتنى قوزغىتىپ بولۇپ لۇغەتتىكى «ياردەم» كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ياردەم ھۆججىتىنى تەپسىلىي بىر كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز.
لۇغەت پروگگىراممىسى پەقەت «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە» سۆزلۈك ئامبىرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،باشقا تەييارلانغان سۆزلۈك ئامبارلىرى لۇغەت ئورگان بېتىدە تەمىنلەندى ھەم داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ،شۇ يەردىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.(سۆزلۈكنى چۈشۈرگەندىن كېيىن پىرىستىن يېشىپ "لۇغەت تاللاش "تىكى "قوشۇش " تىن قوشسىڭىز ياكى يېشىلگەن ھۆججەتنى
D:\Program Files\EraDict\DATA غا كۆچۈرۈپ لۇغەتنى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ)
چۈشۈرۈش ئادرېسى: چۈشۈرۈڭ
تېخىمۇ كۆپ تەپسىلىي تەپسىلاتقا قىزىقسىڭىز http://www.newera.cc/show.asp?id=261 مۇنۇ ئادرېستىن كۆرۈڭ.
تورداشلارنىڭ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ خاتالىق ۋە مەسلىلەر بولسا سەمىمىي تەكلىپ بېرىشىنى ۋە قوشۇشقا تېگىشلىك يېڭى ئىقتىدار بولسا تەشەببۇس قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:خاتالىق بولسا ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ،تۈزىتىلگەن نۇسخىسىنى تېخىمۇ كۆپ تورداشلارغا ۋاقتىدا تەمىنلەش ئۈچۈن بۇ دېتال باشقا تور بەتلەردە تارقىتىلسا چۈشۈرۈش ئادرېسى ئۆزگەرتىلمىسە(بىزنىڭ مۇقىم بوشلۇقتىنلا چۈشۈرسە) ھەم سۆزلۈك ئامبىرى ئايرىم چۈشۈرۈشكە تەمىنلەنمىسە.
ھۆرمەت بىلەن:يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزى
2012-يىل 10 ئاي (ئۈرۈمچى)
www.newera.cc
|
|